د ئۇ ق ياۋروپا پارلامېنتىدا «جازا لاگېرلىرى» غا قارشى پائالىيىتىنى باشلىدى
2019.01.08

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ئەلچىلىرىنى خەلقئارادا «جازا لاگېرلىرى»، «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» دەپ ئەيىبلىنىۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلارنىڭ بىر قىسمىنى زىيارەت قىلدۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ قىلمىشلىرىنى ئاقلاش تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىۋاتقان پەيتتە ياۋروپا پارلامېنتىدا خىتاينىڭ «جازا لاگېرلىرى» غا قارشى پائالىيەتلىرىنى باشلىدى.
ميۇنخېندىن 7-يانۋار يولغا چىققان دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۈگۈن، يەنى 8-يانۋار كۈنى ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشۈشنى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى زىيارەتلىرىنى رەسمىي باشلىغان.
د ئۇ ق رەئىسىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى زىيارىتىدە «ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى» نىڭ رەئىسى ئەنۋەرجان ئەپەندىمۇ ھەمراھ بولغان بولۇپ، ئۇ خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختىنى «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» ۋە «ساخاروف مۇكاپاتى» غا نامزات كۆرسىتىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش مەقسىتىدە ياۋروپا پارلامېنتىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 30-كۈنىگىچە 12 دۆلەتنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرىنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى «قايتا تەربىيەلەش مەركىزى» نى زىيارەت قىلدۇرۇپ، بۇ تەربىيەلەش مەركەزلىرىنىڭ غەرب كۈچلىرى ئېيتقاندەك «جازا لاگېرلىرى» ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنغان. ئۇ سۆزىدە، ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرىنى بۇ مەسىلىگە سەگەك مۇئامىلە قىلىشقا ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۈنى ب د ت دا ئۆتكۈزۈلگەن ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ 96-نۆۋەتلىك يىغىنىدا، ب د ت خادىملىرى: «بىز خىتاي دائىرىلىرىدىن ئۇيغۇر دىيارىدىكى قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرىنى زىيارەت قىلىشنى تەكرار تەلەپ قىلغان بولساقمۇ، بۇنىڭغا جاۋاب ئالالمىدۇق» دەپ ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. ئوخشاش تەلەپنى ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ھەمدە گېرمانىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان. ئەمما خىتاي دائىرىلىرى رەت قىلغان ياكى جاۋاب بەرگىلى ئۇنىمىغان. ئۆتكەن يىلى نويابىردا يەنە غەرب دېموكراتىك ئەللىرىنىڭ بېيجىڭدىكى 15 نەپەر ئەلچىسى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى چېن چۇەنگوغا مەكتۇپ يوللاپ، ئۇيغۇر دىيارى ۋەزىيىتىدىن مەلۇمات سورىغاندىمۇ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ سۆز قىلىپ، چەتئەل ئەلچىلىرىنى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىقنى تەلەپ قىلغان.
گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ 8-يانۋاردىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قېتىم ب د ت خادىملىرىنى ياكى جازا لاگېرلىرىنى زىيارەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ ئەلچىلىرىنى ئەمەس، بەلكى رۇسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان، ئافغانىستان، ھىندىستان، پاكىستان، مالايسىيا، ھىندونېزىيە، تايلاند ۋە كۇۋەيتتىن ئىبارەت 12 دۆلەتنىڭ ئەلچىلىرىنى ئاتالمىش «قايتا تەربىيەلەش مەركىزى» نى زىيارەت قىلدۇرغان.
د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، خىتاينىڭ «دۇنيانى ئالداش ئۈچۈن ئويۇن ئويناۋاتقانلىقى» نى تىلغا ئالدى. د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىتمۇ ئوخشاش كۆزقاراشنى تەكىتلىدى.
د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى بىر ھەپتىلىك زىيارەتلىرى جەريانىدا بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى ۋە «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» خادىملىرى بىلەن خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا قارشى 2019-يىللىق پائالىيەت پىلانلىرىنى مۇزاكىرە قىلىدىكەن.