14-ئۆكتەبىر فىرانسىيەدىكى نوپۇزلۇق تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىن بىرى بولغان فىرانسىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيىسى 5-قانىلىنىڭ كەچلىك بىر سائەتلىك پروگراممىسىدا ئۇيغۇر ئېلىغا بېرىپ مەخسۇس ئىشلەنگەن ھۆججەتلىك فىلىم «ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلگەن.
مەزكۇر فىلىم فىرانسىيەلىك ژۇرنالىستلار تەرىپىدىن ئىشلەنگەن بولۇپ، ئۇلار بۇ فىلىمنى سۈرەتكە ئېلىش ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن سۆھبەتلىشىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىغا ئىككى قېتىم بارغان.
فىلىمدا ئاساسلىقى قەشقەر مەركەز قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ خىتاي كومپارتىيىسى تەرىپىدىن يوق قىلىۋېتىشكە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىگەن. فىلىمدا يەنە 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل ۋەقەسىدە پەرزەنتلىرى غايىب بولغان ئاتا-ئانىلار ۋە شۇنداقلا قەشقەردىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتلەرمۇ كۆرسىتىلگەن.
فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئەپەندى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.