2-دېكابىر كۈنى توكيودا «خىتايدىكى ئىچكى ئەزالارنى يۆتكەپ سېتىش مەسىلىسى ھەققىدە ئويلىنىش» ناملىق خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلغان بولۇپ، يىغىندا كانادا، تەيۋەن قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردىن كەلگەن بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر دوكلات سۆزلىگەن.
دوكلات چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككى يېرىمدىن كەچ سائەت ئالتە يېرىمغا قەدەر داۋاملاشقان بولۇپ، دوكلاتقا ياپونىيەدىكى بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، يەرلىك پارلامېنت ئەزالىرىدىن بولۇپ يۈزدىن ئوشۇق كىشى قاتناشقان.
قەدىرلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، ھازىر ئاڭلاۋاتقىنىڭلار، توكيو توشىبا رايونلۇق مەدەنىيەت مەركىزىدە ئىچىلىۋاتقان «خىتايدىكى ئىچكى ئەزالارنى يۆتكەپ سېتىش مەسىلىسى ھەققىدە ئويلىنىش» ناملىق خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئاۋازى.
مەزكۇر يىغىننى ياپونىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىدىن «خىتايدىكى مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىپ كۆچۈرۈش ھەرىكىتىنى توختىتىش» تەشكىلاتى تەشكىللىگەن بولۇپ، يىغىندا كانادانىڭ ئاتاقلىق كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى داۋىد ماتاس، كانادانىڭ سابىق تەپتىشى ۋە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان مەسىلىلىرى بويىچە دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى داۋىد كىلگور، تەيۋەن تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرى خۇاڭ شىۋېي ۋە تەيۋەنلىك كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى جۇ ۋېنچى خانىم قاتارلىقلار ئۆزلىرىنىڭ يېقىنقى بىر قانچە يىللاردىن بۇيان خىتاي تۈرمىلىرىدىكى سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى يۆتكەپ سېتىش مەسىلىلىرى توغرىسىدا ئېلىپ بارغان تەتقىقاتى ۋە پائالىيەتلىرى توغرىسىدا دوكلات بەرمەكتە.
يىغىندا ئالدى بىلەن، كانادانىڭ سابىق تەپتىشى ۋە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان مەسىلىلىرى بويىچە دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى داۋىد كىلگور ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتە ئىزدىنىپ يازغان كىتابى ھەققىدە كۆپچىلىككە قىسقىچە دوكلات بېرىپ، دوكلاتىدا ئاساسلىقى خىتاي تۈرمىلىرىدىكى فالۇڭگۇڭ مۇرىتلىرى، ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرى ۋە تىبەت راھىبلىرىنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى يۆتكەپ سېتىش مەسىلىسىگە دائىر بەزى بىر ھۆججەتلىك ماتېرىياللار توغرىسىدا توختالدى.
دوكلاتىدىن كېيىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان داۋىد كىلگور: «بىر قانچە كۈندىن بۇيان ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىرى ۋە شۇنداقلا ياپونىيە ھۆكۈمەت ئەربابلىرى بىلەن خىتاي تۈرمىلىرىدىكى سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى يۆتكەپ سېتىش مەسىلىسى توغرىسىدا سائەتلەپ سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. مەقسىتىمىز ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتە مەخسۇس قانۇن ماقۇللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت» دېدى.
تەيۋەنلىك كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى جۇ ۋېنچى خانىم دوكلاتىدا 2016-يىلى تەيۋەن ھۆكۈمىتى مەخسۇس قانۇن ماقۇللاپ تەيۋەنلىك بىمارلارنىڭ خىتايغا بېرىپ ئىچكى ئەزا يۆتكەش ئوپېراتىيەسى ئېلىپ بېرىشىنى توختاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان جۇ ۋېنچى خانىم:«يەر شارىدا ئىنسانلارنىڭ ئىچكى ئەزاسىنى تاۋار قىلىپ سېتىۋاتقان بىرلا دۆلەت بار. ئۇ بولسىمۇ خىتاي كومپارتىيەسىدۇر. خىتاي كومپارتىيەسى فالۇڭگۇڭ مۇرىتلىرى، ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرى ۋە تىبەت راھىبلىرىنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى يۆتكەپ سېتىپ خەلقئارادا پۇل قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا بىز ياپونىيەدىكى بىمارلارغا خىتايغا بېرىپ ئىچكى ئەزا يۆتكەش ئوپېراتىيەسى ئېلىپ بارماسلىق توغرىسىدا سۆزلەپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بۇ قىلمىشىنىڭ ماھىيىتىنى چۈشەندۈرۈۋاتىمىز» دېدى.
تەيۋەن تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرى خۇاڭ شىۋېي دوكلاتىدا، ئۆزىنىڭ خىتايغا بېرىپ خىتايدىكى ئىچكى ئەزالارنى يۆتكەپ سېتىش دوختۇرخانىلىرى توغرىسىدا توپلىغان بەزى بىر ھۆججەتلىك ماتېرىياللارنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بەلگىلىك ئىقتىسادىي ياردىمىگە ئېرىشكەن خىتايدىكى بەزى دوختۇرخانىلارنىڭمۇ بۇ خىل ئىچكى ئەزا يۆتكەپ سېتىش سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
ئۇ، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى:«خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بۇ خىل زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقانلار تۈرمىلەردىكى فالۇڭگۇڭ مۇرىتلىرى، ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرى دوختۇرخانىلاردا سېتىلماقتا. بىز ھەممىمىز بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى توسۇشقا تىرىشساق، ئىشىنىمەنكى، بىر كۈنى چوقۇم ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىمىز.»
دوكلاتتىن كېيىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيەدە خىتاي ۋە ياپون تىللىرىدا نەشر قىلىنىدىغان «يېڭى ئېرا» گېزىتىنىڭ مۇخبىرى چو موتو ئۆز تەسىراتىنى بايان قىلىپ:«كانادالىق ۋە تەيۋەنلىك مۇتەخەسسسىلەرنىڭ بۇ ھەقتە يىغىن ئەھلىگە يەتكۈزگەن ئۇچۇرلىرى كۆپچىلىكنى تولىمۇ ھەيران قالدۇردى. بولۇپمۇ، ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتە كۆپلەپ ئىزدىنىپ ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىرى ۋە بىر قىسىم سىياسىي ئەربابلارغا بۇ ھەقتە قانۇن ماقۇللاش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىغا مەن شەخسەن رەھمەت ئېيتماي تۇرالمايمەن» دېدى.
ئاخىرىدا بۇ قېتىمقىي ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشقان ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تۇرمۇھەممەت ھاشىم بۇنىڭدىن كېيىن ياپونىيەدە ئېلىپ بېرىلىدىغان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى تەشۋىق قىلىش پائالىيەتلىرىدە، تۈرمىلەردىكى ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرىنىڭ ئىچكىي ئەزالىرىنى يۆتكەپ سېتىش مەسىلىسى ھەققىدىمۇ كۆپلەپ تەشۋىقات ئېلىپ بېرىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.
ياپونىيەدىكى مۇناسىۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن ئىگىلىشىمىزچە، 4-دېكابىر كۈنى ھازىر ئەنگلىيەدە ھىجرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر دوختۇر ئەنىۋەر توختى ئەپەندى خىتايدىكى ئىچكىي ئەزالارنى يۆتكەپ سېتىش مەسىلىسى توغىرىسىدا ياپونىيەنىڭ ئوساكا شەھىرىدە دوكلات سۆزلەيدىكەن.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.