خىتاي ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىكى ئىدېئولوگىيە كۈرىشى چەتئەللەردىكى پائالىيەتچىلەرنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2016.12.16
xinjiang-universiiteti-diniy-esebiylikning-mahayiti-we-ziyini-namliq-leksiye-2014.jpg «شىنجاڭ ئۈنۋېرسىتىتى» دا ئۇيۇشتۇرۇلغان «دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ ماھىيىتى ۋە زىيىنى» ناملىق لېكسىيەدىن بىر كۆرۈنۈش. 2014-يىلى مارت، ئۈرۈمچى.
RFA/Qutlan

يېقىندا خىتايدىكى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى كۈرەش قايتىدىن جانلانغان. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئۆلكىلىرىدە بۇ ھەرىكەت «ئۇنىۋېرسىتېتلاردا غەرب ئىدېئولوگىيىسىنىڭ يامرىشىغا قارشى تۇرۇش»، « دېموكراتىيە بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنۇش خاھىشىغا زەربە بېرىش» نامىدا ئېلىپ بېرىلغان بولسا، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا «بۆلگۈنچىلىككە ۋە دىنىي رادىكاللىققا قارشى تۇرۇش» نامىدا ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار سىياسىي ئۆگىنىشلەرگە ئۇيۇشتۇرۇلغان. خىتايدىكى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا داۋاملىشىۋاتقان بۇ خىل ئىدېئولوگىيە كۈرىشى چەتئەللەردىكى پائالىيەتچىلەرنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىدى.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان خىتاي ۋەزىيىتى ئانالىزچىلىرى ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ قارىشىچە، دائىرىلەر قوزغىغان بۇ خىل ھەرىكەتلەر خىتاي پۇقرالىرىنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى تېخىمۇ بوغۇپ، خىتاي دۆلىتىنىڭ قايتىدىن 60-، 70-يىللاردىكى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى دەۋرىگە چېكىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.

بۇ مەۋسۈملۈك ئوقۇش ئاياقلىشىش ھارپىسىدا، خىتايدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا يەنە بىر قېتىملىق سىياسىي ئۆگىنىش دولقۇنى قوزغالغانلىقى خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن مەلۇم بولماقتا. خىتاي خەلق تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 7-، 8-دېكابىر كۈنلىرى خىتاي پايتەختى بېيجىڭدا مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپلەرنىڭ سىياسىي خىزمەت يىغىنى چاقىرىلغان بولۇپ، يىغىندا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ سۆز قىلىپ، ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا سىياسىي تەلىم تەربىيىنى كۈچەيتىشنى تەكىتلىگەن. خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ مەكتەپ تورلىرىدىكى خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە خىتايدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا قىشلىق تەتىلدىن ئىلگىرىكى سىياسىي ئۆگىنىشتە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ 7-دېكابىر سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

خىتاي ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، قىشلىق تەتىلدىن ئىلگىرى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇلغان سىياسىي ئۆگىنىشلەردە، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ 7-دېكابىردىكى سۆزىنى ئۆگىنىش بىلەن بىرلىكتە يەنە، بۇ يىل 8-ئايدا خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن تارقىتىلغان ئالىي مەكتەپلەردە غەرب قىممەت قارىشى ئىپادىلەنگەن ئىدېئولوگىيىنىڭ يامرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش» ئۇقتۇرۇشىغا ئائىت كونكرېت ھۆججەت-ماتېرىياللارنى ئۆگىنىش ۋە ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار ئىپادە بىلدۈرۈش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلغان.

ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا «بۆلگۈنچىلىككە ۋە دىنىي رادىكاللىققا قارشى تۇرۇش» نامىدا ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار سىياسىي ئۆگىنىشلەرگە ئۇيۇشتۇرۇلغان.

ئۈرۈمچىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ مەكتەپ تور بېكىتىدىكى خەۋەرلەردىن ئىگىلىشىمىزچە، ئۈرۈمچىدىكى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىقلاردا 12-، 13-دېكابىر كۈنلىرى سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىلىپ، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ 7-دېكابىر سۆزىنى ئۆگىنىشكە ۋە مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ «ئالىي مەكتەپلەردىكى ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى خىزمەت» ناملىق ھۆججەتلەرنى ئۆگىنىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم ئۇنىۋېرسىتېتتىن ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئوقۇتقۇچى، ئۆز مەكتىپىدىكى ئەھۋالنى بايان قىلىپ، «ھەر ھەپتىنىڭ چارشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىنكى سىياسىي ئۆگىنىشىمىز يەنىلا ئىلگىرىكى يىللاردىكىدەك داۋاملاشماقتا. ھەتتا يەنىمۇ كۈچەيتىلدى دېسەم بولىدۇ. چۈنكى، ھازىر بۇ مەۋسۈملۈك دەرسلەر ئاياقلىشىپ، بەزى دەرسلەردىن سىناقلار ئېلىنىشقا باشلىدى. ئەمما ئوقۇتقۇچىلار ئوخشاشلا ئالدىراش بولۇپ كەتتۇق. چارشەنبىلىك ئۆگىنىشتە رەئىسىمىز شى جىنپىڭنىڭ 7-دېكابىر ئالىي مەكتەپ خىزمەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش بىلەن بىرلىكتە بۇ يىل مائارىپ مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن رەسمىي ئېلان قىلىنغان «ئۇنىۋېرسىتېتلاردا غەرب قىممەت قارىشى ئىپادىلەنگەن ئىدېئولوگىيىنىڭ يامرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش» ھەققىدىكى ھۆججەتنى رايونىمىزنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، «مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي رادىكاللىق ئىدىيىسىنىڭ يامرىشىغا قارشى تۇرۇش» شوئارى ئاستىدا ئۆگىنىۋاتىمىز. قىشلىق تەتىلگە ئاز قالدى، دەرسلىرىمىز ئازايدى، ئەمما ئوقۇتقۇچىلار ھازىر سىياسىي ئۆگىنىشلەر بىلەن ئالدىراش ئۆتىۋاتىمىز» دېدى.

خىتايدىكى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا يېقىندىن بۇيان قايتىدىن ئەۋج ئېلىۋاتقان سىياسىي ئۆگىنىش دولقۇنى چەتئەللەردىكى خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى، زىيالىيلىرىنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىدى.

چەتئەللەردىكى خىتاي ۋەزىيىتى كۆزەتكۈچىلىرىدىن نيۇيورك شەھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي پەنلەر پروفىسسورى، ۋەزىيەت ئانالىزچىسى شيا مىڭ ئەپەندى ۋە ئىلگىرى شىخەنزىدىكى ئوقۇتقۇچىلار تەربىيىلەش ئىنىستىتىتوتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، نۆۋەتتە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان سىياسىي ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندىلەر خىتاي ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سىياسىي ئۆگىنىش دولقۇنى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

پروفېسسور شامىڭ ئەپەندى مۇنداق دېدى: «بۇ يىل كىرىشى بىلەن خىتاي ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا قايتىدىن سىياسىي ئۆگىنىش شامىلى قوزغالدى. ئىلگىرى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا سىياسىي ساپانى تەكىتلەش، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە تىبەت ئاپتونوم رايونى قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىدا قاتتىق تەكىتلىنىدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر ئانالىزلارنى كۆرەتتۇق. ئەمما، خىتاينىڭ يېڭى نۆۋەتلىك رەئىسى شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن بۇيان، پۈتكۈل خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردىمۇ «غەرب قىممەت قارىشىنىڭ يامرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش» نامىدا سىياسىي ئۆگىنىش يەنى مىڭە يۇيۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. ھازىرقى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئىلمىي ئەمگەك ئەمەس، بەلكى سىياسىي تەلىم تەربىيىنى تەكىتلەش شامىلىنىڭ بۇ قەدەر كۈچىيىشى شى جىنپىڭ دەۋرىدە خىتايدا دېموكراتىيە ۋە پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ ئەڭ قاتتىق كونترول قىلىشقا ئۇچراۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى.»

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى 7-دېكابىر بېيجىڭدا ئېچىلغان «ئالىي مەكتەپلەرنىڭ سىياسىي خىزمەت يىغىنىغا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ قاتنىشىشى ۋە ئۇنىڭ يىغىندا ئالىي مەكتەپلەردە سىياسىي ئۆگىنىشنى چىڭ تۇتۇشنى تەكىتلىشى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ ئەھۋالنىڭ شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز ھاكىمىيىتىدىن ئەنسىرەش سەۋەبىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئالىي بىلىم ئىگىلىرى ئارىسىدا غەرب دېموكراتىك ئىدىيىسىنىڭ يەنىمۇ كېڭىيىشىدىن ساقلىنىش تاكتىكىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئېلشات ئەپەندى بايانىدا خىتاي ئۆلكە، شەھەرلىرىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئېلىپ بېرىىۋاتقان سىياسىي ئۆگىنىشلەر بىلەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى سىياسىي ئۆگىنىشلەردە تەكىتلىنىدىغان مەزمۇنلاردىكى پەرق ھەققىدىمۇ توختالدى.

ئېلشات ئەپەندى بايانىدا، ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان رايونلاردىكى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا يەنە «مىللىي بۆلگۈنچىلىك، دۆلەتنى پارچىلاش ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيىلىرىگە زەربە بېرىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تەكىتلەش» دىگەن مەزمۇنلارنىڭ ئاساسىي ئۆگىنىش نىشانى قىلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، بۇ ئەھۋالنىڭ شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز ھاكىمىيىتىگە بولغان نارازىلىق كەيپىياتىنىڭ كۈچىيىشىدىن ئەنسىرەش بىلەن بىرلىكتە، ئۇيغۇر، تىبەت رايونلىرىنىڭ خىتايدىن بۆلۈنۈپ چىقىپ كېتىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئېلشات ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، نۆۋەتتىكى ئومۇمىي خىتاي ۋەزىيىتى ھەققىدىمۇ توختىلىپ، ئۇنىۋېرسىتېتلاردا بارغانچە كۈچەيتىلىۋاتقان سىياسىي تەلىم تەربىيە شامىلىنىڭ، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60-، 70-يىللىرىدىكى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى دەۋرىدىكى سولچىل ۋەزىيەتنى ئەسلىتىدىغانلىقىنى نۆۋەتتە ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدىمۇ سىياسىي تەشۋىقاتلارنىڭ تەكىتلىنىشى، سىياسىي ئۆگىنىش نامىدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆزىنى تەكشۈرۈشكە مەجبۇرلىنىشى قاتارلىق ۋەزىيەتنىڭ بىر تۈركۈم ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئىلمىي تەتقىقات مۇھىتى بارغانچە سۇسلاشقان ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن ۋە ئۆزى سۆيۈپ تاللىغان دەرس مۇنبىرىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.