0:00 / 0:00
قەشقەردىكى بىر لاگېر ساقچىسى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتنىڭ بۈگۈن ئاڭلىتىلىدىغان قىسمىدا لاگېردىكى كادىرلارنىڭ سانى، ۋەزىپىسى ۋە ئۇلارنىڭ بويسۇنۇشقا تېگىشلىك تۈزۈملىرى ھەققىدە داۋام قىلىدۇ.
مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر ساقچى ۋەزىپە ئۆتىگەن لاگېردا ھەر بىر قەۋەتتە 10 دىن كادىر ۋەزىپە ئۆتەيدىكەن. كادىرلار دەرس ئۆتۈشتىن باشقا تۇتقۇنلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدىكەن. لاگېردىكى كادىرلارنىڭ پۈتۈن پائالىيىتى كامېرادا كۆزىتىلىدىكەن.
كادىرلارنىڭمۇ تۇتقۇنلارغا ئوخشاشلا ئۆيىگە قايتىشىغا رۇخسەت بېرىلمەيدىغان بولۇپ، پەقەت جىددىي ئەھۋال چىقىپ قالغاندا يۇقىرى دەرىجىلىك بىر رەھبەرنىڭ يازما رۇخسەتنامىسىدىن كېيىنلا لاگېر دەرۋازىسىدىن چىقىشىغا يول قويۇلىدىكەن.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.