خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا چەتئەل زىيارەتچىلىرىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن يەنە ساختا سەھنە ھازىرلاۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2019.02.01
lager-muxbir-ziyaret.jpg خىتاي ھۆكۈمىتى بىر گۇرۇپپا چەتئەل مۇخبىرلىرىنى تەشكىللەپ، «قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نى زىيارەت قىلدۇرۇۋاتقان كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 4-يانۋار.
REUTERS

«خەلقئارا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى» نىڭ باش كاتىپى دوكتور يۈسۈپ ئوسمان 20‏-يانۋار كۈنى يازغان بىر تۋىتتېر ئۇچۇرىدا ئۆزلىرىنىڭ پات يېقىندا ئۇيغۇر رايونىغا بىر تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەۋەتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. تۈنۈگۈن قەشقەردىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى تام ئاتلاش ئارقىلىق رادىيومىزغا خەت يېزىپ، ئۆزلىرىنىڭ تەتىل مەزگىلىدە مەكتەپكە يىغىۋېلىنغانلىقى ۋە مەكتەپتە چەتئەلدىن كېلىدىغان بىر تەكشۈرۈش ئۆمىكىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن ساختا سەھنە ھازىرلىنىۋاتقانلىقىنى پاش قىلدى. مۇخبىرىمىزنىڭ قەشقەر ۋە خوتەنگە قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارىتى داۋامىدا مەزكۇر ئەھۋالنىڭ راستلىقى دەلىللەندى.

مەزكۇر ئوقۇغۇچىنىڭ مەكتۇبىدا دېيىلىشىچە، قەشقەردىكى مەلۇم بىر ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى 15‏-يانۋار كۈنى مەكتەپتىن قويۇۋېتىلىپ، 18‏-يانۋار كۈنى قايتىدىن يىغىۋېلىنغان. 28‏-يانۋار كۈنى چەتئەللىك زىيارەتچىلەرنىڭ كېلىپ قېلىش ئېھتىماللىقى بارلىقى ئۇقتۇرۇلۇپ، ئۇلارنىڭ شۇنىڭغا قارىتا ھەر كۈنى چوڭ تازىلىق قىلىشى كېرەكلىكى ئۇقتۇرۇلغان. ئاندىن ھەر بىر سىنىپتىن 5-10 گە قەدەر دەرستە ياخشى ئوقۇغۇچىلار تاللاپ چىقىلىپ، ئۇلارغا يۇقىرىدىن كەلگەن باشلىق چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا قانداق جاۋاب بېرىش ھەققىدە كۆرسەتمە بەرگەن. 28‏-يانۋار كۈنى تاللاپ تەربىيىلەنگەن بۇ ئوقۇغۇچىلار مەكتەپنىڭ 1‏-ۋە 2‏-قەۋىتىدىكى سىنىپلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. قالغانلىرى 3‏-ۋە 4‏-قەۋەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، تۆۋەنگە چۈشمەسلىككە بۇيرۇلغان. يۇقىرى قەۋەتتىكى ئوقۇغۇچىلار بىلەن مەكتەپنىڭ ئاشپەز ۋە دەرۋازىۋەنلىرىگە زىيارەتچىلەر سوئال سورىسا ئۇلارنىڭ ھېچنېمە دېمەسلىكى ئۇقتۇرۇلغان. ئەگەردە بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلسا ئائىلە ئەزالىرى بىلەن بىللە يىغىۋېلىش لاگېرىغا ئەۋەتىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇلغان. شۇ كۈنى مەكتەپتىكى پۈتۈن ئوقۇغۇچى ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ يانفونلىرى يىغىۋېلىنغان. مەكتۇپتا دېيىلىشىچە، شۇ كۈنى مەكتەپكە ھېچقانداق تەكشۈرۈش ئۆمىكى كەلمىگەن. مەكتەپ رەھبەرلىرى تەكشۈرۈشنىڭ كېچىككەنلىكىنى ئۇقتۇرغان. 31‏-چېسلا قايتىدىن تەتىلگە قويۇۋېتىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن بۇ ئوقۇغۇچى ئوخشاش تەييارلىقنىڭ كەنت ۋە ئىدارە-جەمئىيەتلەردىمۇ ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى سىنىپتىكى ساۋاقداشلىرىدىن ئۇققانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
خوتەندىكى ئاھالىلەردىن بىرىنىڭ دېيىشىچە، بۇنىڭدىن بىر ھەپتە بۇرۇن ئۆزلىرىگە يۇقىرىدىن تەكشۈرۈش ئۆمىكى كېلىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش قىلىنغان. ئۇقتۇرۇش دۈشەنبە كۈنىدىكى بايراق چىقىرىش يىغىنىدا ئۇقتۇرۇلغان. ئۇقتۇرۇشتا ئاھالىلەرنىڭ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكىلەر بىلەن ئۇچراشقاندا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە بولغان مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈشى تەلەپ قىلىنغان. رادىيومىزغا كەلگەن مەكتۇپتا ئەگەردە مەكتەپتە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى كېلىپ ئوقۇغۇچىلاردىن «تەربىيىلەش مەركىزى» گە دائىر سوئال سوراپ قالسا، ئۇلارنىڭ «تەربىيىلەش مەركەزلىرىگە كىشىلەر ئۆز ئىختىيارى بىلەن بېرىۋاتىدۇ، ئۇ يەردە تىل ۋە ھۈنەر ئۆگىنىۋاتىدۇ» دەپ جاۋاب بېرىشى لازىملىقى تاپىلانغان. تېلېفونىمىزغا جاۋاب بەرگەن ئاھالىمۇ ئۆزلىرىگە «تەربىيىلەش مەركەزلىرى» ھەققىدە سوئال سورىلىپ قالسا، ئۇلار «دىنىي ئەسەبىيلىك» نىڭ خەلققە كۆپ زىيان سالغانلىقىنى، شۇڭا بۇ مەكتەپلەرنىڭ ئېچىلغانلىقىنى، بۇنىڭ خەلققە پايدىلىق بولۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلىشى ئۆگىتىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. 

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، «خەلقئارا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى» نىڭ باش كاتىپى يۈسۈپ ئوسمان ئەپەندى 20‏-يانۋار كۈنىدىكى تۋىتتېر ئۇچۇرىدا ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى يېقىندىن كۆزەتكەنلىكى ۋە بۇ ھەقتە خىتاي تەرەپ بىلەن سۆزلەشكەنلىكى، خىتاي تەرەپنىڭ مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ بىر تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتىشىگە ماقال بولغانلىقى بايان قىلىنغان. رادىيومىزغا مەكتۇپ يازغان ئوقۇغۇچى مەكتۇبىدا 24‏-يانۋاردىن ئېتىبارەن خوتەننىڭ بەزى يول دوقمۇشلىرىدىكى ۋە خوتەن چوڭ بازاردىكى بەزى تەكشۈرۈش پونكىتلىرىنىڭ يۆتكىۋېتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. قەشقەردىكى مەلۇم بىر ئىدارە ئورگاننىڭ قوغداش خادىمىمۇ ئۆزلىرىگە 10 كۈن ئاۋۋال يۇقىرىدىن بىر تەكشۈرۈش ئۆمىكى كېلىدۇ دەپ ئۇقتۇرۇش قىلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. 

خىتاي دائىرىلىرى لاگېرلار ھەققىدە خەلقئارا جامائەت پىكرىنىڭ بېسىمىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، يېقىنقى بىر ئاي ئىچىدە ئىككى نۆۋەت چەتئەل تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى تەكشۈرۈشىگە يول قويغان. ئەمما بۇ ئۆمەكلەر ئاساسەن خىتاينىڭ خەلقئارا سەھنىدىكى ئىتتىپاقداش دۆلەتلىرىدىن تەشكىللەنگەنلىكى ئۈچۈن تەكشۈرۈش نەتىجىسى خەلقئارا جامائەتنى قايىل قىلالمىغان. شۇ چاغدىمۇ چەتئەل مۇخبىرلىرى ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىشتىن ئاۋۋال ساختا سەھنە ھازىرلىغانلىقى رادىيومىز تەرىپىدىن خەۋەر قىلىنغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.