«مۇستەملىكە شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلار» ناملىق ئەسەر تۈركىيەدە نەشر قىلىندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2018-08-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
تۈركىيەدە يېقىندا نەشر قىلىنغان «مۇستەملىكە شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلار» ناملىق كىتابنىڭ مۇقاۋىسى.
تۈركىيەدە يېقىندا نەشر قىلىنغان «مۇستەملىكە شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلار» ناملىق كىتابنىڭ مۇقاۋىسى.
RFA/Erkin Tarim

ئۇيغۇر دىيارىدا ئانا تىلدىكى مائارىپنىڭ چەكلىنىشى بىلەن چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى يېزىقچىلىق ۋە نەشرىياتچىلىق پائالىيەتلىرىمۇ كۈچەيمەكتە. بۇنىڭدىن ئىككى يىل بۇرۇن تۈركىيەگە قېچىپ كېلىپ، كاستامونۇ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ماگىستىرلىق ئىلمىي ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇۋاتقان مەخمۇتجان ئەپەندىنىڭ «ۋولقان بۇغرا» دېگەن تەخەللۇس بىلەن يازغان «مۇستەملىكە شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلار» ناملىق كىتابى يېقىندا ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىندى.

بۇ كىتاب ئىستانبۇلدىكى تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان بولۇپ، بىز مەزكۇر كىتابنىڭ ئاپتورى مەخمۇتجان ۋولقان بۇغرا ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىدە بۇ كىتابنى يېزىش پىكرىنىڭ قانداق ئوتتۇرىغا چىققانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. 

ئاپتور ۋولقان بۇغرا ئەپەندى مەزكۇر كىتابنىڭ مەزمۇنى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ، مۇنداق دېدى: «كىتاب مۇقەددىمە، خاتىمە ۋە 6 بابدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بىرىنچى بابىدا كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرقى شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرى، ئىككىنچى بابىدا مۇستەملىكە شەرقىي تۈركىستان دىن قېچىش كەچمىشلىرىم، ئۈچىنچى بابىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى مۇرەككەپ رۇمى ھالەتلىرى، تۆتىنچى بابىدا كوممۇنىست خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىچكىي-تاشقىي سىياسەتلىرى، بەشىنچى بابىدا كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى دىپلوماتىيەسى، ئالتىنچى بابىدا ‹مۇستەملىكە شەرقىي تۈركىستان سېنى چاقىرىۋاتىدۇ› دېگەن مەزمۇنلار بايان قىلىنغان.»
ۋولقان بۇغرا ئەپەندى كىتابىدا نۇقتىلىق ھالدا ئۆزىنىڭ سەرگۈزەشتلىرىنى بايان قىلغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خىتاينىڭ مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان نۆۋەتتىكى بېسىم سىياسەتلىرىگە بولغان كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. 

كىتابنى نەشر قىلغان تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ باشلىقى ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنغان كىتابلارغا بولغان تەلەپنىڭ بارغانسېرى ئېشىۋاتقانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن كېيىنكى كۈنلەردە ئۇيغۇرچە كىتابلارنى كۆپلەپ نەشر قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ كىتابتا ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى يىللاردىكى ئەھۋالى بايان قىلىنغان بولغاچقا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. 

كىتابنى ئوقۇغان ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى تۇرسۇن ئېلى بۇ كىتابنى ئوقۇپ نۇرغۇن يېڭى مەلۇماتلارنى ئۆگىنىۋالغانلىقىنى بايان قىلدى. 

كىتابنى ئوقۇپ چىققان ژۇرنالىست مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندى «مۇستەملىكە شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلار» ناملىق كىتابنىڭ چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىگە «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى ئۆگىتىش، ئۇلارنى مىللىي دەۋاغا قىزىقتۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە،» دېدى.

«مۇستەملىكە شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلار» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى مەخمۇتجان ئەركىن ئەپەندى 1981-يىلى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئاتۇش شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن بىر مەزگىل مەلۇم بىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇنى «ئوقۇغۇچىلارغا غەربنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلدىڭ» دەپ ئەيىبلەپ خىزمەتتىن ھەيدىۋەتكەن ئىكەن. ئۇ 2016-يىلى تۈركىيەگە كەلگەن. ھازىر تۈركىيەدىن ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسى ئارقىلىق ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە ئېلىپ كېتىلىشنى كۈتۈپ تۇرماقتا ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت