د ئۇ ق ساھىبخانىلىقىدا ميۇنخېندا چاقىرىلىدىغان ئۇ ن پ ئو يىغىنىنىڭ ھازىرلىقى پۈتتى
2014.06.26
ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى (ئۇ ن پ ئو )ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ يىغىنى د ئۇ ق قاتارلىق خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ ساھىبخانىلىقىدا 27-ئىيۇن كۈنى باۋارىيە پارلامېنتىدا چاقىرىلىدىغان بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن تەكلىپ قىلىنغان مۇتەخەسسىسلەر، سىياسىيونلار بۈگۈن ميۇنخېن شەھىرىگە توپلاندى.
د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بۈگۈن بەرگەن مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئۇ ن پ ئو ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن تەكلىپ قىلىنغان ياۋروپا پارلامېنتى، باۋارىيە پارلامېنتى ۋە ياۋروپا ئەللىرىدىكى كۆپلىگەن سىياسىيونلار، مۇتەخەسسىسلەر ميۇنخېن شەھىرىگە يېتىپ كەلگەن. بۈگۈن كەچ مېھمانلار شەرىپىگە زىياپەت ھازىرلانغان بولۇپ، ئەتە يەنى 27-ئىيۇن كۈنى چۈشتىن بۇرۇن باۋارىيە پارلامېنتىدا ئېچىلىش مۇراسىمى ۋە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدىكەن.
«مىللىي، دىنىي ۋە تىل جەھەتتىكى ئازسانلىقلار راستىنىلا دۇنيا سىياسىي جۇغراپىيە شاھمات تاختىسىدىكى پىچكىمۇ؟» ناملىق بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرى ۋە ئۇيغۇر جامائىتىدىن باشقا، تىبەتلىكلەر، قىرىم تاتارلىرى، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى خادىملىرى، خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى ۋەكىللىرى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋەكىللىرى قاتارلىق كۆپلىگەن تەشكىلاتلارنىڭ خادىملىرى بىلەن بىرگە يەنە، ياۋروپا پارلامېنتى ۋەكىللىرى، باۋارىيە پارلامېنتى ۋەكىللىرى ھەمدە ھەرقايسى ئەللەردىن كەلگەن سىياسىيونلار، مۇتەخەسسىسلەر قاتنىشىپ ئىلمىي دوكلات تەقدىم قىلىدىكەن.
بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى، ئۇ ن پ ئو ئىجرائىيە كومىتېتى ئەزاسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. دىققىتىڭلار بۇ سۆھبەت خاتىرىسىدە بولغاي.