بېيجىڭدىكى قارامايلىق ئانىلار: قارامايدا كۆچمەنلەر ئىشقا ئېلىندى، بالىلىرىمىز ئۆز يۇرتىمىزدا ئىشسىز قالدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2013.05.30
qaramay-xitay-kochmen.jpg خىتاي ئۆلكىلىرىدىن قارامايغا يۆتكەپ كېلىنگەن كۆچمەنلەر.
RFA

دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرمىغانلىقى ئۈستىدىن ئەرز قىلىپ بېيجىڭغا كەلگەن قارامايلىق ئاتا-ئانىلار زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، نۆۋەتتە قارامايدىكى ئىش پۇرسەتلىرىنىڭ ئىچكى ئۆلكىلەردىن كەلگەن خىتاي كۆچمەنلىرىگە بېرىلىپ، قاراماينىڭ ئۆزىدە تۇغۇلۇپ ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇپ كەلگەن ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەردىن 5000 دىن ئارتۇق ياشنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلماي، ھەر خىل پاجىئەلەر يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇلار يەنە بۇ خىل تەڭسىزلىكنى ئۆزلىرىنىڭ ئاۋازى ئارقىلىق دۇنياغا ئاڭلىتىشنى تەلەپ قىلدى.

«بىز سەككىز ئانا بالىلارنىڭ خىزمەت ئىشى توغرىلىق قارامايدىن بېيجىڭغا 2-قېتىم كېلىشىمىز،كەلگىنىمىزگە 18 كۈن بولدى. ئەمما بىزنىڭ ئەرزىمىزنى قوبۇل قىلىدىغان ئورۇن چىقمىدى. بالىلىرىمىز ھەممىسى ئالىي مەكتەپلەرنى تۈگەتكەن ستۇدېنتلار. ئىشسىز يۈرۈۋاتقىلى ئالدى 10 يىل، كەينى 3-4-يىل بولدى. ياشلىرىمىز چىقىش يولى تاپالمىدى. ئاخىرى بىز ئاتا-ئانىلار بۇ ئەھۋاللارغا چىدىماي ئىسيان كۆتۈرۈپ چىقتۇق. بۇ يىل 2-ئاينىڭ 24-كۈنى بىرىنچى قېتىم كەلگەن ئىدۇق. ئۇلار بىزگە ئىشىڭلارنى قاراماينىڭ ئۆزىدە ھەل قىلىدۇ دەپ قايتۇرۇۋەتتى. 40-50 تەك ئاتا-ئانا ھەر كۈنى دېگۈدەك قارامايدىكى ھۆكۈمەت ئىشخانىسىغا باردۇق. ئەمما قارامايدا ئەرزىمىز قوبۇل بولمىدى. شۇڭا بۇ قېتىم 7 ئۇيغۇر، بىر قازاق سەككىز ئانا يەنە ئەرز قىلىپ بېيجىڭغا كەلدۇق.»

مانا بۇ، يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان ئالىي مەكتەپلەرنى تۈگىتىپ، يۇرتى قارامايغا قايتقاندىن كېيىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلماي ئۇزۇن يىل ئىشسىز قالغان ئۇيغۇر ستۇدېنتلارنىڭ ئانىلىرىدىن بىرەيلەننىڭ، 29-ماي كۈنى رادىئويىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان چېغىدا دېگەن سۆزلىرى.

دىلبەر خانىمنىڭ بايان قىلىشىچە، نۆۋەتتە قارامايدا ئىش كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنىڭ پەرزەنتلىرى تەخمىنەن 5000دىن ئاشىدىغان بولۇپ، ئەگەر بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان 1200 ستۇدېنت قوشۇلسا، بۇ بالىلارنىڭ سانى 6000دىن ئاشىدىكەن. ئەمما خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ھەر يىلى تۈركۈم-تۈركۈملەپ خىتاي كۆچمەنلىرى قاراماي نېفىتلىكىگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئايلىق مائاشى 5000 سوم دەپ بەلگىلىنىدىكەن، ھەقسىز ئولتۇراق ئۆي بېرىلىپ رەسمىي ئىشچىلىققا قوبۇل قىلىنىدىكەن، بۇ ئەھۋال قاراماينىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن بەدەل تۆلىگەن يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.

دىلبەر خانىم سۆزىدە، بۇ قېتىم كەلگەن 8 خانىمنىڭ ھەممىسىنىڭ 50 ياشتىن يۇقىرى، دەم ئېلىشقا چىققان ئانىلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ 2-قېتىم بېيجىڭغا كەلگەندىن بۇيان ئۇلارنى ئېلىپ كېتىش ئۈچۈن قارامايدىن كەلگەن قاراماي ئەرزىيەت ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىسى كۈرەش، قاراماي سىياسىي قانۇن ئىشخانىسىنىڭ خىزمەتچىسى ئابدۇرېشىت قاتارلىقلار تەرىپىدىن تەھدىتكە ئۇچراپ، بېيجىڭدىكى دۆلەت ئامانلىقىنى قوغداش ساقچىلىرى تەرىپىدىن تەقىب قىلىنىش، نازارەت قىلىنىش، ھەتتا سولاپ قويۇلۇشتەك قىسمەتلەرگە يولۇققانلىقىنى بىلدۈردى.

قارامايدىن بېيجىڭغا ئەرز قىلىپ كەلگەن ئاتا-ئانىلار ھەققىدىكى خەۋەر ئۇيغۇربىز تورىدا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئۆتكەن ھەپتىدىن بۇيان خەلقئارا مەتبۇئاتلاردىن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى،تۈركىيە، خوڭكوڭ قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلار مەتبۇئاتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى. تۈنۈگۈن 29-ماي كۈنى ئۇيغۇر بىز تورى، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى قاتارلىقلاردا قارامايدىن كەلگەن ئاتا-ئانىلارنىڭ ھۆكۈمەت خادىملىرى تەرىپىدىن نازارەت قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر بېرىلگەندىن كېيىن قاراماي دائىرىلىرىمۇ ئىنكاس قايتۇردى.

ئۇيغۇربىز تورىنىڭ بۈگۈن يەنى 30-ماي كۈنىدىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، قاراماي شەھەر باشلىقىنىڭ ياردەمچىسى ئابدۇسالام قارامايدىن ئەرز ئۈچۈن بېيجىڭغا بارغان ئاتا-ئانىلارنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەتچى ئەۋەتكەنلىكىنى ئىنكار قىلغان. ئۇ يەنە شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ يېرىم يىل ئىلگىرىلا ئەرزدارلارغا ئۇلارنىڭ ئىشىنىڭ ھەل قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

قارامايدىن بېيجىڭغا كەلگەن ئانىلاردىن دىلبەر خانىم بولسا، دائىرىلەرنىڭ ئۇلارنىڭ ئەرزىگە نىسبەتەن ئۈزلۈكسىز ئېتىبارسىز مۇئامىلىدە بولۇشى، ھەتتا تەقىب ئاستىغا ئېلىشى، ئاتا-ئانىلارنى ئۈمىدسىزلەندۈرگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، نۆۋەتتە ئۆزلىرىنىڭ پەقەت خەلقئارا مەتبۇئاتلارغا مۇراجىئەت قىلىش ئارقىلىقلا، ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەر ئۇچراۋاتقان تەڭسىزلىكلەرنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاشكارىلاشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.