خىتاي ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ ئاتالمىش ساقچى قەھرىمانلار ھەققىدىكى تىزىملىكىدە «ئىنقىلابىي قۇربان» دەپ نام بېرىلگەن ئابدۇقادىر ئابدۇكېرىمنىڭ توققۇزاقنىڭ تاشمىلىق يېزىسىدىن ئىكەنلىكى ۋە ئۇنىڭ ئۇنىڭ گۇماندارلارنى سوراق قىلىۋېتىپ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى بايان قىلىنغان ئىدى. بۈگۈن مۇخبىرىمىز تاشمىلىققا تېلېفون قىلىپ، ئۇ يەردىكى خادىملار ۋە ئاھالىلەردىن مەلۇمات سورىدى. زىيارەت داۋامىدا بىر نەپەر ساقچى خادىمىدىن باشقىلار ئابدۇقادىر ئابدۇكېرىمنىڭ كىملىكى ۋە ئىش-ئىزىدىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتتى. بۇ ئەھۋال تىزىملىكتىكى ئۆلۈم ئىزاھاتىغا قارىتا بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى..
يۇقىرىقى تېلېفون زىيارەتلىرىدىن مەلۇمكى ئاتالمىش ساقچى قەھرىمانلىرىدىن ئابدۇقادىر ئابدۇكېرىمنىڭ كىملىك ۋە ئىش ئىزلىرىدىن ئۇنىڭ يۇرتداشلىرى خەۋەرسىز، سەپداشلىرى يەنى خىزمەتداشلىرى بولسا بۇ ھەقتە جاۋاب بېرىشكە ئامالسىز. بۇ ئەھۋال ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەردە مەزكۇر تىزىملىكتىكى ئۇيغۇر ساقچىلارنىڭ ئۆلۈم سەۋەبىگە قارىتا گۇمان قوزغىماقتا. بۇ گۇمانلار ھەققىدە ئەتىكى پروگراممىمىزدا مەلۇمات بېرىمىز.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.