ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا سىياسىي لاياقەت شەرتى بىرىنچى ئۆلچەم قىلىنىدىغانلىقى جاكارلاندى
2013.11.28

يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلىرىغا «سىياسىي جەھەتتىن لاياقەتلىك بولۇش» شەرتىنىڭ ئەڭ ئالىي ئۆلچەم قىلىنىدىغانلىقى جاكارلانغان.
«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 26-نويابىردىكى سانىدا بۇ ھەقتە مەخسۇس خەۋەر بېسىلغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى نۇقتىلىق 3 ئالىي مەكتەپنىڭ 6 نەپەر بىرىنچى قول مەسئۇلى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىپادە بىلدۈرگەن. شۇ كۈنى ئۈرۈمچىدە چاقىرىلغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى مائارىپ ئەمەلىيىتى مەخسۇس تېمىلىق يىغىنىدا مەزكۇر مەسىلە تاراتقۇلارغا ئاشكارىلانغان.
مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختى شۇ كۈنى «ئۇيغۇر بىز» تورى ئارقىلىق پىكىر بايان قىلىپ، بۇ «شىنجاڭ دائىرىلىرىنىڭ ناھايىتى خەتەرلىك تاللىشى ۋە خاتا ھۆكۈمى» دېگەن. ئۇ يەنە «بۈگۈنكى تور دەۋرىدە دائىرىلەرنىڭ ئىدىيە ۋە پىكىر ئەركىنلىكىنى كونترول قىلىش ئارقىلىق مۇقىملىقنى ساقلايمەن دېيىشى ناھايىتى كۈلكىلىك ئىش» دەپ كۆرسەتكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، 26-نويابىردىكى يىغىندا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كومپارتىيە سېكرېتارى ئىلى جۇڭياۋ ۋە مەكتەپ مۇدىرى تاشپولات تىيىپ، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كومپارتىيە سېكرېتارى لياڭ چاۋ ۋە مەكتەپ مۇدىرى ۋەلى بارات، قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ كومپارتىيە سېكرېتارى شۈ يۋەنجى ۋە مەكتەپ مۇدىرى ئەركىن ئۆمەر قاتارلىقلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىپادە بىلدۈرگەن.
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سېكرېتارى ئىلى جۇڭياۋ سۆزىدە «ئالىي مائارىپ ساھەسىنى مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشتىكى تەۋرەنمەس بازىغا ئايلاندۇرۇش زۆرۈر» لىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ بۇندىن كېيىن «ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيىلەشتە ئالدى بىلەن سىياسىي جەھەتتىن لاياقەتلىك بولۇش شەرتىنى قويىدىغانلىقى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنى ھەر بىر سۆز ۋە ھەرىكەتتە مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى مۇستەھكەم ئىستىھكام» غا ئايلاندۇرىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن.
ئىلگىرى ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم ئالىي مەكتەپتە ئۇزۇن مەزگىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، ھازىر ياۋروپادا ياشاۋاتقان پەزىلەت خانىم ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى چېكىدىن ئاشقان بۇ خىل سىياسىي ئاتموسفېرانىڭ ئەمەلىيەتتە خېلى بۇرۇنلا يىلتىز تارتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ كومپارتىيە سېكرېتارى شۈ يۋەنجىنىڭ سۆزى ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى بىلىم ئادەملىرىنى تېخىمۇ ئەندىشىگە سالغان. ئۇ سۆزىدە «ئۇزۇندىن بۇيان، قەشقەر ئۈچ خىل كۈچلەرنىڭ ئېغىر بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچراپ كەلگەن، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك يامرىغان رايون بولۇپ قالدى. شۇڭا قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنى ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى ئالدىنقى سەپكە ئايلاندۇرۇش كېرەك» دېگەن. ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا تېخىمۇ ئېنىق ئىپادە بىلدۈرۈپ، «مەكتەپنىڭ بىرىنچى قول مەسئۇلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن سىياسىي جەھەتتىن لاياقەتلىك بولمىغان ئوقۇتقۇچى ۋە كادىرلارنى كەسپىي ئىقتىدارى ھەرقانچە كۈچلۈك بولسىمۇ قەتئىي ئۆستۈرمەيمەن. سىياسىي جەھەتتىن لاياقەتلىك بولمىغان ئوقۇغۇچىلارنى ھەرگىزمۇ مەكتەپ پۈتتۈرۈشىگە يول قويمايمەن» دەپ جار سالغان.
ئىلگىرى ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم كەسپىي ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، ھازىر شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئابدۇشۈكۈر مەمەت بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ ئۆز قاراشلىرىنى بىلدۈردى.
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى تاشپولات تىيىپ، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋەلى بارات ۋە قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى ئەركىن ئۆمەر قاتارلىقلىقلارمۇ ئايرىم-ئايرىم ئىپادە بىلدۈرۈپ ئۆزلىرى باشقۇرۇۋاتقان ئالىي مەكتەپلەردە پۈتۈن كۈچى بىلەن سىياسىي ئۆلچەمنى مۇھىم تۇتقا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلار يەنە، ئالىي مەكتەپلەر ئوقۇتۇشىدا مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇقىملىق ھەققىدىكى سىياسىي كۆرسەتمىلىرىنى ھەممىنىڭ ئالدىغا قويىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىرىنچى قول مەسئۇللىرى تەرىپىدىن ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا ئاشكارا قىلىنغان بۇ سىياسىي بوران ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان كىشىلەرنى يەنىمۇ ئەندىشىگە سالماقتا.