ئۈرۈمچىدىكى تۈرمىلەر رايونى قوزغىغان شۈبھە ۋە ئەندىشە (2)

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2016-09-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئۇيغۇر ئاكادېمىك ئىلھام توختى ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشتىن بۇرۇن 8 ئاي تۇتۇپ تۇرۇلغان تۈرمە. 2014-يىلى 24-سېنتەبىر، ئۈرۈمچى.
ئۇيغۇر ئاكادېمىك ئىلھام توختى ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشتىن بۇرۇن 8 ئاي تۇتۇپ تۇرۇلغان تۈرمە. 2014-يىلى 24-سېنتەبىر، ئۈرۈمچى.
RFA

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى بارلىق چوڭ تۈرمىلەرنى بىر رايونغا مەركەزلەشتۈرۈشى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بۇ مەركىزى شەھىرىنىڭ يېڭى شەھەر تەرەققىيات رايونىدا بىر زور كۆلەملىك تۈرمىلەر رايونى بەرپا قىلىنغان.

كىملىكىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن بۇ مەلۇمات بەرگەن مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىغا قارىغاندا ھازىر بۇ تۈرمىلەر رايونىدا جەمئىي 7 تۈرمە بار، 6- ۋە 7 تۈرمە يېڭىدىن مۇددەتلىك جازاغا بۇيرۇلغانلارنى كۆزىتىش ئىگىلەش ۋە دەسلەپكى تەربىيىلەش ئېلىپ بارىدىغان تۈرمىلەر بولۇپ، ھەر قانداق جىنايەتچى باشتا بىر مەزگىلنى بۇ ئىككى تۈرمىدە ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، باشقا تۈرمىلەرگە يۆتكىلىدىكەن. 2-تۈرمە ئاياللار تۈرمىسى، ئۇنىڭدىن باشقا 1-، 3-،-4-،-5-تۈرمىلەر ھەممىسى ئەر جىنايەتچىلەرنىڭ تۈرمىلىرى ئىكەن. بۇ تۈرمىلەردە ھەر خىل مىللەتلەر جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقان بولسىمۇ، خېلى كۆپ ساننى ئۇيغۇرلار ئىگىلىگەن شۇنداقلا بۇ تۈرمىلەرنىڭ ھەر بىرىگە 10مىڭدىن ئارتۇق جىنايەتچىلەرنى سولاپ باشقۇرۇشقا تېگىشلىك ئەسلىھەلەر ۋە ئادەم كۈچى ئورۇنلاشتۇرۇلغان ھەم بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنغان. بۇ رايوندا تۈرمىلەردىن باشقا يەنە ھەر خىل ئېغىر يېنىك سانائەت زاۋۇتلىرى، چوڭ تىپتىكى قۇرۇق مەيدانلار، ھەر خىل قاراۋۇلخانىلار ياسالغان بولۇپ، بۇ جايلار ئېلېكترونلۇق كۆزىتىش ئۈسكۈنىلىرى،بىخەتەرلىك توك سىم دەرۋازىسى ۋە توسۇقلار ئارقىلىق چېگرا ئىچىگە ئېلىنغان بىر رايون.

دەرۋەقە بۇ كىشى تەمىنلىگەن ئاياللار تۈرمىسىنىڭ تېلېفون نومۇرلىرىدىن بىرىگە تېلېفون ئېلىندى، ئەمما ئۇ تېلېفوننى «بۇ يەر لەن شياڭ ئىسسىتىش شىركىتى» دەپ ئالدى. مەن بۇ تۈرمە ئەمەسمۇ؟ دەپ سورىسام ئۇ جاۋابەن «شۇ بىز ئاياللار تۈرمىسىنىڭ» دېدى ۋە باشقا سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەرمەيلا تېلېفوننى قويۇۋەتتى.

خىتاي ۋە ئۇيغۇر دىيارى ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەردىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت، خىتاينىڭ ئۈرۈمچىدە بۇ تۈرمىلەر رايونىنى بەرپا قىلغانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلاردىن ئۆزىنىڭمۇ خەۋەردار بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە تۇتقۇن قىلغان ئادەملەرنى تۈرمىلەرگە پاتقۇزالماي تەجرىبىگە ئىگە بولغاندىن كېيىن، تېخىمۇ زور كۆلەملىك قاماقخانىغا ئېھتىياجى بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ جاينى تەييارلىدى دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ جاينىڭ ئاددىيلا جىنايەتچىلەرنىڭ جازا مۇددىتىنى توشقۇزىدىغان تۈرمە بولۇپلا قالماستىن، ئۇلارنى سوراق قىلىش قىيناش، تەربىيىلەش ھەتتا ئۇلارنىڭ بىكارلىق ئەمگەك كۈچىدىن پايدىلىنىدىغان ھەر خىل سېخ ۋە زاۋۇتلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان، پەۋقۇلئاددە مەخپىي ۋە جىددىي بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنغان،مۇنتىزىم بىر تۇتاش قاتتىق باشقۇرۇلىدىغان لاگېر شەكلىدىكى بىر تۈرمىلەر رايونى بولۇشى مۇمكىنلىكى ئوتتۇرىغا قويدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردا ئۈرۈمچىدىكى 7تۈرمىنى بىر رايونغا مەركەزلەشتۈرگەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭدا جىنايەتچىلەرنى ئىشلىتىدىغان زاۋۇتلار بارلىقىنى دەلىللىگەن شاھىت ئادىل ئابدۇغۇپۇر، دەل بۇ رايوندىكى 1-تۈرمىدە ئۆزىنىڭ 18 يىللىق تۈرمە ھاياتىنىڭ بىر قىسمىنى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ئۇ بۇ تۈرمىلەر ئىچىدىكى 1-تۈرمىنىڭ ئاساسلىق سىياسىي جىنايەتچىلەرنى سولايدىغان تۈرمە ئىكەنلىكى، بىر تۈرمىنىڭ ئۆزىدىلا 20، 30 مىڭچە ئادەم بارلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچىمۇ بۇ تۈرمىلەر رايونىدىكى تۈرمىلەر كۆلەم، باشقۇرۇش ۋە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ھەمدە جىنايەتچىلەرگە تۇتقان مۇئامىلە جەھەتلەردە ئۆزى يېتىپ باققان باشقا شەھەرلەردىكى تۈرمىلەردىن پەرقلىق ھالدا قاتتىق ۋە جىددىي ئىكەن.

سىياسىي كۆزەتكۈچى دىلشات رىشىت يەنە ئۆزىنىڭ ئەندىشە قىلىۋاتقان تەرەپلىرىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: «خىتاي بۇ تۈرمىلەر رايونىنى بەرپا قىلىشتا ئۆزى ئەڭ خەتەرلىك دەپ قارىغان ئۇيغۇر جىنايەتچىلەرنى بىر يەرگە توپلاپ باشقۇرۇشتىن باشقا پۈتۈن خىتايدىكى جىنايەتچىلەرنىمۇ بۇ جايغا يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇشى مۇمكىن، بۇمۇ ھەيران قالغۇدەك ئىش ئەمەس، چۈنكى بۇنداق بىر تۈرمىنىڭ قۇرۇلۇشى، قولغا ئېلىنغان كىشىلەرنىڭ پەۋقۇلئاددە كۆپلۈكىدىن تۈرمىلەرنىڭ يېتىشمەيۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، ئەمما ئۇيغۇر ۋە خىتاي جىنايەتچىلەر بۇ جايدىمۇ ئوخشىمايدىغان سىياسەت بويىچە باشقۇرۇلىدۇ، ئۇيغۇرلار يەنىلا ئەڭ قاتتىق جازا ۋە تەقىبگە ئۇچرايدۇ، چۈنكى تۈرمىلەردىمۇ ئوخشاش خىتايلار ھەر قانچە ئېغىر جىنايەت ئىشلىگەن بولسىمۇ، ئۇلار خىتاي دۆلىتى ئۈچۈن بىر جىنايەتچى، ئۇيغۇرلار بولسا ھەر قانداق يېنىك بىر خاتالىق ئۆتكۈزگىنىدىن قەتئىي نەزەر بىر دۈشمەن سانالغانلىقى ئۈچۈن بۇ تۈرمىلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە قانداق ئېغىر ۋەزىيەتتە قېلىۋاتقانلىقىنى قىياس قىلماق تەس. خىتايمۇ بۇنى تېخىمۇ يېپىق شەكىلدە يوشۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ.»

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت