ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

7-فېۋرال يەكشەنبە كۈنى مەركىزى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە بولغان «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى» تەشكىلاتىنىڭ 20-نۆۋەتلىك سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى.

سايلامدىن ئىلگىرى، مىللىي مارش ئوقۇپ ئۆتۈلدى. كىشىلەر قوللىرىنى مەيدىلىرىگە قويۇپ مىللىي مارشقا ھۆرمەت بىلدۈرۈشتى. ئاندىن تەشكىلاتنىڭ سابىق رەئىسى ئەزىز ئەپەندى بىر يىللىق خىزمەتلەر ۋە مالىيە ئەھۋالىدىن دوكلات تەقدىم قىلدى.

دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلگەندىن كېيىن، ياشلارنىڭ بىر يىلدىن بېرى ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىگە ياخشى باھالار بېرىلدى. د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندى تەشكىلاتنىڭ ئىلگىرىكى ئەزالىرىنىڭ تۆھپىسىگە ئۇيغۇر جامائىتى نامىدىن رەھمەتلەر ئېيتتى. ئاندىن د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆز ئېلىپ، گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسىگە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى. ئاندىن دېموكراتىك ئۇسۇلدا سايلام ئېلىپ بېرىلىپ، 15 كىشىدىن تەركىب تاپقان بىر رەھبەرلىك ئاپپاراتى قۇرۇپ چىقىلدى.

مەلۇمكى، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى 1990-يىلى قۇرۇلغان، غەرب ئەللىرىدىكى تۇنجى ئۇيغۇر تەشكىلاتى بولۇپ، ئۆتكەن يىلى تەشكىلاتنىڭ 25 يىللىق خاتىرىسى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. تەشكىلات مەسئۇللىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر تەشكىلات ئۆز ۋاقتىدىكى «دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرى قۇرۇلتىيى» بىلەن «شەرقىي تۈركىستان (ئۇيغۇرىستان) مىللىي قۇرۇلتىيى» نىڭ بىرلىشىپ، 2004-يىلى بۈگۈنكى د ئۇ ق نىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشىغا تۈرتكە بولغان ۋە ساھىبخانىلىق قىلغان. بۇ تەشكىلات يەنە ۋەتىنىنى تەرك ئەتكەن ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ياۋروپا تۇپراقلىرىغا يەرلىشىشىگىمۇ ھەسسىلەر قوشقان.

بۇ قېتىمقى سايلامدا ميۇنخېن جامائىتى بۇ تەشكىلاتنىڭ قۇرغۇچى ئەزالىرىدىن بىرى بولغان ئەنۋەرجان ئەپەندىنى يەنە بىر قېتىم ئۇنىڭ رەئىسلىكىگە سايلىدى. ئەنۋەرجان ئەپەندى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە د ئۇ ق نىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ۋەكىلى ئىدى. ئۇ سايلام خاتىمىسىدە، ئۇيغۇر جامائىتىنى بۇ تەشكىلات ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇشقا چاقىردى. ئۇيغۇر جامائىتى يەنە 14 نەپەر ۋەكىلنى تەشكىلاتنىڭ دائىمىي ئەزالىقىغا سايلاپ چىقتى. بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئەسلىدە د ئۇ ق دا تۈرلۈك ۋەزىپىلىرى بولغان سىياسىي ئاكتىپلار ئىدى. بۇ قېتىمقى سايلام ميۇنخېن شەھىرىدىكى خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ پائالىيەت مەركىزى بولغان «بىر دۇنيا ئۆيى» دە سائەت 14:00 تە باشلىنىپ، سائەت 16:00 دا ئاخىرلاشتى.

مەزكۇر سايلامغا گېرمانىيەنىڭ ۋۈرسبۇرگ شەھىرىدىن كېلىپ كۆزەتكۈچى سۈپىتىدە قاتناشقان مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ سايلامغا بولغان پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىز يەنە بۇ سايلامغا ئىشتىراك قىلغان پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىنىڭمۇ قاراشلىرىنى ئاڭلىدۇق. ئۇ سۆزىدە، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ رولىغا يۇقىرى باھا بەردى.