ئەركىنلىك سارىيى خىتاينىڭ ئۇيغۇر، تىبەت رايونلىرىدىكى تور، يازما ئەسەرلەر ۋە ئۇچۇر ئەركىنلىكىگە قويغان سىياسىتىنى تەنقىد قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016.04.27
uyghur-tor-beket-305.png ئېزىز ئەيسا ئەپەندىنىڭ 2011 يىلى -2 ئاينىڭ -23 كۈنى ۋېنگىرىيەنىڭ پايتەختى بۇداپېشتتا ئۆتكۈزۈلگەن 2-نۆۋەتلىك خەلقئارا قەلەمكەشلەر ئۇيغۇر مەركىزىنىڭ يىغىنىدا ئۇقۇلغان ماقالىسىنىڭ مۇقاۋىسىغا ئىشلىتىلگەن سۈرەت
RFA/Aziz Isa

ئامېرىكا ئەركىنلىك سارىيى ئۆزىنىڭ بۇ يىللىق ئاخبارات ئەركىنلىك دوكلاتىدا، 2015‏-يىلى ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ دۇنيا مىقياسىدا يېقىنقى 12 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتايدا بولسا 2015‏-يىلى ئەسلىدىنلا چەكلىك دوكلات ئاخباراتچىلىقى ۋە تور ئوبزورچىلىقى چەكلىمىگە ئۇچراپ، ئىدېئولوگىيىلىك كونتروللۇق كۈچەيگەن. سەزگۈر سىياسىي تېمىلار داۋاملىق چەكلىنىپ، توردىكى مۇھىت بۇلغىنىشى، پۇل -مۇئامىلە سىستېمىسىغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەر، ئوبزورلارغا چەكلىمە قويۇلغان، ئۇيغۇر ۋە تىبەت رايونلىرىدا ئاخبارات ئەركىنلىكى داۋاملىق قاتتىق قول مۇئامىلىگە ئۇچرىغان.

ئەركىنلىك سارىيىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى سارا كۇك ساراھ چووك خانىم، خىتايدا 2015‏-يىلى كەسپىي ئاخباراتچىلارنىڭ باستۇرۇلۇش نىشانىغا ئايلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

سارا كۇك مۇنداق دەيدۇ: «ئەپسۇسلىنارلىقى، بىز ئۆتكەن يىلى شى جىنپىڭ رەھبەرلىكىدە چەكلىك بولسىمۇ، نىسبەتەن ئوچۇق بەزى ئاخبارات تۈرلىرىنىڭ تاقالغانلىقىنى كۆردۇق. بىز بىر قانچە يىل ئاۋۋال مىكرو بلوگلارنى باستۇرۇشقا شاھىت بولغان. ھازىر بۇنىڭ ئۈندىدارغا كېڭەيگەنلىكىنى كۆردۇق. ئۆتكەن يىلى كەسپىي ئاخباراتچىلارنى بولۇپمۇ لېبىرال مەتبەئەلەرنىڭ مۇخبىرلىرىنى پاراكەندە قىلىش، تۈرمىگە تاشلاش ۋە تۇتقۇن قىلىشنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى كۆردۇق.

بۇ، خىتايدا يۇقىرى سەۋىيىلىك دوكلات ئاخباراتچىلىقىنى بوغدى. بۇ ساھەدىكى بوشلۇقنىڭ بارغانسېرى تارىيىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز. مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى خىتايدا 49 نەپەر مۇخبىرنىڭ تۈرمىگە قامالغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىققان. بۇ دۇنيادا مۇخبىرلارنى ئەڭ كۆپ قاماش ۋەقەسى. ئەركىنلىك سارىيى ئۇ مۇخبىرلارنى تەكشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ 18 نەپىرىنىڭ كەسپىي ئاخباراتچى ئىكەنلىكىنى بايقىدى. بۇ يەردىكى پەرق بىر قانچە يىل ئاۋۋال تۈرمىدىكى مۇخبىرلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە توردا ئۇچۇر تارقاتقۇچىلار ئىدى.»

ئەركىنلىك سارىيى دوكلاتىدا، خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە دىنىي گۇرۇھلارنىڭ توردىكى ھەرىكىتى، ئۇلارنىڭ يازما ئەسەرلىرىگە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ كۆرسەتمىسىگە مۇخالىپ ئۇچۇرلارنى تارقىتىشىغا قاتتىق قول مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇنىڭ دوكلاتىدا، «خىتاي تۈرمىسىدىكى مۇخبىرلار ئىچىدە ئەڭ ئۇزۇن قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلار ئۇيغۇرلار بىلەن تىبەتلەر» دېيىلگەن.

دوكلاتتا قەيت قىلىشىچە، بۇ رايونلاردا تۈرمىدىكى مۇخبىرلار، ئادەتتىكى تىبەت، ئۇيغۇر پۇقرالار ۋە فالۇنگۇڭچىلار چەكلەنگەن ئۇچۇرلارنى كۆرگەنلىكى، قىززىقانلىقى ۋە تارقاتقانلىقى ياكى مۇھاجىرەتتىكى ئاخباراتچىلار بىلەن ئالاقە قىلغانلىقى ئۈچۈن قامالغان.

سارا كۇك، ئۇيغۇر، تىبەت رايونلىرىدا ئاخبارات كونتروللۇقى ۋە مۇخبىرلارنى باستۇرۇش خىتاينىڭ باشقا ھەر قانداق رايونىغا قارىغاندا قاتتىق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

ئۇ: «ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە دىنىي گۇرۇھلاردا يالغۇز ئاخباراتچىلار قاتتىق جازالىنىپ قالمايدۇ. ئالدى بىلەن بۇ رايونلاردا ئاخباراتچىلار قاتتىق كونترول قىلىنىدۇ ھەم خىلاپلىق قىلسا ئېغىر جازاغا تارتىلىدۇ. بىز بۇ يەردە 15 يىلدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا قەدەر ھۆكۈم قىلىنغان كىشىلەرنى كۆردۇق.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئادەتتىكى پۇقرالار مەسىلەن، دالاي لامانىڭ رەسىمىنى ئۈندىداردا تارقاتقانلىقى ئۈچۈن تۈرمىگە تاشلانغان تىبەتلەر، تەشۋىقات ۋەرەقىسى تارقاتقانلىقى ئۈچۈن تۈرمىگە قامالغان فالۇنگۇڭچىلار بار.

تىبەت بىلەن شىنجاڭنىڭ ھەر ئىككىسىدە ئۇچۇر ئەركىنلىكى ئىنتايىن قاتتىق كونترول قىلىنىدۇ. ئۇ رايونلاردىكى ئاخبارات كونتروللۇقى خىتاينىڭ باشقا ھەرقانداق رايونىغا قارىغاندا قاتتىق» دەپ كۆرسەتتى.

ئەركىنلىك سارىيى ھەر قايسى ئەللەرنىڭ قانۇنى ئەھۋالى، سىياسىي ۋەزىيىتى، ئىقتىسادى مۇھىتىغا قاراپ، ئۇلارنىڭ ئاخبارات ئەركىنلىك ئەھۋالىغا نومۇر بەرگەن. خىتاي 87 نومۇر بىلەن ئاسىيادىكى 40 دۆلەت ئىچىدە ئاخبارات ئەركىنلىكى شىمالىي كورېيەدىن قالسىلا ئەڭ ناچار دۆلەت بولۇپ باھالانغان.

ئەركىنلىك سارىيىنىڭ پرېزىدېنتى، سابىق باش ئەلچى مارك لوگان ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ دۇنيا مىقياسىدا ئارقىغا چېكىنىش ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىپ، سىياسىي كۈچلەر، جىنايى شايكىلار، تېررورچى گۇرۇھلارنىڭ كۈچ-ھوقۇق كۆرۈشىدە ئاخباراتنى ئۆزىنىڭ مەقسىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشقا ياكى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ، چارشەنبە كۈنى ۋاشىنگتون ئاخبارات سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆزلىگەن نۇتقىدا، ئاخباراتچىلارنىڭ ھاياتى ھەر خىل تەھدىتلەرگە دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ بۇ خىل تەھدىتكە باش ئەگمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

مارك لوگان: «بىز دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ يېقىنقى 12 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى بايقىدۇق. سىياسىي كۈچلەر، جىنايى شايكىلار ۋە بارغانسېرى كۈچىيىشكە قاراپ كېتىۋاتقان تېررورچى گۇرۇھلار ھوقۇق تالىشىش كۈرىشىدە، ئاخباراتنى ئۆزىنىڭ مەقسىتىگە خىزمەت قىلدۇرۇشقا ياكى جىمىقتۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلدى. لېكىن راككادىن خەۋەر بېرىپ تۇرغان سۈرىيە ئاخباراتىدىن تارتىپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى پاناما ھۆججەتلىرىنى خەۋەر قىلغان تەھرىر ۋە مۇخبىرلار، مېكسىكىدا زوراۋانلىق، يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ قانۇنسىز قىلمىشلىرىغا دۇچ كەلگەن ئاخباراتچىلار، بۇ خىل تەھدىتلەرگە قارشى ئۆزىنىڭ جاسارىتىنى نامايان قىلىپ كەلدى.

بۇ يولدا ئۇلار دائىم ئۆزىنىڭ ھاياتىغا تەۋەككۈل قىلدى. خىتايدا مۇخبىرلار ھۆكۈمەتنىڭ نېمىنى يېزىش، نېمىنى يازماسلىق ھەققىدىكى بۇيرۇقىغا پىسەنت قىلمىدى» دەپ كۆرسەتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.