«تۈركىيە، خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى» دېگەن تېمىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرمىز ئارسلان
2015.02.23
turkiyede-uyghur-mesilisi-istanbul.jpg «تۈركىيە، خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى» دېگەن تېمىدا ئېچىلغان يىغىندىن كۆرۈنۈش. 2015-يىلى 21-فېۋرال، ئىستانبۇل.
RFA/Arslan

2015-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن جەمئىيەتنىڭ زەيتىنبۇرنۇ شۆبىسىنىڭ يىغىن زالىدا تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى دېگەن تېمىدا بىر يىغىن ئۇيۇشتۇرۇلدى.

بۇ يىغىنغا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى. يىغىندا ئەنقەرەدىن ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى شۇنداقلا ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچىلەر ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقات مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم سۆز قىلدى.

يىغىن قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىش بىلەن باشلاندى. يىغىندا دوكتور ئەركىن ئەكرەم تۈركىيە، خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ قايسى باسقۇچتا كېتىۋاتقانلىقى توغرىسىدا تەپسىلىي توختالدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئالدى بىلەن تۈركىيە، خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى تىجارەت مۇناسىۋىتى توغرىسىدا توختالدى.ۋە يىللىق تىجارەت مىقدارىنىڭ تۈركىيە خىتايدىن 25 مىليارد دوللارلىق مال ئىمپورت قىلغان بولسا، خىتاي تۈركىيەدىن ئاران ئىككى يېرىم مىليارد دوللارلىق مال سېتىۋالىدىغانلىقىنى، تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى تىجارەتتە چوڭ تەڭپۇڭسىزلىق بولۇپ بۇ تىجارەتتە، تۈركىيە سودا مۇناسىۋىتى ئورناتقاندىن بۇيان ھازىرغىچە زىيان تارتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا تۆت نۇقتىدا، ئۇيغۇرلارغا قارشى مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن تۈركىيەدىن جاۋاب تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما تۈركىيەنىڭ بۇ مەسىلىلەرگە قارىتا ئېنىق بىر كېلىشىم ياكى جاۋاب بەرمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ تۆت تۈرلۈك نۇقتىلار بولسا، بىرىنچىسى: تېررورلۇققا ئورتاق قارشى تۇرۇش كېلىشىمى تۈزۈش. ئىككىنچىسى بولسا: ئىستىخبارات ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش، ئۈچىنچىسى: تېررورچى دەپ قارالغان كىشىلەرنى قايتۇرۇپ بېرىش، تۆتىنچىسى بولسا تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنى تېررورچى تەشكىلات دەپ قوبۇل قىلىش ۋە پائالىيەتلىرىنى چەكلەشتىن ئىبارەت ئىكەن.

تۈركىيە ھۆكۈمىتى رەھبەرلىرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ قېرىنداشلىرى ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ تىنچ ۋە خاتىرجەم ياخشى ياشىشىنى خالايدىغانلىقىنى، ئۇلار ياخشى مۇھىتتا ياشايدىغان بولسا تۈركىيە، خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە ھېچقانداق بىر مەسىلە بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ كەلمەكتە ئىكەن.

ئۇ، خىتاي ۋەكىللىرى ھەر قېتىم تۈركىيەگە كەلگەندە تۈركىيە رەھبەرلىرىگە مۇشۇ تۆت نۇقتا ئۈستىدە سۆھبەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئۆتكەن قېتىم خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرى مىڭ جيەنجۇنىڭ ئەنقەرەدە تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى ئەردۇغان قاتارلىق ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر بىلەن ئۇچراشقاندا مۇشۇ تۆت نۇقتىنى ئاساس قىلىپ سۆزلەشكەنلىكىنى، ئەمما پىكىر-قاراشلارنىڭ ئوخشاش چىقمىغانلىقى سەۋەبىدىن ھېچقانداق بىر كېلىشىم تۈزۈلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، بۇنىڭدىن كېيىن تۈركىيەدە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەت قىلىشىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچراپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەكلىكىنى، يىغىن، نامايىش، مۇراسىم ۋە رەسىم كۆرگەزمىسى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى كۆپلەپ ئۇيۇشتۇرۇش كېرەكلىكىنى، تۈركىيە خەلقىنى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى قوللايدىغان، كۆڭۈل بۆلىدىغان جامائەت پىكرى پەيدا قىلغاندا خەلقنىڭ بېسىمى ۋە تەلەپلىرى ئارقىلىق ھۆكۈمەتنى بۇ خىل كېلىشىملەرنى تۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

2 سائەتتىن ئارتۇق داۋام قىلغان بۇ يىغىن ئاخىرىدا، دوكتور ئەركىن ئەكرەم يىغىن ئەھلىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار سورىغان سوئاللىرىغا ئەتراپلىق جاۋاب بەردى.

يىغىن قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.