تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيىسى ئەيىبلەندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2014.07.30
shangxey-hemkarliq-erkin-ekrem.JPG شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئىستراتېگىيە تەتقىقات بۆلۈمى ئۇيۇشتۇرغان بۇ ئايلىق ئىستراتېگىيە تەتقىقات يىغىنىدا دوكتور ئەركىن ئەكرەم سۆز قىلدى. 2013-يىلى 23-فېۋرال، تۈركىيە.
RFA/Arslan

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى سۈرىيە مەسىلىسى ۋە پەلەستىن مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ تاشقى سىياسەتتە بۇ مەسىلىلەرنى ئالدىنقى كۈنتەرتىپكە قويۇپ كەلمەكتە. لېكىن، ئۇلار ئۇيغۇر مەسىلىسىگە يېتەرلىك دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلمەسلىك بىلەن تەنقىدلەنمەكتە ۋە تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېنىق بىر سىياسىتى يوقلۇقىنى ئەيىبلەپ ئوبزورلار ئېلان قىلىنماقتا.

يېقىندا تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ گېزىتلىرىدىن بىرى بولغان «يېڭى ئاكت» گېزىتىنىڭ ئوبزورچىسى فارۇق كۈسە ئەپەندى تەرىپىدىن، «تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمىز شەرقىي تۈركىستاننى بىلەمدۇ؟» دېگەن تېمىدا بىر ئوبزور ئېلان قىلىندى.

يازغۇچى فارۇق كۈسە بۇ ئوبزوردا تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنى پەلەستىنگە كۆڭۈل بۆلگەندەك ئۇيغۇرلارغىمۇ كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىق قىلغان.

ماقالىدا مۇنداق دېيىلگەن: خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز ئۈستىدىن ئاسسىمىلياتسىيە يۈرگۈزۈۋاتقان بولسىمۇ، بىز بۇ قاتىللار گۇرۇپپىسىغا دۆلىتىمىزنىڭ پۈتۈن ئىمكانىيەتلىرىنى كەڭرى ئېچىپ بېرىۋەتتۇق ۋە ئۇلارنىڭ تېخىمۇ باي بولۇشى ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگەننى قىلىۋاتىمىز. بىزنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇمىغا قارشى بىر ئەيىبلەش باياناتى ئېلان قىلغىنىنى ئاڭلىدىڭلارمۇ؟ ياكى باش مىنىستىرنىڭ، سۈرىيە، مىسىر، ئىراق، پەلەستىنگە ئالاقىدار بەرگەن باياناتلىرىنىڭ ئارىسىدا مۇسۇلمان بولغان كەركۈك تۈركمەنلىرى، شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر تۈركلىرى ۋە سۈرىيە تۈركمەنلىرى ھەققىدە ئەجەللىك بايانات بەرگىنىنى ئاڭلىغان بارمۇ؟ دەپ سوئال سوراش ئارقىلىق تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنى تەنقىد قىلدى.

ئوبزوردا يەنە خىتاي شىركەتلىرىنىڭ تۈركىيەدە زاۋۇت - فابرىكا قۇرۇشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىۋاتقانلىقىنى تەنقىدلەپ مۇنداق دېگەن: نىغدە شەھىرىدە خىتاينىڭ مەھسۇلات ئىشلەپ چىقىرىش مەركىزى بولىدۇ تېمىدا بىر خەۋەر ئېلان قىلىنغان بولۇپ، نىغدەنىڭ بور ناھىيىسىدە 2015 - يىلىغىچە 200 دانە زاۋۇت قۇرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى. ھەقىقەتەن تۈركىيە شەرقىي تۈركىستاندا ھەم قان قېرىنداش، ھەم دىن قېرىنداش بولغان ئۇيغۇرلارغا، ئوچۇق ۋە مەخپىي ھالدا قەبىھ زۇلۇم قىلىۋاتقان خىتاينى تېخىمۇ باي قىلىش ئۈچۈن نۇرغۇن تىجارەت پائالىيەتلەرگە ساھىبخانىلىق قىلىۋاتىدۇ.

خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىنى يىقىتىپ ۋەيران قىلىۋاتسا، زېمىنلىرىنى تارتىۋېلىۋاتسا، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىۋاتسا، ھەر تۈرلۈك زۇلۇم قىلىۋاتسا، ئۇيغۇرلارنى نادان قالدۇرۇش ئۈچۈن زىيالىي ۋە ئالىملىرىنى تۈرمىگە قاماۋاتسا، دىنىي ئىبادەتلىرىگە چەكلىمە قويۇۋاتسا، بىگۇناھ ئىنسانلارنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىۋاتسا، قىيىن قىستاقتا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ ئورگانلىرى سېتىلىۋاتسا، خىتاي ئۇيغۇرلارنى چەتكە قېقىۋاتسا، ئىسلام جۇغراپىيىسىنىڭ ھىمايىچىسى دەپ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان تۈركىيە، ئىشىكلىرىنى خىتايغا كەڭ ئېچىۋەتتى. نەچچە مىڭلىغان خىتاي ماللىرى نەچچە مىليارد دوللارغا سېتىلىۋاتىدۇ. يۈزلىگەن خىتاي شىركەتلىرىگە دۆلىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرى شىركەت - زاۋۇت قۇرۇپ پۇل تېپىش ئىمكانىيىتى بېرىلدى. تۈركىيەدىكى ئىقتىسادىي مەۋجۇدىيىتى بىلەن تىز كۈچلىنىۋاتقان خىتاي دۆلىتىمىزنى بارغانسېرى تىجارەت جەھەتتە ئۆزىگە باغلىغانلىقى، ئالىقىنىغا ئېلىشقا ئورنىۋاتقانلىقى كۆرۈلۈۋاتىدۇ. مىسال ئالدىغان بولساق، پەقەتلا ئافشىن ئەلبىستاندا 10، 12 مىليارد دوللارلىق خىتاي مەبلەغ سالغانلىقى بىلدۈرۈلدى. يەنە تۈركىيەنىڭ خىتايدىن ئىمپورت قىلغان مەھسۇلاتلىرىغا قارايدىغان بولساق ئەھۋال تېخىمۇ ۋەھىمىلىك ئىكەنلىكىنى كۆرىمىز، تۈركىيە ھەر بىر نەرسىدە خىتايغا يېقىندىن باغلىنىپ قالغان ۋەزىيەتتە تۇرماقتا.

ماقالىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېيىلگەن: ئىسرائىلىيەگە، پەلەستىن زېمىنىنى تارتىۋالدى دەپ ئاچچىقلىنىدىغان بولساق، ئۇيغۇرلارنىڭ زېمىنىنى تارتىۋالغان خىتايغا ئاچچىقلىنىش كېرەك بولمامدۇ؟ ئىسرائىلىيەگە، پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆيلىرىنى ئۆرۈۋەتتى دەپ قارشى تۇرىدىغانغا ئوخشاش ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىنى چېقىۋەتكەن خىتايغا قارشى تۇرۇش كېرەك ئەمەسمۇ؟ قانچىلىغان تۈرك قېرىنداشلىرىمىز تىجارەتنىڭ قۇربانى بولدى بۇ ھەقتە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىر ستاتىستىكا ئېلان قىلسۇن، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقانلاردىن خەۋىرى بارمۇ؟ دەپ سوئال قويدى.

تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردۇغان بۈگۈن مۇخالىپ پارتىيىلەرنىڭ، ھۆكۈمەتنى ئەيىبلەپ تۈركمەن ۋە ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا ياردەم قىلماسلىق بىلەن تەنقىد قىلىپ بەرگەن باياناتلىرىغا رەددىيە بېرىپ مۇنداق دېدى: ئۇلارنىڭ تۈركمەنلەرگە كۆڭۈل بۆلۈش ئارزۇسى بولسا مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن باياناتلار ئېلان قىلىپ، تۈركمەنلەرنىڭ شەرت - شارائىتىنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرمىغان بولاتتى. سايلامدا ئاۋازغا ئېرىشىش ئۈچۈن تۈركمەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ، ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىنى خەتەرگە تاشلاۋاتىدۇ. بىزنىڭ تۈركمەن قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن نېمە ئىش قىلغانلىقىمىزنى بىلىشنى خالىسا ئىراققا، سۈرىيىگە بارسۇن ۋە ئۇ يەردىكى تۈركمەن قېرىنداشلىرىمىزدىن سورىسۇن، دېدى

يېقىندا بىر تېلېۋىزىيە پروگراممىسىغا قاتناشقان تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلى ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا سورالغان بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ، ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا كۆڭۈل بولىدىغانلىقىمىزغا ھېچ كىم شەك - شۈبھە قىلمىسۇن، دېگەن ئىدى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تۈركىيە مۇخالىپ پارتىيە ۋە ئاممىۋىي تەشكىلاتلار تەرىپىدىن، پەلەستىن، سۈرىيە ۋە مىسىر مەسىلىرىگە كۆڭۈل بۆلگەندەك شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلمىگەنلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ تەنقىدكە ئۇچراپ كېلىۋاتىدۇ.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى قانداق كېتىۋاتىدۇ؟ تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ھازىر ئۇيغۇرلارغا قارىتا قانداق بىر سىياسەت يۈرگۈزۈۋاتىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن تۈركىيە پەلەستىن ۋە سۈرىيە مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلگەندەك شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ؟ خىتاي تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىدە تۈركىيە دۆلەت مەنپەئىتىگە تاقاشقاندا ئۇيغۇرلارنى قوللاش ۋە ھىمايە قىلىشتىن ۋاز كېچىش ئېھتىمالى بولارمۇ؟ بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىغا ئېرىشىش ئۈچۈن تۈركىيە ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچىلەر ئىنستىتۇتىنىڭ مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.