«ئالتۇن قوزۇق» تىن ئايرىلغان ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئاقىۋىتى
2013.02.12
يېرى يوق ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ كۆپىيىشى دېمەك، ھاياتلىق مەنبەسى يوق دېھقاننىڭ كۆپىيىشىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر سىياسىي مۇلاھىزىچىلەردىن مەمەت توختى ئەپەندى «ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ قانۇنلۇق يەرلىرىنىڭ خىتايلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كېتىشى، ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن جان باقىدىغان ھاياتلىق مەنبەسىدىنلا ئايرىلىش مەسىلىسى بولۇپلا قالماي، بەلكى زېمىننىڭ خوجايىنلىقىدىن بۇ زېمىننىڭ ئىگىلىك ۋە قانۇنىي ھوقۇقىدىن ئايرىلىشى، بارغانچە خىتايغا قول بولۇپ، سەرسان بولۇپ، خاراب بولۇپ يوقاپ كېتىش مەسىلىسى» دەپ كۆرسەتتى.
ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ يېرىدىن ئايرىلىشى ۋە بۇ يەرلەرگە خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئىگە بولۇشىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي جەھەتلەردە ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ كېلىدىغان سەلبىي تەسىرى ھەققىدە مۇخبىرىمىزنىڭ مەمەت توختى ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتى دىققىتىڭلاردا بولسۇن.