ئۇيغۇر دېھقانلىرى ھۆكۈمەت ئورۇنلاشتۇرغان تەشۋىقات ئويۇنلىرى ۋە رەسىملىرىنىڭ مەھەللىلەرنى قاپلىغانلىقىنى بىلدۈردى
2016.04.08

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خوتەن گۇما ناھىيىسى چودا يېزىسىغا ئەۋەتكەن خىزمەت گۇرۇپپىسى بىر تۈركۈم دېھقان رەسساملارنى تەشكىللەپ، كەنتلەردە «رادىكاللىقنى يوقىتىش» تەشۋىقاتى ئېلىپ بېرىپ، نەتىجە قازىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەر بېرىلگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى يېزا، كەنتلەرگە تېلېفون قىلىپ ئۇيغۇر دېھقانلىرىدىن ئەھۋال ئىگىلىدۇق.
رادىيومىز ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى خوتەن، قەشقەر قاتارلىق جايلاردىكى يېزىلارغا تېلېفون قىلىپ ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن، نۆۋەتتە خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن يېزىلارغا چۈشۈرۈلگەن كادىرلارنىڭ يېزا، كەنتلەردىكى دېھقانلار ئۆيلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، دىنىي رادىكاللىقنى تۈگىتىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تەكىتلەش، سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى ھىمايە قىلىش قاتارلىق ناملار بېرىلگەن ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقى، يېزا، كەنتلەردىكى تاملارغا مەدەنىيەت ئىنقىلابى دەۋرىنى ئەسلىتىدىغان ھەر خىل تەشۋىقات رەسىملىرى، شوئارلار، ھەر خىل تەشۋىقات رەسىملىرى چاپلىنىپ، يىللىق كىرىمى 5000 سومغا يەتمەيدىغان دېھقانلارنىڭ يىغىۋېلىنىپ ئاتالمىش ئىنقىلابى ناخشىلار، مەدەنىيەت - سەنئەت پائالىيەتلىرىگە سەپەرۋەر قىلىنغانلىقى ئاشكارىلاندى.
خوتەننىڭ مەلۇم يېزىسىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دېھقان ئۆز يېزىسىدىكى تەشۋىقات رەسىملىرى ۋە ئىنقىلابىي ناخشا ئېيتىش قىزغىنلىقىنىڭ يېزىغا كەلگەن كادىرلارنىڭ خىزمىتى ۋە تۆھپىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. بۇ دېھقان بايانىدا، يېزىلىق، كەنتلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەھەللىلەرنى ھەر خىل تەشۋىقات رەسىملىرى بىلەن تولدۇرۇپ، يېزا ياشلىرىدىن سەنئەت ئۆمەكلىرىنى تەشكىللەش بىلەن ئالدىراشلىقىنى، ئەمما دېھقانلارنىڭ يەنىلا كۈندىلىك تۇرمۇش - قورساق غېمىدە تىرمىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
سۆھبىتىمىز جەريانىدا ئۇ، ئۆز ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىپ، بىر مو بەش پۇڭ يېرى بارلىقىنى، يېرىدىن ئالىدىغان 300 كىلوگرام ئاشلىقنىڭ بىر ئائىلىدىكى 4 جاننىڭ شۇ يىللىق ئوزۇقىغا يەتمىگىنى ئۈچۈن، يېزا بازىرىدا ئۇنى - بۇنى سېتىپ كۈندىلىك چاي - تۇزنىڭ غېمىدە غورىگىل ياشايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ھەر خىل تېمىدىكى تەشۋىقات رەسىملىرىنىڭ كەنت ئىشخانىلىرى ۋە دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىنىڭ كوچا تاملىرىغا چوڭايتىپ سىزىلىپ، ئاپئاق ئاقارتىلغان تامدا ئالاھىدە گەۋدىلەنگەنلىكى ۋە دېھقانلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىغانلىقى ھەققىدە توختالغان بۇ دېھقاندىن ھۆكۈمەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تەشۋىقات خىزمەتلىرى ۋە يېزىغا چۈشۈرۈلگەن كادىرلار ھەققىدىكى ئىنكاسلارنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ يۇمۇرلۇق قىلىپ،«ھۆكۈمەت دېھقانلارنى ئازاد قىلىمىز دەپ ئەۋەتكەن كادىرلار ئۆيلىرىمىزگە يەرلەشتى، ئۇلار دېھقانلاردىكى دىنىي رادىكاللىق، خۇراپاتلىق ئىدىيىسىنى ئۆزگەرتىشكە ياردەم بېرىۋاتىدۇ، ئىدىيىمىز ئۆزگىرىپ مەدەنىيلىشىۋاتىمىز، ئاياللىرىمىز ياغلىق ئارتمايدىغان، ئۇزۇن كۆڭلەك، جىلباپ كىيمەيدىغان بولدى، 60 ياشتىن تۆۋەنلىرىمىز ساقال قويمايمىز.... ئەمما تېخىچە باي بولالمىدۇق، ھۆكۈمەتنىڭ نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش پۇلىغا تايىنىپ ياشاۋاتىمىز، يەتمىگىنىگە ئۆيىمىزدە تاماق يەۋاتقان كادىرلار يانچۇقىدىن چىقىرىپ بىزگە ياردەم قىلغۇدەك، دەپ ئاڭلىدۇق... ئەمما ھازىرغىچە ئۇلارنىڭ ھەپتىدە ئىككى قېتىم ئۆيىمىزدە يېگەن تامىقىنىڭ پۇلىنىمۇ ئالمىدۇق» دەپ جاۋاب بەردى.
جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەلۇم بىر شەھىرىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر خانىم بولسا، ئۆزىنىڭ يېزىلاردا باشلانغان بۇ خىل داغدۇغىلىق تەشۋىقاتتىن قۇتۇلۇش، كادىرلارنىڭ ئۆيمۇ - ئۆي كىرىپ دىنىي رادىكاللىقنى تۈگىتىش، دىنىي يوسۇندا كىيمەسلىك ھەققىدىكى تەربىيىلىرىنى ئاڭلىماسلىق ئۈچۈن، ئائىلىسى بىلەن ئۈرۈمچىگە كەتكەنلىكىنى، ئەمما ئۈرۈمچىدە ياقا يۇرتلۇقلارنى قايتۇرۇش شامىلىدا يەنە جەنۇبقا قايتىپ كېلىپ جېنىنى بېقىش ئۈچۈن تازىلىق ئىشلىرىنى قىلىپ غورىگىل ياشاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ خىل تەشۋىقاتلىرىنى «رايوندا مۇقىملىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، دىنىي رادىكاللىقنى يوقىتىش» تىكى نەتىجە دەپ مەدھىيىلەۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى دائىرىلەرنىڭ بۇ قىلمىشلىرىنى «مەدەنىيەت ئىنقىلابى دەۋرىدىكى مېڭە يۇيۇش ھەرىكىتى» نىڭ قايتا ئىپادىلىنىشى دەپ تەنقىدلەنمەكتە.