ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرى مالمۆ شەھىرىگە جەم بولدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2017.08.30
Uyghur-qelemkesh-yighin.jpg قەلەمكەشلەر تەشكىلاتلىرى ئۇيۇشتۇرغان «ئۆچمەنلىك، نەپرەت بولمىغان زېمىن يارىتىش» تېمىسىدىكى خەلقئارالىق يىغىندىن كۆرۈنۈش. 2017-يىلى شىۋېتسىيە.
RFA/Ekrem

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرى شىۋېتسىيەنىڭ مالمۆ شەھىرىگە جەم بولۇپ، خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشتى.

28-ئاۋغۇست كۈنى ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر خەلقئارا مەركىزى، شىۋېتسىيە قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى، تىبەت قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى ۋە خىتاي مۇستەقىل قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى شىۋېتسىيەنىڭ مالمۆ شەھىرىدە «ئۆچمەنلىك، نەپرەت بولمىغان زېمىن يارىتىش» تېمىسىدىكى خەلقئارالىق يىغىننى باشلىدى. يىغىن ئېچىلىش مۇراسىمى 28-ئاۋغۇست كەچ سائەت 18:00 بىلەن مالمۆ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ھەشەمەتلىك زالىدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا ئامېرىكا، كانادا، ياپونىيە، ئاۋسترالىيە، تۈركىيە، قازاقىستان، ئىران، گېرمانىيە، نورۋېگىيە، گوللاندىيە، دانىيە، فىنلاندىيە، فىرانسىيە قاتارلىق ئەللەردىن كەلگەن 65 نەپەر كىشى قاتناشتى.

مۇراسىمغا قاتناشقان ھەرقايسى قەلەمكەشلەر تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ئېچىلىش نۇتقى سۆزلەپ، خىتاينىڭ ئۆز ئىدارىسى ئاستىدىكى مىللەتلەر ۋە خەلقلەرنىڭ سۆز، مەتبۇئات، پىكىر ئەركىنلىكىگە بولغان تەقىب، باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى، قەلەمكەشلەرگە قىلىۋاتقان زىيانكەشلىكلىرىنى قاتتىق ئەيىبلەشتى. بولۇپمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى ليۇ شاۋبونىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغانلىقى ئۈستىدىن كۆپ شىكايەتلەر قىلىشتى.

بۇ قېتىمقى يىغىنغا 20 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرى، زىيالىيلىرى ھەمدە سىياسىي پائالىيەتچىلىرى دۇنيانىڭ ھەر يەرلىرىدىن كېلىپ قاتناشقان ئىدى. ئۇيغۇر خەلقئارا قەلەمكەشلەر مەركىزىنىڭ رەئىسى خەمىت ھەمرايېف ئەپەندى نەق مەيداندا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا، تۈركىيە ۋە ياۋروپا ئەللىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرى ۋە زىيالىيلىرى ئۈچۈنمۇ زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

قازاقىستاندىن كەلگەن ئۇيغۇر شائىرى ئابدۇغوپۇر قۇتلۇق ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىمقى تۆت تەرەپ قەلەمكەشلىرى بىرلەشمە يىغىنى ھەققىدىكى تەسىراتلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر يازغۇچىسى ئابدۇرېشىتھاجى كەرىمى ئەپەندىمۇ بۇ قېتىمقى يىغىن ھەققىدە توختىلىپ، بۇ يىغىننىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىنى دۇنيا قەلەمكەشلىرىگە بىلدۈرۈش جەھەتتە زور رولى بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر خەلقئارا مەركىزى، شىۋېتسىيە قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى، تىبەت قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى ۋە خىتاي مۇستەقىل قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ بۇ بىرلەشمە خەلقئارالىق يىغىنىغا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدىن مەلۇمات بېرىش ئۈچۈن د ئۇ ق باش كاتىپى، ئۇ ن پ ئو مۇئاۋىن رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمۇ ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.

ئەنگلىيەدىن كەلگەن ئۇيغۇر يازارلىرىدىن ئەزىز ئەيسا ئەپەندىمۇ بۇ قېتىمقى يىغىندا نۇتۇق سۆزلەپ، ئىلھام توختى مەسىلىسى ئۈستىدە ئالاھىدە توختالدى.

بۇ قېتىمقى تۆت تەرەپ قەلەمكەشلەر يىغىنى 28-ئاۋغۇستتىن 30-ئاۋغۇستقىچە 3 كۈن داۋام قىلىدىغان بولۇپ، يىغىننىڭ ساھىبخانلىق ۋەزىپىسىنى شىۋېتسىيە قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى ئۈستىگە ئالغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.