ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى 31-مارت زوراۋانلىق، تېررورلۇققا ئائىت ئۈن-سىن پروگراممىسىنى تارقىتىشنى مەنئى قىلىش توغرىسىدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىنى تارقاتقان ئىدى.
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن نۆۋەتتە جايلار، ئەدلىيە تارماقلىرى بىلەن ماسلىشىپ، ئاساسىي قاتلامغا چۈشكەن كادىرلارنىڭ ھەمكارلىقىدا يانفون بازىرى، كومپيۇتېر بازىرى، ئۈن-سىن بازىرى قاتارلىق تىجارەت ئورۇنلىرىدا تازىلاش ھەرىكىتىنى باشلىغانلىقى ئاشكارىلاندى. ئىنكاسلاردىن يەنە، بۇ قېتىملىق تازىلاشنىڭ دائىرىسىنىڭ ئىنتايىن كەڭ ئىكەنلىكى، شەخسلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئۇچۇر ئالاقە ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىشىنىڭمۇ قاتتىق نازارەت قىلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۇ تازىلاش ھەرىكىتىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، «ئەزەلدىن قاتتىق كونتروللۇق ئاستىدىكى ئۇيغۇر ئېلىدا ئىنتېرنېت ياكى باشقا ئالاقە ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ ئاتالمىش تېررورلۇق، مىللىي بۆلگۈنچىلىكنى تەرغىب قىلىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس، خىتاي ھۆكۈمىتى پەقەت بۇ باھانىدە ئامما ئارىسىدا ئۆزىنىڭ زوراۋان، قانۇنسىز سىياسەتلىرىگە قارشى بارغانچە كۈچىيىۋاتقان نارازىلىق ۋە ئويغىنىشنىڭ يەنىمۇ ئەۋج ئېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىش ۋە باستۇرۇشنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلماقتا» دەپ كۆرسەتتى.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سوت، تەپتىش، مەدەنىيەت، ج خ ۋە بازار باشقۇرۇش ئورگانلىرىنىڭ چىقارغان ئۇقتۇرۇشىدا، «زوراۋانلىق، تېررورلۇق، دىنىي ئەسەبىيلىك، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇندىكى زوراۋانلىق تەرغىب قىلىدىغان ئۈن-سىن پروگراممىسىنى ياساش، تارقىتىش، يوللاش، قويۇش، كۆچۈرۈش، كۆرۈش، تارقىتىش، ساقلاش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ، خىلاپلىق قىلغۇچىلار بايقالسا قانۇن بويىچە جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ، قاتتىق جازالىنىدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەن.
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە جايلار، قانۇن ئەدلىيە تارماقلىرى بىلەن ماسلىشىپ، ئاساسىي قاتلامغا چۈشكەن كادىرلارنىڭ ھەمكارلىقىدا يان تېلېفون بازىرى، كومپيۇتېر بازىرى، ئۈن-سىن بازىرى قاتارلىق تىجارەت ئورۇنلىرىدا تازىلاش ھەرىكىتىنى باشلىغان. ئاقسۇدىكى مىللىي ئۈن-سىن بۇيۇملىرى بازىرىدىكى بىر پىركازچىك قىز زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، دائىرىلەرنىڭ 1-ئاپرېل كۈنى بازاردا چوڭ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغانلىقىنى ۋە زوراۋانلىق، تېررورلۇق، دىنىي ئەسەبىيلىك، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇندىكى ئۈن-سىن پروگراممىسى، زوراۋانلىقنى تەرغىب قىلىدىغان ئۈن-سىن بۇيۇملىرىنىڭ قاتتىق مەنئى قىلىنىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى ھەر بىر دۇكانغا تارقىتىپ مۇناسىۋەتلىك ئەھدىنامىگە قول قويدۇرغانلىقىنى بىلدۈردى، بۇ پىركازچىكنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ئۇقتۇرۇشتا، شۇ خىل مەزمۇندىكى ئۈن سىن بۇيۇملىرى، تەشۋىقات بۇيۇملىرى بايقالسا دەرھال ئۆزلۈكىدىن ئۆچۈرۈۋېتىش، كۆيدۈرۈۋېتىش ياكى يوقىتىش، ئۆزى كۆچۈرۈۋېتەلمىگەن، كۆيدۈرۈۋېتەلمىگەن ياكى يوقىتىۋېتەلمىگەنلەر زوراۋانلىق، تېررورلۇق مەزمۇندىكى شۇ ئۈن-سىن بۇيۇمىنى بىر ئاي ئىچىدە شۇ جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ياكى ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتىغا تاپشۇرۇپ بېرىشى شەرت ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن ئىكەن.
-بۇ ئۈن-سىن بازىرىمۇ؟
-ھەئە بازار.
-زوراۋانلىق، تېررورلۇق، دىنىي ئەسەبىيلىك، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇندىكى ئۈن-سىن پروگراممىسى، زوراۋانلىقنى تەرغىب قىلىدىغان ئۈن-سىن بۇيۇملىرىنى تازىلاش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چۈشۈپتىكەن، سىلەرنىڭ بازاردىمۇ تەكشۈرۈش ئېلىپ باردىمۇ؟
-كەسپىم پىركازچىك مېنىڭ، پەيچۇسودىكىلەر كىرىپتىكەن، شۇنداق قانۇنسىز، نەرسىلەرنى كۆرسەڭلار، بىلسەڭلار بىزگە مەلۇم قىلىڭلار دەپ قول قويغۇزۇپ چىقىپ كەتتى.
بىزنىڭ دۇكاندىكى ئۈن-سىن بۇيۇملىرىنىمۇ تەكشۈرۈپ تۇرىدۇ بولمىسا..
-قانداق نەرسىلەر قانۇنسىز بولىدىكەن؟
-ئاساسەن دىنىي پائالىيەت ئەمدى شۇ...
-ئادەتتە تور بەتلەردىن دىنىي ساۋاتلارنى كۆرسەڭلار بولامدۇ؟
-ياق، بولمايدۇ،
-يانفونلاردا تارقاتساڭلار بولامدۇ؟
-ياق، بولمايدۇ؟
-ئۇنىمۇ چەكلىدىمۇ؟ قاچاندىن باشلاپ؟
-خېلى ئۇزۇندىن بېرى، شۇنداق، ۋاقىتنى ھېسابلاپ باقماپتىمەن.
-چەتئەلنىڭ تور بەت رادىئو، تېلېۋىزورلىرىنى ئاچالامسىلەر؟
-ئېچىپ باقماپتىمەن.
-ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنى ئاڭلىيالامسىلەر؟'
-ياق، ئۇ ئاڭلانمايدۇ.
-ئادەتتە دۇكانلاردا دىنىي ساۋاتلار بار بۇيۇملارنىمۇ ساتامدۇ؟
-دۇكانلاردا ئۇنى ساتمايمىز، ئۇنى ساتقاننى كۆرسىمۇ يىغىپلا سولايدۇ ئەمەسمۇ؟ ھۆكۈمەت تەشۋىق قىلغان پائالىيەتلەر بولسا بولىدۇ، لېكىن شەخسىيلەر ئۆزلىرىنىڭ دىنىي پائالىيەتلىرى بولسا ئۇنى سىياسىيغا چېتىشلىق دەپلا ئاپىرىپ سولايدۇ.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا قايتىدىن ئىنتېرنېت ۋە ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى ھەم ئۈن-سىن بۇيۇملىرىغا قاراتقان قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى باشلىغانلىقىغا قارىتا رادىئومىز ۋە باشقا چەتئەل ئاخباراتلىرىغا ئىنكاس قايتۇرغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتاينىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستاندەك كومپيۇتېر بار، ئىنتېرنېت يوق بولغان، بارلىق ئاخبارات ئۇچۇر-ئالاقە قاتتىق كونتروللۇق ئاستىدىكى بىر جايدا خىتاي دەۋاتقان ئاتالمىش قانۇنسىز ئۇچۇرلارنىڭ تارقىلىشى مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، خىتاينىڭ بۇنى مەسىلە دەپ كۆرسىتىپ، باستۇرۇش ھەرىكىتىنى قوزغىشىدىكى مەقسىتىنىڭ، ئەمەلىيەتتە خەلقنىڭ ئۆز-ئارا ئۇچۇر ئالاقىسىنى تېخىمۇ كونترول قىلىپ، بۇ ئارقىلىق رايوندا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى توغرىسىدىكى ھەقىقىي ئۇچۇرلارنىڭ پاش بولۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى توسۇش ۋە ئۆزىنىڭ يولسىز سىياسەتلىرىگە قارشى نارازىلىقنىڭ تېخىمۇ زور ئاممىۋىيلىققا ئىگە بولۇپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.