خوتەن ناھىيەسىنىڭ لايقا يېزىسىدا پىچاقلىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ ۋاڭ فامىلىلىك مۇئاۋىن يېزا باشلىقى ئۆلتۈرۈلگەن
2015.05.27

خوتەن ناھىيەسىنىڭ لايقا يېزىسىدا بىر خىتاي ئەمەلدارىنىڭ يېقىندا پىچاقلاپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدە خەۋەر تارقالغان ئىدى.
رادىئويىمىزنىڭ نەق مەيداندىن ئۇچۇر ئىگىلىشى جەريانىدا، بۇ ۋەقەنىڭ 15-ماي كۈنى خوتەن ناھىيەسىنىڭ لايقا يېزا مەركىزىدە يۈز بەرگەنلىكى ئېنىقلاندى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان لايقا يېزىلىق ساقچىخانىنىڭ ئىككى نەپەر ساقچىسى بىلەن لايقا يېزىلىق سۇ، توك پونكىتىنىڭ نۆۋەتچى خادىمى ئۆلگۈچىنىڭ ۋاڭ فامىلىلىك خىتاي ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ لايقا يېزىلىق ھۆكۈمەتتە مۇئاۋىن يېزا باشلىقى ۋەزىپىسىدىكى كىشى ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى.
لايقا يېزىلىق سۇ، توك پونكىتىنىڭ كېچىلىك نۆۋەتچى خادىمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋەقە بۇنىڭدىن 10 كۈنلەر ئىلگىرى، يەنى 15-مايدا يۈز بەرگەن. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 5 تىن ئاشقاندا ۋاڭ فامىلىلىك مۇئاۋىن يېزا باشلىقى تاماق يېيىش ئۈچۈن ئىشخانىسىدىن چىققان. ئۇ يېزا مەركىزىدىكى ئاساسلىق كوچىدا قولىدىكى تېلېفونىغا قارىغاچ كېتىۋاتقاندا تۇيۇقسىز ھۇجۇمغا ئۇچرىغان. 20 ياشلار ئۆپچۆرىسىدىكى بىر ئۇيغۇر ياش پىچاق بىلەن ئۇنىڭغا شىددەتلىك ھۇجۇم قىلغان. نەتىجىدە ۋاڭ فامىلىلىك مۇئاۋىن يېزا باشلىقى نەق مەيداندا ئۆلگەن. ھۇجۇمچى قېچىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما شۇ كۈنى كېچىسى سائەت 12 ئەتراپىدا تۇتۇلغان.
ھازىر لايقا يېزىسى جىددىي ھالەتتە بولۇپ، يېزا تەۋەسىدىكى بارلىق ئىدارە ۋە پونكىتلار 24 سائەتلىك بىخەتەرلىك نۆۋەتچىلىكىنى يولغا قويغان. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان سۇ، توك پونكىتىنىڭ نۆۋەتچى خادىمى: «ھازىر كادىرغىمۇ، دېھقانغىمۇ ئارامچىلىق يوق» دېگەن سۆز بىلەن ئەھۋالنى چۈشەندۈردى.
لايقا يېزىلىق ساقچىخانىنىڭ ئىككى نەپەر نۆۋەتچى ساقچىسى تېلېفون زىيارىتىمىز جەريانىدا ھۇجۇمچىنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ قېيۇم ئابلا ئىكەنلىكىنى ئاشكارا قىلدى.
ئۇلار يەنە ۋاڭ فامىلىلىك خىتاينىڭ لايقا يېزىلىق ھۆكۈمەتتە مۇھىم شەخس ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ بالا-چاقىلىرىنىڭ بارلىقىنى دەلىللىدى. ھالبۇكى، ئۇلار ۋەقەنىڭ تەپسىلىي جەريانى، ھۇجۇمچىنىڭ قانداق سەۋەب ۋە مەقسەت بىلەن خىتاي يېزا باشلىقىغا پىچاقلىق ھۇجۇم قوزغىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى.
بىز لايقا يېزىلىق ساقچىخانىنىڭ باشلىقى ئابدىلىمغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، لېكىن ئۇ سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.
مەلۇمكى، لايقا يېزىسى خوتەن شەھىرىگە 15 كىلومېتىر كېلىدىغان يېزا بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسى 30 مىڭدىن ئاشىدىكەن.
كۆزەتكۈچىلەر، بۇ قېتىملىق يەككە ھالەتتىكى پىچاقلىق ھۇجۇم ۋەقەسى ۋە يېزا باشلىقى دەرىجىلىك بىر خىتاي ئەمەلدارىنىڭ نەق مەيداندا ئۆلتۈرۈلۈشى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ رايوندىكى يۇقىرى بېسىملىق سىياسىتىگە قارشى ئەڭ يېقىنقى ئىنكاسلىرىنىڭ بىرى دەپ قارىماقتا.
تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.