دانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2016.08.25
Daniye-yighin-dolqun-dilshat.jpg «جۇڭگو يولى تەتقىقات جەمئىيىتى» تەرىپىدىن دانىيە پايتەختى كوپېنھاگېندا ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا دولقۇن ئەيسا ۋە دىلشات رىشىت ئەپەندىلەر قاتناشتى. 2016-يىلى 21-ئاۋغۇست،
RFA/Ekrem

8-ئاينىڭ 21-كۈندىن 24-كۈنىگىچە دانىيە پايتەختى كوپېنھاگېندا «خىتاي يولى تەتقىقات جەمئىيىتى» تەرىپىدىن 3-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ يىغىنغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ۋە قۇرۇلتاي باياناتچىسى دىلشات رىشىتلار قاتناشقان.

يىغىنغا ئۇيغۇرلار ۋە موڭغۇللار بىلەن بىرگە كۆپ ساندا خىتاي دېموكراتلىرى ئىشتىراك قىلغان.

يىغىننىڭ تېمىسى «تەيۋەن دېموكراتىيىسى ۋە ئۇنىڭ خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىغا بولغان تەسىرى» دىن ئىبارەت بولۇپ، 3 كۈنلۈك بۇ يىغىندا خىتاينىڭ دېموكراتىيىلىشىش مەسىلىسى ئاساسلىق مۇھاكىمە ئوبيېكتى بولغان.

ئۇيغۇرلارغا سۆز نۆۋىتى كەلگەندە، دولقۇن ئەيسا ئەپەندى خىتاي يېڭىدىن يولغا قويغان «تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى ۋە بۇنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تەتبىق قىلىنىشى» دېگەن تېمىدا نۇتۇق سۆزلىگەن.

د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىت يىغىندا سۆز ئېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ھەقلىق دەۋاسىنى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تۈرلۈك مۇجادىلىلەرنى، ئالدى بىلەن بۇ يىغىنغا قاتناشقانلار، چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ توغرا تونۇشى كېرەكلىكى ھەمدە خىتاي خەلقىگە تەشۋىق قىلىشى لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتناشقان «موڭغۇلىيە خەلق پارتىيىسى» نىڭ رەئىسى تەمسىلتو ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، مەزكۇر يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان خىتاي دېموكراتلىرىغا ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل خەلقلىرىنىڭ مۇستەقىللىق كۈرەشلىرىنى ئېتىراپ قىلىشى لازىملىقىنى يىغىندا تەكرار ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي دېموكراتلىرى ھەقىقىي دېموكراتلار بولسا، ئالدى بىلەن ئۇيغۇر، موڭغۇل، تىبەت خەلقلىرىنىڭ مۇستەقىللىق ئىرادىسىگە ھۆرمەت قىلىشى ۋە ئۇنى ئېتىراپ قىلىشى كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن، كومپارتىيىگە بىرلىكتە قارشى تۇرۇش قۇرۇق داۋراڭ بولۇپ قالىدۇ.»

دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمۇ تەمسىلتو بىلەن ئوخشاش قاراشنى تەكىتلىگەن، يەنى خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ ئالدى بىلەن ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل خەلقلىرىنىڭ مۇستەقىللىق ئىرادىسىگە ھۆرمەت قىلىشى لازىملىقىنى سۆز بېشى قىلغان.

دىلشات رىشىت سۆزىدە يەنە، خىتايلار بىلەن دېموكراتىيە بايرىقى ئاستىدا يىغىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتىنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل خەلقلىرىنىڭ ئىرادىسىنى ئېتىراپ قىلىشنى ئاساس قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ھەمدە كومپارتىيىگە بىرلىكتە قارشى تۇرۇشنىڭ دائىرىسىنى خەلقئارالاشتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان.

باھ شتابى گېرمانىيەدىكى «جەنۇبىي موڭغۇلىيە خەلق پارتىيىسى» نىڭ رەئىسى تەمسىلتو مۇنداق دەيدۇ: «خىتايلار بىزنىڭ ئىرادىمىزگە ھۆرمەت قىلامدۇ-قىلمامدۇ، بۇ باشقا مەسىلە. ئەمما ئۇيغۇر، موڭغۇل، تىبەت خەلقلىرىنىڭ سىياسىي مۇجادىلىسىنى قىلىۋاتقانلارنىڭ خىتاي دېموكراتلىرىغا ۋە خەلقىگە ئۆز مىللەتلىرىنىڭ مىللىي ئىرادىسىنى جاكارلاش مۇھىم بىر مەجبۇرىيەت.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.