بىر نەپەر «مىللەتلەر ئىتتىپقلىقى ئۈلگىسى» نىڭ كورلادىكى تەربىيەلەش مەركىزىدە كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرى (3)
2017.12.25
«خەنزۇدىن بالا بېقىۋېلىپمۇ، ئائىلەمنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدىيالمىدىم»
مەلۇم بولىشىچە، كورلادىكى 4 نەپەر مەشھۇر «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈلگىسى» دىن بىرى بولغان نامان باۋۇدۇن ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا ئىككى ياشلىق بىر خىتاي يېتىم بالىنى بېقىۋالغان. ئۇنىڭ خىتايلارغا ساداقەت ئىپادىلەپ باسقان بۇ چوڭ قەدىمىمۇ ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەت ئاستىغا ئالالمىغان. ئۇنىڭ «تەشۋىقات نەمۇنىچىسى» بولغان ئايالى بۇ يىل 10-ئاينىڭ بېشىدىن باشلاپ قاماققا ئېلىنغان؛ ئىچكىرىدە ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ساقچىخانىغا ئورۇنلاشقان قىزى ئاپىسىنىڭ ئاتالمىش «جىنايىتى» سەۋەپلىك ساقچىلىق خىزمىتىدىن ئېلىپ تاشلانغان.
كورلادىكى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈلگىسى» نامان باۋۇدۇنننىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇ خىزمەت ۋە ساداقىتى سەۋەپلىك ئەتىۋارلىنىۋاتقان ۋە تەقدىرلىنىۋاتقان يىللىرى، يەنى ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا «كۆزىگە ئىسسىق كۆرۈنگەن» ئىككى ياشلىق بىر خىتاي بالىنى بېقىۋالغان. ئۇ بېقىۋالغان خىتاي بالا نۆۋەتتە 4 ياشتا. ئۇنىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» خىزمىتىدە كۆرسەتكەن بۇ ساداقىتى، باسقان بۇ قەدىمى، بۇ يىلقى سىياسىي دولقۇندا ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشتا كارغا كەلمىگەن. ئۇ سېكرىتار مەزگىلىدە قۇرغان گېلەم كارخانىسى ئەينى چاغدا يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما كارخانىدا ئىشلەۋتقانلار ئارسىدا ئاتالمىش «قانۇنسىز دىنىي ماتىرىياللار» نى كۆرگەنلەر بايقالغاچقا، كارخانىنى باشقۇرىۋاتقان ئايالى پاتىگۈل داۋۇتمۇ قاماققا ئېلىنغان.
مەلۇم بولۇشىچە، نامان باۋۇدۇن ئائىلىسى ئەسلىدە 3 نوپۇسلۇق بولۇپ، ھەر ئۈچىلىسى پارتىيە ئەزاسى ئىكەن. ئەر-كەنت سېكرېتارى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈلگىسى، ئايال-تەشۋىقات نەمۇنىچىسى ۋە ياردەمچى ئاياللار مۇدىرى؛ قىز-خىتاي ئۆلكىلىرىدە تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن، يېزىلىق ساقچى خادىمى ئىكەن.
«تەشۋىقات نەمۇنىچىسى» بولغان پاتىگۈل داۋۇت بۇ يىل 10-ئاينىڭ 9-كۈنى تۇتۇلغان ۋە ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركىزى» گە ئەكېتىلگەن. نۆۋەتتە ئۇ بىر مەھەل ئۆزى تەربىيەلىگەن، «ئەسەبىيلىك» تىن ئۇزاق تۇرۇش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان كەنتىكى ئاھالىلەر بىلەن بىرلىكتە، «تەربىيە» لەنمەكتىكەن. تۇتۇلغىنىغا 3 ئايچە بولغان بولسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ قايسىي «تەربىيىلەش مەركىزى» دە تەربىيەلىنىۋاتقانلىقى، ئېلىۋاتقان«تەربىيە» سىنىڭ قايسىي مەزمۇن ياكى شەكىلدە ئىكەنلىكى ۋە سالامەتلىك ئەھۋالى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر مەلۇم ئەمەس. قىزى ئانىسى تۇتۇلۇپ بىر ھەپتىدىن كېيىن ساقچىلىق خىزمىتىدىن توختىتىلغان. ئائىلىسىدىكى ساقچى كۈيئوغۇلمۇ بۇ ئاقىۋەتنىڭ ئالدىنى ئالالمىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، نامان باۋۇدۇن ئىككى ھەپتىنىڭ ئالدىدا ساقچىخانىغا سوراققا ئېلىپ كېلىنگەن. ئۇ، ئۆزى بېقىۋالغان 4 ياشلىق خىتاي بالىنى ساقچىخانىغا ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ سوراقتىن قۇتۇلۇشىغا سەۋەب بولالمىغان. ئۇ ساقچىخانىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقاندا بېقىۋالغان خىتاي بالىنى ئۈستەلگە ياتقۇزۇپ، تاڭ ئاتقۇچە دۈمبىسىنى سىلاپ چىققان بولسىمۇ، ئەمما بۇ پەپىلەشلەر ساقچىلارنى تەسىرلەندۈرەلمىگەن.