16-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر ياشلىرىنى دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق بىلىملىرى بىلەن تەربىيەلەش كۇرسى ئىستانبۇلدا ئاخىرلاشتى.
13-ئىيۇلدىن 15-ئىيۇلغىچە ئىستانبۇل رامادا مېھمانخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن كۇرستا گېرمانىيە، بېلگىيە ۋە تۈركىيەدىن تەكلىپ قىلىنغان مۇتەخەسسىسلەر «شەرقىي تۈركىستان تارىخى»، «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا نەزەر»، «شىمالىي ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر داۋاسىدىن مەلۇمات»، «خەلقئارالىق ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداش تىرىشچانلىقىمىزغا ئومۇمىي نەزەر» دېگەندەك تېمىلاردا دوكلات بەرگەندىن كېيىن، كۇرسقا ئىشتىراك قىلغان ئوقۇغۇچىلار بىلەن مەزكۇر تېمىلار توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى. كۇرسنىڭ ئاخىرقى كۈنى گۇرۇپپىلار بويىچە مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈلۈپ، مۇزاكىرە نەتىجىلىرى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتۈلدى.
كۇرسنىڭ ئاخىرىدا يىغىن توغرىسىدا تەپسىلىي كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن د ئۇ ق ياشلارنى دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقى بىلىملىرى بىلەن تەربىيەلەش كۇرسىغا رىياسەتچىلىك قىلغان پېتېر ئىرۋەن ئەپەندى، د ئۇ ق ياشلار كومىتېتى مۇدىرى غەييۇر قۇربان، د ئۇ ق ئىجرائىيە ھەيئىتى رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى، كۇرسقا تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىن كېلىپ ئىشتىراك قىلغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
پېتېر ئىرۋېن ئەپەندى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن كۇرسنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن 16-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر ياشلىرىنى دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق بىلىملىرى بىلەن تەربىيەلەش كۇرسىغا مەسئۇل بولۇپ كەلدىم. كۇرسىمىز بۇرۇنقىدىكىلەرگە ئوخشاشلا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتتى دەپ قارايمەن. كۇرس جەريانىدا تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ياش ئاكتىپلار بىلەن تونۇشتۇم. ئۇلار بىلەن ئۇيغۇر دەۋاسىنى تۈركىيەدىكى ئەمەلىي ئەھۋالنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ قانداق ئوتتۇرىغا قويۇش توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ باردۇق. د ئۇ ق نىڭ خەلقئارادىكى پائالىيەتلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەردۇق. مۇۋەپپەقىيەتلىك بىر پائالىيەت بولدى».
ئۈچ كۈنلۈك كۇرس ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مىكروفونىمىزنى د ئۇ ق ئىجرائىيە ھەيئىتى رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندىگە ئۇزاتتۇق. ئۇ، كۇرسنى خۇلاسىلەپ، بۇ قېتىمقى كۇرسنىڭ ئالاھىدىلىكىنىڭ قاتناشقان ياشلارنىڭ ئاكتىپچانلىقىنىڭ يۇقىرى بولۇشى، سانىنىڭ كۆپلۈكى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
د ئۇ ق ياشلار كومىتېتى مۇدىرى غەييۇر قۇربان ئەپەندى كۇرسقا ئىشتىراك قىلغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ داۋاغا بولغان قىزىقىشىدىن ناھايىتى تەسىرلەنگەنلىكىنى بايان قىلدى.
غەييۇر قۇربان ئۈچ كۈنلۈك كۇرس جەريانىدا ياشلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىش جەريانىدا د ئۇ ق نى ئۇيغۇر ياشلىرىغا ياخشى تونۇشتۇرالمىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتكەنلىكىنى بايان قىلدى.
كۇرسقا قاتناشقان ئۇيغۇر پائالىيەتچى ھەسەن ئابدۇراخمان ئەپەندى كۇرس جەريانىدا ئۇيغۇر دەۋاسىنى قىلىشنىڭ ئۇسسۇلىنى ئۆگەنگەنلىكىنى بايان قىلدى.
ئۇيغۇر ياشلىرىنى دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرى بىلىملىرى بىلەن تەربىيەلەش كۇرسىغا ئامېرىكا قوشقا شتاتلىرى، گېرمانىيە، ۋە تۈركىيەدىكى د ئۇ ق نىڭ بەزى رەھبەرلىرى ۋە خادىملىرىدىن سىرت، تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئوقۇۋاتقان 40 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى قاتناشتى. ئۇيغۇر ياشلىرىنى دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقلىرى بىلەن تەربىيەلەش كۇرسى تۇنجى قېتىم تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇرۇن ئامېرىكا، گېرمانىيە، شىۋېتسىيە، شۋېتسارىيە، بېلگىيە، نورۋېگىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئېچىلغان ئىدى.
0:00 / 0:00