يەكەن قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى بىر قىسىم تەپسىلاتلار ئاشكارا بولماقتا

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2014.08.07
yeken-ilhamtoxti-jume-tahir.jpg سۈرەتتە، يېقىندا ئۇيغۇر رايونىدا قارشىلىق يۈز بەرگەن رايونلار قىزىل يۇلتۇز بىلەن ئىپادىلەنگەن. 2014-يىلى 4-ئاۋغۇست.
AFP

يەكەندە قانلىق توقۇنۇش يۈز بېرىپ بىر ھەپتىدىن ئاشقاندا مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە بىر قىسىم شاھىتلار كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىنى ئاشكارا قىلماقتا.

بۈگۈن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان، ئەمما ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىرەيلەن يەكەن ۋەقەسى ھەققىدىكى بىر قىسىم ئەھۋاللار ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 28-ۋە 29-ئىيۇل كۈنلىرى يەكەندە قانلىق توقۇنۇش يۈز بېرىشى بىلەن بۇنىڭ تەسىرى قوشنا ناھىيەلەردە زەنجىرسىمان ئىنكاس پەيدا قىلغان. يەكەنگە قوشنا قاغىلىق ناھىيەسىدىمۇ 30-، 31-ئىيۇل كۈنلىرى توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكى مەلۇم. ھالبۇكى، دائىرىلەرنىڭ ئاخباراتنى قاتتىق قامال قىلىشى سەۋەبلىك توقۇنۇشنىڭ تەپسىلاتى دۇنياغا ئاشكارا بولمىغان.

ئۇ، يەكەن ۋەقەسى يۈز بەرگەندە گەرچە ئۆزى يەكەندە بولمىسىمۇ، لېكىن قانلىق توقۇنۇشنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ۋە ئاڭلىغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن بىر قىسىم ئەھۋاللارنى ئاڭلىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، ۋەقەدە ئۆلگەنلەرنىڭ ھەقىقىي سانى دائىرىلەر تەرىپىدىن ھازىرغا قەدەر مەخپىي تۇتۇلماقتىكەن. ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان سان مەزكۇر ۋەقەدە ئۆلگەنلەرنىڭ ناھايىتى ئاز بىر قىسمى بولۇپ، خىتاي ھەربىي قىسىملىرى تەرىپىدىن يەكەن يېزىلىرىدا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنتايىن كۆپلۈكى مەلۇم بولماقتىكەن.

دائىرىلەر ۋەقەنىڭ ئىچ يۈزى ۋە ئۆلگەنلەرنىڭ ئىز-دېرىكىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ھازىر يەكەن ۋە ئەتراپتىكى ناھىيەلەردە بىر مەيدان تەشۋىقات جېڭى قوزغاپ، خەلقنىڭ ئېغىزىنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنماقتىكەن.

ئۇ يەنە، خىتايلار بىلەن تىجارىي مۇناسىۋىتى بولغان ئىنىسىنىڭ ئېغىزىدىن يەكەن توقۇنۇشىنىڭ 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دىنمۇ چوڭ ۋەقە بولغانلىقىنى، ئىنىسىنىڭ خىتايلاردىن مەزكۇر ۋەقەدە ئۆلگەن كىشىلەرنىڭ سانىنىڭ ناھايىتى كۆپلۈكىنى ئاڭلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ، ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ ئەمەلدارى بولۇپ تۇرۇۋاتقان تۇغقىنىدىن بەزى ئىچكى ئەھۋاللارنى ئاڭلىغانلىقىنى، توقۇنۇشتا ئوتتۇرىغا چىققان ۋە ئوققا تۇتۇلغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ 17 ياشتىن 30 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتىكى يېزا ياشلىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە، ۋەقەدىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يەكەن، قەشقەر ۋە خوتەن رايونلىرىدا تەشۋىقات جېڭى ئېلىپ بېرىپ، توقۇنۇشنىڭ سەۋەبى ۋە جەريانلىرىنى پۈتۈنلەي ئۆز پايدىسىغا بۇرمىلاپ كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى، ھەتتا مۇكاپاتلاش، يالغان مەنزىرە پەيدا قىلىش ئارقىلىق مۇتلەق كۆپ قىسىم ئۇيغۇر ئاممىسىنىڭ ئۆزلىرى تەرەپتە تۇرىدىغانلىقىنى تەشۋىق قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.