تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 13-فېۋرال كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ 2023-يىللىق خىزمەت دوكلاتى ئوقۇپ ئۆتۈلگەن.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ قازاق مىللىتىدىن بولغان رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن دوكلاتىدا ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ 2023- يىللىق خىزمىتىدە شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ئىستراتېگىيەسىنىڭ روھى بويىچە، رايوننىڭ تىنچ-مۇقىملىق تەرەققىياتى ۋە مىللەتلەر مۇناسىۋىتىدە ئانار دانىسىدەك ئىناق ۋەزىيەت بەرپا قىلىنىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كۈچەيتىش ھەم مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇشتا زور نەتىجىلىرى قولغا كەلگەنلىكى مەدھىيەلەنگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى دوكلاتنىڭ تولۇق نۇسخىسىنى كۆرۈپ چىققانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ خىل دوكلاتلاردا ھەر يىلى دېگۈدەك ئاتالمىش خىزمەت نەتىجىلىرى نامىدىكى ئوخشاش مۇقاملار تەكرارلىنىدىكەن. ئەمما سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىننىڭ تىلىدا ئوقۇلغان دوكلاتتا تەكىتلەنگەن نۇقتىلار دىققەت قوزغايدىكەن.
ئىلشات ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دوكلاتتا تىلغا ئېلىنغان، «شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ئىستراتېگىيەسى» يۆنىلىشى بويىچە، رايوندىكى مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىنغانلىقى، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» نى مۇستەھكەملەش تەلىپى بويىچە، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش»، مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا يۇغۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، ھەر مىللەت خەلقى قاتناشتۇرۇلغان بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيەتلىرىنى كۆپەيتىش، مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا بېرىش-كېلىش قىلىش، ناخشا-مۇزىكا، ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيەت جەھەتلەردە ئۆزئارا ئۆگىنىش، دېگەندەك ئىبارىلەرنىڭ تەكىتلىنىشى، ئەمەلىيەتتە، رايوندا بارغانچە كۈچەيتىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق تۈسىدىكى قاتتىق باستۇرۇش ۋە مىللىي ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ بۇندىن كېيىنمۇ داۋام قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.
نۇرلان ئەبىلمەجىن دوكلاتىدا، مىللەتلەرنىڭ يۇغۇرۇلۇشى، ھەر مىللەتنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنىڭ كۈچەيتىلگەنلىكى ۋە جۇڭخۇا روھىنىڭ مۇستەھكەملەنگەنلىكىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە بۇ سۆزلەر ئەمەلىيەتتە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ، ئېرىتىپ يوقىتىش سىياسىتىنىڭ ئاشكارا ئىپادىلىنىشى ئىكەن.
ئىلشات ھەسەن ئەپەندى يەنە دوكلاتتا تىلغا ئېلىنغان، «رايوندا دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇپ، ئەسەبىيلىككە زەربە بېرىلگەنلىكى، دىننىڭ خىتايچە سوتسىيالىزمغا ماسلاشتۇرۇلغانلىقى» قاتارلىقلار ھەققىدە توختىلىپ، بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان دىنىي ئېتىقادنى تېررورىزمغا باغلاپ باستۇرۇش ۋە دىننى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
دوكلاتتا يەنە سىياسىي كېڭەشنىڭ ئۆتكەن يىلدىكى خىزمەتلىرىنىڭ نەتىجىلىرى سۈپىتىدە رايوندا تىنچ-مۇقىم ۋەزىيەت بارلىققا كەلگەنلىكى مەدھىيەلەنگەن.
كانادادىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى شېڭ شۆ خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى دوكلاتلىرىدىن، ئۇنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈۋاتقان مۇستەملىكە سىياسىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ باستۇرۇش نىشانى قىلىنغانلىقىنى كۆرۈش مۇمكىن ئىكەن. ئۇ دوكلاتتا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجە دەپ تەرىپلەنگەن<رايوندا مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىنغانلىقى> ھەققىدىكى بايانلاردىن بۇ نۇقتا ئاشكارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
شېڭ شۆ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى شىنجاڭ ئاپتونوم رايونى دەپ ئاتىۋالغان بۇ زېمىندا مۇستەملىكە سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. يەنى خىتاي كومپارتىيەسى ھۆكۈمىتى شىنجاڭ رايونى دەپ ئاتىۋالغان شەرقىي تۈركىستان زېمىنىدا باستۇرۇش، قىرغىنچىلىق، ۋە دۆلەت تېررورىزمى سىياسىتى داۋام قىلىۋاتىدۇ. بىزنىڭ كۆرۈۋاتقىنىمىز بولسا، يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان زور كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان ياشلار ۋە ئوتتۇرا ياشلىقلار تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېرلارغا قامالدى. بۇ سان ھازىر ئۇيغۇر ئاھالىسىنىڭ يېرىمىنى تەشكىل قىلدى دېسەكمۇ مۇبالىغە بولمايدۇ. مانا مۇشۇنداق بىر شارائىتتا خىتاي كومپارتىيە ھۆكۈمىتى ‹رايوندا ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىك يارىتىلدى، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىندى› دېگەن. بۇ دېمەك بۇ، ئۆزىگە قارشىلىق بىلدۈرەلەيدىغان بارلىق كىشىلەرنى تۈرمىگە ۋە لاگېرلارغا قامىۋەتتى دېگەننى بىلدۈرىدۇ. شۇڭا ئۇ ھازىر ئۆزىگە قارشىلىق قىلغۇچىلارنى يوق دەپ ھېسابلايدۇ.»
شېڭ شۆ خانىم سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىللاردا، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان قىرغىنچىلىق تۈسىدىكى باستۇرۇشنى دۇنيا كۆرۈپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يالغانچىلىق تەشۋىقاتىنى يەنىلا داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئۇ سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يېتەكچىلىك قىلالايدىغان زىيالىيلاردىن تەركىب تاپقان ئۇيغۇر سەرخىللىرىنى، دىنىي ئۆلىمالىرىنى ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشىلىق كۆرسىتەلەيدىغان ياش ۋە ئوتتۇرا ياشلىق ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا، تۈرمىلەرگە قامىغاندىن كېيىن، خىتاي دۆلىتى ئىچىدە تەشۋىقاتلاردىن پايدىلىنىپ مېڭە يۇيۇش ئارقىلىق خىتاي خەلقىگە ئۆز سىياسىتىنى قوبۇل قىلدۇرۇۋاتقان بولسا، چەت ئەللەرگە قارىتا بۇ خىلدىكى دوكلاتلار ئارقىلىق ئۆز سىياسىتىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
شىڭ شۆ خانىم يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان چەت ئەللەرگە قارىتا تۈرلۈك تەشۋىقات ھەرىكەتلىرىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، ئۇيغۇر ئېلىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مىللىي ۋە دىنىي ئۆرپ-ئادەتلىرى بويىچە ياشىشىغا كاپالەتلىك قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىنى داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
شېڭ شۆ خانىم سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شى جىنپىڭ دەۋرىدە ئاتالمىش«جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى» نامىدا خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە قارىتا، خىتاي مەدەنىيىتىنى مەجبۇرىي تېڭىشتەك مىللىي ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى ساراڭلار دوختۇرخانىسىنى باشقۇرۇش ئۇسۇلىدا يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تېخى يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن خىتاينىڭ 2024- يىللىق چاغان بايرىمىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا بۇ قىلمىشىنى ئەۋجىگە چىقارغان.
ئۇ سۆزىدە خىتايلارغا خاس بولغان مەسنەۋى ۋە پانۇسلار ئېسىلغان قەشقەر قاتارلىق ئۇيغۇر شەھەرلىرىدىكى ئۇيغۇر مەھەللىلىرى، خىتايچە كىيىنىپ، خىتايچە چاغانلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرلانغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى كۆرۈنۈشلەرنى نەقىل ئېلىپ ئۆتتى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر دوكلاتتا تىلغا ئېلىنغان ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش، مەدەنىيەت جەھەتتە ئوزۇقلاندۇرۇش» دېگەنلەر ئەمەلىيەتتە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا زورلۇق ۋاسىتىلىرى بىلەن ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.