ئابدۇۋەلى ئايۇپ: «سۆيگۈنىڭ بەدىلى بولىدۇ»
2023.11.24

نورۋېگىيەدە تۇرۇشلۇق سىياسىي پائالىيەتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئارخىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارغا ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە دىققەت قىلىۋاتقان كىشىلەرگە تونۇشلۇق. يېقىندا ئۇنىڭ سابىق خىتاي ساقچىسى بىلەن يۈزلىشىشى ۋە بۇ جەرياندا ئىچكى دۇنياسىدا يۈز بەرگەن كەسكىن توقۇنۇشلار باش تېما قىلىنغان «نىقابنىڭ ئارقىسىدا» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمى ئامېرىكادىكى ئەڭ چوڭ ھۆججەتلىك فىلىم فېستىۋالىدا قويۇلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى قايتىدىن دىققەت قوزغىدى.
مەزكۇر فىلىمدا ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى 2022-يىلى 5-ئايدا گېرمانىيەگە بېرىپ، گېرمانىيەدە پاناھلىق تىلەپ تۇرۇۋاتقان، ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇرلارنى تۇتۇش ۋە قىيناپ سوراق قىلىشقا بىۋاسىتە قاتناشقان سابىق خىتاي ساقچىسى بىلەن كۆرۈشىدۇ. ئۇ خىتاي ساقچىدىن تۈرمىدىكى قىيىن-قىستاقلار ۋە ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە تۇتۇش سىياسىتىنىڭ يۈرگۈزۈلۈشى ھەققىدە سوئال سورايدۇ.
ئۇ رادىيومىزغا بەرگەن زىيارىتىدە بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئۆزىنىڭ ئاشۇنداق خىتاي فورمىسى كىيگەن خىتاي ساقچىلىرىنىڭ قىيناپ سوراق قىلىشلىرىغا ئۇچرىغان بولغاچقا، خىتاي ساقچىسى بىلەن يۈزلىشىشنىڭ ناھايىتى قىيىنغا توختىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى قەشقەردە ئانا تىل مەكتىپى ئاچقانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلۇپ، 2013-يىلى 8-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە تۈرمىدە ياتقان. چەتئەلگە چىققاندىن كېيىن تۈرمىدە ئۇچرىغان قىيىن-قىستاقلار ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرى ھەققىدە كۆپ قېتىم گۇۋاھلىق بەرگەنىدى.
ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى سۆھبىتىمىزنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: «سۆيگۈنىڭ بەدىلى بولىدۇ. بۇ بەدەلنى مۇشۇنداق جاننى خەجلەپ تۇرۇپ ئۆتەيمىز» .
ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىلەر.