د ئۇ ق ھەيئىتى ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ۋە خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشلىرىنى ئاڭلاتقان

بېرندىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھەبىبۇللا ئىزچى تەييارلىدى
2025.02.13
yawropa-parlamenti-strasburg-paaliyet-3 د ئۇ ق نىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى پائالىيىتى جەريانىدا (ئوڭدىن) د ئۇ ق رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن، ياۋروپا پارلامېنتى ئەزاسى ئەنگىن ئەرئوغلۇ، زۇمرەتئاي ئەركىن ۋە دولقۇن ئەيسالار. 2025-يىلى 12-فېۋرال، ستراسبۇرگ.
RFA/Hebibulla Izchi

10-فېۋرالدىن 12-فېۋرالغىچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى دولقۇن ئەيسا، قۇرۇلتاي رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن، مۇئاۋىن رەئىسى زۇمرەتئاي ئەركىن ۋە قۇرۇلتاي تەشۋىقات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، د ئۇ ق نىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ۋاكالەتچىسى گۈلباھار بارزاكوۋادىن تەشكىللەنگەن بىر ھەيئەت، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ستراسبۇرگدىكى مەركىزىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ، بىر قاتار مۇھىم ئۇچرىشىشلاردا بولغان.

قۇرۇلتاي رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇننىڭ نەق مەيداندىن بىلدۈرۈشىچە، بۇ ھەيئەت ئاساسلىقى نۆۋەتتە تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 48 ئۇيغۇرنى ئۈچىنچى بىر بىخەتەر دۆلەتكە يۆتكەش ئۈچۈن ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ھەرىكەتلەندۈرۈش، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ۋە خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشلىرىغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇش، شۇنداقلا بۇ ھەقتە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىنى قولغا كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان.

د ئۇ ق رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن(سولدا) ۋە سابىق رەئىس دولقۇن ئەيسا(ئوڭدا) ئەپەندىلەر ياۋروپا پارلامېنتى ئەزاسى ئىلخان كويۇنجۇك ئەپەندىگە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نامىدىن سوۋغا تەقدىم قىلماقتا. 2025-يىلى 12-فېۋرال، ستراسبۇرگ.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان د ئۇ ق رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتلارنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلىرىمىز دىققىتىگە سۇندى.

د ئۇ ق ھەيئىتى بۇ قېتىمقى پائالىيىتىدە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە بۇ نۆۋەتلىك ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزالىقىغا يېڭىدىن سايلانغان بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن بىۋاسىتە ئۇچراشقان. ئۇلار بۇ ئۇچرىشىشلاردا ياۋروپا پارلامېنتىدا «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىش توغرىسىدا ئىلتىماس ۋە تەكلىپ-پىكىرلەردە بولۇنغان. د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى زۇمرەتئاي ئەركىن بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى.

(ئوڭدىن) زۇمرەتئاي ئەركىن خانىم، بۇلغارىيەنىڭ ياۋروپا پارلامېنتى ئەزاسى ئىلخان كويۇنجۇك، د ئۇ ق رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ۋە سابىق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىلەر. 2025-يىلى 12-فېۋرال، ستراسبۇرگ.

زۇمرەتئاي ئەركىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياۋروپا پارلامېنتىدىكى بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشلارنىڭ ئاساسلىق تېمىلىرىدىن بىرى، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بولۇپ، د ئۇ ق ھەيئىتى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بۇندىن بۇرۇن مەجبۇرىي ئەمگەك ھەققىدە چىقارغان ئىككى قانۇن ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلغان خىتاي مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا ئىجرا قىلىنىشى ھەققىدىمۇ بەزى تەلەپلەردە بولۇنغان.

د ئۇ ق نىڭ سابىق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمۇ نەق مەيداندىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ مەقسىتى «قۇرۇلتاينىڭ بۇ نۆۋەتلىك رەئىسلىرىنى ياۋروپا پارلامېنتىغا تونۇشتۇرۇش، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن يېڭى چارىلەر ئۈستىدە ئىزدىنىش» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

د ئۇ ق رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن باشلىق ھەيئەت ياۋروپا پارلامېنت ئەزاسى ئەنگىن ئەرئوغلۇ بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارماقتا. 2025-يىلى 12-فېۋرال، ستراسبۇرگ.
د ئۇ ق رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن باشلىق ھەيئەت ياۋروپا پارلامېنت ئەزاسى ئەنگىن ئەرئوغلۇ بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارماقتا. 2025-يىلى 12-فېۋرال، ستراسبۇرگ.
RFA/Hebibulla Izchi

د ئۇ ق ھەيئىتى بۇ ئۇچرىشىشلار داۋامىدا يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان تور سودىسى، «تېمو»، «شېيىن» قاتارلىق خىتاينىڭ پارچە سېتىش سۇپىلىرىنى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەردە چەكلىشى ھەققىدىمۇ تەلەپلەردە بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە نۆۋەتتىكى دۇنيا ۋەزىيىتى، ئۇنىڭ ئۇيغۇر ھەرىكىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ھەرىكەت ئىستراتېگىيەسى ھەققىدىمۇ مۇزاكىرىلەردە بولغان.

د ئۇ ق نىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى پائالىيىتى جەريانىدا (ئوڭدىن) تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن، سلوۋاكىيەنىڭ ياۋروپا پارلامېنتى ئەزاسى مىرىيام لېكىسمان، گۈلباھار بازاكوۋا ۋە زۇمرەتئاي ئەركىنلەر خاتىرە سۈرەتتە.2025-يىلى 12-فېۋرال، ستراسبۇرگ.

د ئۇ ق ھەيئىتىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشلىرى ھەققىدە سلوۋاكىيەنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئەزاسى مېرىيام لېكسمان ئۆزىنىڭ X ھېسابىدا، «ياۋروپا ئىتتىپاقى چوقۇم شېرىكلىرى بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىشىپ، خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشلىرى، مەجبۇرىي ئەمگەك، ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان جىنايى باستۇرۇشلىرىغا قارشى بىرلىكتە كۈرەش قىلىشى كېرەك» دەپ يازغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.