قىرغىزىستاندا تونۇلغان ئۇيغۇر سەنئەتكار، «قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلق ئارتىسى» ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن سۇلتان كەرىموفنى قوللاش ئۈچۈن جۇمھۇرىيەتلىك فىلارمونىيەدە، يەنى سەنئەتكارلار سارىيىدا خەيرى-ساخاۋەت كونسېرتى بولۇپ ئۆتتى. كونسېرتتا قىرغىزىستان ناخشا چولپانلىرى، ئۇسسۇل ئانسامبىللىرىنىڭ ئارتىسلىرى ۋە ئاتاقلىق سازەندىلەر ئۆز ماھارىتىنى تاماشىبىنلار ھۇزۇرىغا ھاۋالە قىلىشتى. كونسېرتتىن كىرگەن كىرىم سۇلتان كەرىموفنىڭ داۋالىنىشىغا ئىشلىتىلىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، «قىرغىزىستان خەلق خەلق ئارتىسى» سۇلتان كەرىموف ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ، تۈركىيەدە داۋالىنىشى كېرەك ئىكەن. جامائەت ئەربابى ۋە پائالىيەتچى ئاسسول مولدوكماتوۋا خانىم، ئۆزىنىڭ فەيسېبوك تور سەھىپىسىدە، جامائەتنى سۇلتان كەرىموفنىڭ داۋالىنىشىغا ياردەم بېرىشكە تەكلىپ قىلغانىدى. ئاسسول مولدوكماتوۋا ئۆز سەھىپىسىدە مۇنداق دەپ يازغان: «2015-يىلى دوختۇرلار سۇلتان كەرىموفقا ئېغىر دىئاگنوز قويغانىدى. بۇلار دىئابىت كېسەللىكى، ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ ياللۇغلىنىشى، بۆرەك ئاجىزلىقى، يۈرەك زەئىپلىشىشى ۋە باشقا كېسەللەر ئىدى. 2020-يىلنىڭ ئىيۇن ئېيىدىن تارتىپ 1-تىپلىق دىئابىت كېسىلى دەپ تەكىتلەنگەن سۇلتان كەرىموف ئىنسۇلىنغا تايىنىپ قالدى. ئۇ تۈركىيەدە جىددىي داۋالىنىشقا موھتاج! ئېسىل سەنئەتكارىمىزنى قۇتۇلدۇرۇشىمىز كېرەك!».
ئاتاقلىق ئارتىس، ماھىر ناخشىچى سۇلتان كەرىموفقا ياردەم كۆرسىتىش ئۈچۈن ياش سەنئەتكارلار، سۇلتان كەرىموفنىڭ شاگىرتلىرى ھەم ئاتاقلىق ئارتىسلار، يەنى خىزمەتداشلىرى، شۇنداقلا قىرغىزىستان خەلق بىرلەشمىسىنىڭ تەركىبىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋەكىللىرىنىڭ سەنئەت گۇرۇپپىلىرى بىرلىشىپ جۇمھۇرىيەتلىك فىلارمونىيەدە كونسېرت ئۇيۇشتۇرغانىدى.
مەزكۇر كونسېرت داڭلىق سازەندە رۇستەم دەۋلەتوفنىڭ تەشەببۇسكارلىقىدا ئۇيۇشتۇرۇلدى. رادىئو زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان رۇستەم دەۋلەتوف: «سۇلتان كەرىموف خەلقىمىزنىڭ غۇرۇرى» دەپ تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«سۇلتان كەرىموف رىۋايەت خاراكتېرلىك بىر شەخس. چۈنكى ئۇ، ئۇيغۇر ناخشىچىلىرىدىن بىرىنچى بولۇپ ‹قىرغىزىستان خەلق ئارتىسى› ئۇنۋانىغا ئېرىشتى، بىز ئۈچۈن بۇ بەك مۇھىم بىر نۇقتا، بىز ئۇنىڭ بىلەن غورۇرلىنىمىز. ئەلۋەتتە بۇ يۇلتۇزىمىزغا قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەم بېرىشكە تىرىشىۋاتىمىز، مانا ساخاۋەتلىك مارافون ئۇيۇشتۇردۇق، ئەمدى بولسا كونسېرت ئۇيۇشتۇرۇۋاتىمىز. بۇ كونسېرتتا ئۇنىڭ شاگىرتلىرى، تىياتىر، فىلارمونىيە ۋە كونسېرۋاتورىيەدىكى خىزمەتداشلىرى ھەم باشقا سازەندىلەر سۇلتان كەرىموفنى قوللاش ئۈچۈن بۇ كونسېرتتا ئۆزلىرىنىڭ سەنئەت ماھارىتىنى نامايان قىلماقتا. كۆپ كىشىلەر بىزنىڭ قىممەتلىك، مۇختەرەم سۇلتان كەرىموفنى قوللاشنى ئىستەپ بۈگۈنكى پائالىيەتكە قاتناشتى».
مەزكۇر پائالىيەتكە يەنە قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ ئاياللار كېڭىشى ئەزاسى خەلچەم ئىبدىمىنوۋا خانىم قاتنىشىپ، ھەر خىل مىللەتلەر ۋەكىللىرىنىڭ سۇلتان كەرىموفنىڭ مىللىتىنى ئايرىماستىن كېلىپ ئۆز ياردەم قوللىرىنى سۇنغانلىقى ئۈچۈن ئۆز مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، سۇلتان كەرىموف داڭلىق ناخشىچى بولۇپ، ئۇ قىرغىزىستاندىن باشقا يەنە چەت مەملىكەتلەردىكى 30 دىن ئوشۇق شەھەرلەردە كونسېرت قويغانىدى.
ئىگىلىنىشىچە جۇمھۇرىيەتلىك سەنئەت سارىيىدا ئۆتكەن خەيرى-ساخاۋەت كونسېرتىغا قىرغىزىستاننىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن ئارتىسلىرىدىن زەمىرا مەۋلانوۋا، يۇلىيا رۇسكايا، ناخشا چولپىنى ئۆمەر، شۇنداقلا قىرغىز، ئۇيغۇر، ئۆزبېك، تۈرك، تاتار، رۇس، قاراچايلار ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ ئۇسسۇل ئانسامبىللىرى، تونۇلغان ئۇيغۇر سازەندە-ناخشىچىلىرى قاتناشقان. «ئاتۇش» ۋە «ئەسسالام» ناخشا گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئارتىسلىرى، «يۇلتۇز» مىللىي ئۇيغۇر ئۇسسۇل ئانسامبىلىنىڭ ئۇسسۇلچىلىرىدىن سەبىرجان نىيازوف، رىشات سادىقوف، رىشات ئايۇپوف قاتارلىقلار ئۆز ماھارەتلىرىنى كۆرسەتتى.
قىرغىزىستان خەلق بىرلەشمىسىنىڭ يېتەكچى مۇتەخەسسىسى ئەيناگۈل چولوۋا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، «سۇلتان كەرىموف پەقەت ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى پۈتۈن قىرغىزىستان سەنئىتىدە خىزمەت كۆرسەتكەن» دەپ تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«سۇلتان كەرىموف 1994-يىلى قىرغىزىستان خەلق بىرلەشمىسى قۇرۇلغاندىن تارتىپلا ئۇنىڭ ھەر بىر پائالىيىتىگە ھارماي-تالماي ناخشىچى قاتارى، مەسلىھەتچى ھەم رىياسەتچى قاتارىدا ئاكتىپ قاتنىشىپ كەلمەكتە. مانا بۈگۈنكى پائالىيىتىمىزنى ئۇيۇشتۇرۇشىمىز سەۋەبى بۇ سۇلتان كەرىموفنىڭ قىرغىز خەلقىگە سىڭدۈرگەن خىزمىتى ئۈچۈن، قىرغىزىستان خەلق بىرلەشمىسىگە كۆرسەتكەن چەكسىز خىزمىتى ئۈچۈندۇر. ئۇنىڭ پەقەت ئۇيغۇر خەلقىگىلا ئەمەس، پۈتۈن قىرغىزىستان خەلقىگە كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى ئۈچۈن بۈگۈنكى مۇراسىمنى ئۇيۇشتۇردۇق. ئاللادىن، سۇلتان كەرىموفنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ياخشى بولۇپ، قايتىدىن ئارىمىزغا قوشۇلۇپ ناخشىلىرىنى ياڭرىتىپ، بىباھا مەسلىھەتلىرىنى بېرىپ يېڭىدىن خۇشال مۇراسىملارنى ئېلىپ بېرىشىنى تىلەيمىز. تىلىكىمىز قوبۇل بولغاي» دېدى.
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تونۇلغان سەنئەتكارى، «قىرغىزىستان خەلق ئارتىسى» سۇلتان كەرىموفنىڭ داۋالىنىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغانىدى. رادىئو زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەسقەر قاسىمى سۇلتان كەرىموفنىڭ كۆرسەتكەن خىزمەتلىرىنى يۇقىرى باھالاپ، بەزى پائالىيەتلەر ھەققىدە توختالدى.
سۇلتان كەرىموف 1959-يىلى قىرغىزىستاننىڭ ئىسسىقكۆل ۋىلايىتىدىكى يەتتى ئوغۇز يېزىسىدا كۆپ بالىلىق ئائىلىدە تۇغۇلغان. 2001-يىلى قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن ئارتىسى، 2011-يىلى قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلق ئارتىسى قاتارلىق يۇقىرى ئۇنۋانلارغا ئېرىشكەن. سۇلتان كەرىموف قىرغىزىستان خەلق بىرلەشمىسىنىڭ تۈرلۈك مۇسابىقىلىرىدە، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئاممىۋى تەنتەنىلىك مۇراسىملىرىدا قىرغىز، ئۇيغۇر ۋە باشقا تىللاردا ناخشىلارنى ئورۇنداپ تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشلىرىغا ئېرىشكەن بىر مىللەتپەرۋەر سەنئەتكاردۇر. ئىگىلىنىشىچە ھازىر سۇلتان كەرىموف تۈركىيەدىكى شىپاخانىدا، ئەڭ ئاز كۈندە داۋالىنىشنى باشلىماقچى.