بېرلىندىكى خەلقئارالىق يىغىندا سۈنئىي ئەقىلنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلدى

ميۇنخېندىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم تەييارلىدى
2024.10.11
suniy-eqil-tesiri-1 گېرمانىيەنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات مىنىستىرلىقى ئۆتكۈزگەن «سۈنئىي ئەقىلنىڭ دىن ياكى ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە بولغان تەسىرى» ناملىق خەلقئارالىق مىنىستىرلار مۇھاكىمە يىغىنىغا دولقۇن ئەيسا ۋە غەيۇر قۇربان ئەپەندىلەر تەكلىپ قىلىنغان. 2024-يىلى 10-ئۆكتەبىر، بېرلىن.
RFA/Ekrem

گېرمانىيەنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات مىنىستىرلىقى 10-ئۆكتەبىر بېرلىندا ئۆتكۈزگەن «سۈنئىي ئەقىلنىڭ دىن ياكى ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە بولغان تەسىرى» ناملىق خەلقئارالىق مىنىستىرلار مۇھاكىمە يىغىنىغا 30 دۆلەتتىن كەلگەن دۆلەت رەھبەرلىرى، مىنىستىرلار، پارلامېنت ئەزالىرى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ بېرلىندىكى باش ئەلچىلىرى، دىنىي جەمئىيەتلەرنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئىلىم-پەن خادىملىرى بولۇپ 200 گە يېقىن كىشى قاتناشقان.

مەزكۇر يىغىنغا د ئۇ ق رەھبەرلىرىدىن دولقۇن ئەيسا بىلەن غەيۇر قۇربانلارمۇ تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، يىغىنغا گېرمانىيە فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ۋە ئېتىقاد ئەركىنلىكى كومىسسارى فرانك شىۋابې رىياسەتچىلىك قىلغان. ئۇ ئېچىلىش نۇتقىدا، سۈنئىي ئەقىلنىڭ دىن ياكى ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەققىدە توختىلىپ، نۆۋەتتە 38 دۆلەت بىلەن بىرلىشىپ ئېلىپ بارىدىغان سۈنئىي ئەقىلنىڭ زىيانكەشلىكلىرىدىن ساقلىنىش مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

«سۈنئىي ئەقىلنىڭ دىن ياكى ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە بولغان تەسىرى» ناملىق خەلقئارالىق مىنىستىرلار مۇھاكىمە يىغىنىدا د ئۇ ق بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇربان ئەپەندى «دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشقا قارشى چوڭ ئىتتىپاق» ناملىق تەشكىلاتقا ۋاكالىتەن سۆز قىلماقتا. 2024-يىلى 10-ئۆكتەبىر، بېرلىن.
«سۈنئىي ئەقىلنىڭ دىن ياكى ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە بولغان تەسىرى» ناملىق خەلقئارالىق مىنىستىرلار مۇھاكىمە يىغىنىدا د ئۇ ق بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇربان ئەپەندى «دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشقا قارشى چوڭ ئىتتىپاق» ناملىق تەشكىلاتقا ۋاكالىتەن سۆز قىلماقتا. 2024-يىلى 10-ئۆكتەبىر، بېرلىن.
RFA/Ekrem

بۇ يىغىندا سۆز قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن د ئۇ ق بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇربان ئەپەندى، د ئۇ ق، تىبەت ھەرىكىتى ۋە خوڭكوڭ ھەرىكىتى تەشكىلاتلىرى يېقىندا بىرلىشىپ قۇرغان «دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشقا قارشى چوڭ ئىتتىپاق» ناملىق تەشكىلاتقا ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە زۇلۇمنىڭ يالغۇز خىتاي چېگراسى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىغانلىقىنى، ئۇنىڭ يەنە دۆلەت ھالقىپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا سەلبىي تەسىرلەر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتكەن.

11-ئۆكتەبىر كۈنى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان غەيۇر قۇربان ئەپەندى، يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئەربابلىرى قاتنىشىدىغان ئۇشبۇ مۇھىم يىغىندا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاي مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى ئاچالىغانلىقىنىڭ د ئۇ ق ۋە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك بىر ھادىسە بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

«سۈنئىي ئەقىلنىڭ دىن ياكى ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە بولغان تەسىرى» ناملىق خەلقئارالىق مىنىستىرلار مۇھاكىمە يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 10-ئۆكتەبىر، بېرلىن.
«سۈنئىي ئەقىلنىڭ دىن ياكى ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە بولغان تەسىرى» ناملىق خەلقئارالىق مىنىستىرلار مۇھاكىمە يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 10-ئۆكتەبىر، بېرلىن.
RFA/Ekrem

مەزكۇر يىغىندا ئاساسلىقى سۈنئىي ئەقىلنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقىدىكى ئىجابىي رولى تەكىتلىنىش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ ساختا ئۇچۇر تارقىتىش، ئۆچمەنلىكنى تەرغىب قىلىش، دىنىي ئاز سانلىقلارنى تەقىب قىلىش، ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلىش قاتارلىق مۇستەبىت كۈچلەر تەرىپىدىن پايدىلىنىپ كېتىلىۋاتقان سەلبىي تەرەپلىرى نۇقتىلىق مۇزاكىرە تېمىسى بولغان.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، ئالدى بىلەن بۇ يىغىننىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك بولغان تەرەپلىرىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سۈنئىي ئەقىلنى خىتاي ھاكىمىيىتى تۇنجى قېتىم شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئىدارە قىلىشقا تەتبىقلىغان بولۇپ، ھازىرقى ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بېرىۋاتقان دەۋردىمۇ سۈنئىي ئەقىلدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى داۋاملاشتۇرماقتىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.