ئابدۇلھاكىم ئىدرىس: «تەيۋەنلىكلەردە ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىش ناھايىتى يۇقىرى ئىكەن»

0:00 / 0:00

تەيۋەندىكى شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى مۇدىرى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندىلەرنى تەكلىپ قىلىپ، تەيۋەننىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە دوكلات بېرىش، ھۆججەتلىك فىلىم قويۇش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتقان. پائالىيەتچىلەر يەنە بەزى ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلار بىلەن ئۇچرىشىپ، «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» نى توختىتىش ئۈچۈن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنىڭ يوللىرى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان.

ھەر قېتىملىق دوكلات بېرىش يىغىنى باشلىنىشتىن بۇرۇن «ھەدەم نەدە؟» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلگەن. ئارقىدىن روشەن ئابباس خانىم بىلەن ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندى دوكلات بەرگەن.

ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىم ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىغا دوكلات بەرمەكتە. 2023-يىلى نويابىر.
ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىم ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىغا دوكلات بەرمەكتە. 2023-يىلى نويابىر. (RFA/Erkin Tarim)

ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندى تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ بۇ قېتىمقى تەيۋەندىكى پائالىيەتلىرىمىز غەلىبىلىك بولدى، كۈتكەن مەقسىتىمىزگە ئاساسىي جەھەتتىن يەتتۇق دېسەك بولىدۇ. «ھەدەم نەدە؟» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم 7 ئورۇندا قويۇلدى. كىشىلەر مەزكۇر فىلىمنى كۆرگەندىن كېيىن قىزىقىپ سوئاللارنى سورىدى. بۇ سوئاللارنىڭ ئىچىدە «بىز تەيۋەنلىك بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن نېمىلەرنى قىلىپ بېرەلەيمىز؟ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى دۇنيانىڭ كۈن تەرتىپىدە تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن نېمەلەرنى قىلساق بولىدۇ؟» دېگەندەك سوئاللار چۈشتى».

ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندى تەيۋەندە يەنە باشقا مۇھىم ئۇچرىشىشلارنىمۇ ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بىز بۇ پائالىيىتىمىز جەريانىدا تەيۋەندىكى ئاقىللار مەركىزى، تەتقىقاتچىلار، مۇتەخەسسىسلەر، ئاكادېمىكلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەنمۇ كۆرۈشتۇق. تەيۋەندىكى شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋېتىپتۇ. ئەزالىرى ۋە قۇرغۇچىلىرى ئىچىدە بىرمۇ ئۇيغۇر بولمىغان بۇ تەشكىلات بۇ قېتىمقى تەيۋەن زىيارىتىمىزگە ساھىبخانىلىق قىلدى. بىز بۇ پائالىيەت جەريانىدا يەنە ئالىي مەكتەپلەردە، ئوتتۇرا مەكتەپلەردە لېكسىيە بەردۇق. بۇ لېكسىيەمىزدە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بەردۇق. شۇنداقلا لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىنىڭ ئاخىرىدا سوئاللىرىغا جاۋاب بەردۇق».

ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى» نىڭ مۇدىرى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندى ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىغا دوكلات بەرمەكتە. 2023-يىلى نويابىر.
ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى» نىڭ مۇدىرى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندى ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىغا دوكلات بەرمەكتە. 2023-يىلى نويابىر. (RFA/Erkin Tarim)

ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندى تەيۋەنلىكلەرنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان قىزىقىشىنىڭ ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭدىن بەك تەسىرلەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلگەندىن كېيىن، تەيۋەن خەلقىنىڭ «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىپ بېرەلەيمىز؟ بىرلىكتە قانداق ئىشلارنى قىلىشىمىز كېرەك؟» دېگەن سوئاللىرىدىن ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان زور قىزىقىشىنى ھېس قىلدۇق».

«ھەدەم نەدە؟» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم ھازىرغىچە ئوتتۇزدىن ئارتۇق دۆلەتتە كۆرسىتىلگەن بولۇپ، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىش ئۈچۈن ناھايىتى زور پايدىسى بولغان. ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندى تەيۋەن خەلقىنىڭ بۇ فىلىمغا بولغان قىزىقىشىنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە قارىغاندا ئوخشىمايدىغان بىر كەيپىيات پەيدا قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تەيۋەندە بىر مەيدان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدۇق. ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى توغرىسىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بەردۇق. «ھەدەم نەدە؟» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم ھازىرغىچە ئوتتۇزدىن ئارتۇق دۆلەتتە كۆرسىتىلگەنىدى. باشقا دۆلەتلەردىمۇ سوئاللار چۈشكەنىدى. ھالبۇكى، بىز تەيۋەندە تەيۋەن خەلقىنىڭ كوممۇنىست خىتاينىڭ تەھدىتىدىن قورققانلىقىنى، ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشنىڭ ئۆزلىرىگە ياردەم قىلىشنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەنلىكىنى ھېس قىلدۇق. ھۆججەتلىك فىلىمنى كۆرگەندىن كېيىن زالدا بىر ۋەھىمە پەيدا بولغانلىقىنى كۆردۇق. كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى ھەمكارلىشىپ نېمىلەرنى قىلالايمىز؟ دېگەن سوئال ئەڭ كۆپ چۈشتى».

ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىم بىلەن «ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى» نىڭ مۇدىرى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندىنىڭ تەيۋەندە ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى. 2023-يىلى نويابىر.
ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىم بىلەن «ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى» نىڭ مۇدىرى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندىنىڭ تەيۋەندە ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى. 2023-يىلى نويابىر. (RFA/Erkin Tarim)

ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىم بىلەن ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى مۇدىرى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندىلەرنىڭ تەيۋەندىكى پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى تەيۋەندە ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتلەردىن ئالغان تەسىراتى توغرىسىدا سۆز قىلىپ، تەيۋەنلىكلەرنىڭ ئۇ فىلىمنى كۆرگەندىن كېيىن ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىقىنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى، ھەممە بىردەك ۋەدىلەرنى بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.

تەيۋەن شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى 2019-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، دۇنيادا ئۇيغۇر ئەزاسى بولمىغان بىردىن بىر شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى ھېسابلىنىدىكەن. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلۇش مەقسىتى تەيۋەندە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ئاڭلىتىش ئىكەن. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ رەئىسى خو چاۋتۇڭ ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىمىز2019-يىلى قۇرۇلدى، شۇنىڭدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئاڭلىتىۋاتىمىز. بۇ قېتىم روشەن ئابباس بىلەن ئابدۇلھاكىم ئىدرىسنى تەكلىپ قىلىپ، «ھەدەم نەدە؟» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنى كۆرسەتتۇق ھەمدە ‹ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى› توغرىسىدا دوكلات بەرگۈزدۇق. پائالىيەت ناھايىتى ياخشى ئۆتتى، تەيۋەن مەتبۇئاتلىرىدىمۇ ئورۇن ئالدى».