ئەخمەت داۋۇتوغلۇ تايلاندتىن قايتۇرۇلغان 40 نەپەر ئۇيغۇر مەسىلىسىدە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلدى

ئەنقەرەدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم تەييارلىدى
2025.03.10
exmet-dawutoghlu-tayland-48-uyghur-1 تۈركىيە «كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ رەئىسى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ مەزكۇر پارتىيەنىڭ تۈركىيە پارلامېنتىدىكى يىغىنىدا تايلاندتىن قايتۇرۇۋېتىلگەن 40 نەپەر ئۇيغۇر مەسىلىسىدە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىدى. 2025-يىلى 5-مارت، ئەنقەرە.
RFA/Erkin Tarim

تۈركىيەدە قۇرۇلغان كۈندىن تارتىپ ئۇيغۇرلارنى قوللاپ كېلىۋاتقان ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن بىرى بولغان «كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، سابىق باش مىنىستىر ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ 5-مارت كۈنى پارتىيەسىنىڭ تۈركىيە پارلامېنتىدىكى يىغىنىدا سۆز قىلىپ، تايلاندتىن قايتۇرۇۋېتىلگەن 40 نەپەر ئۇيغۇر توغرىسىدا توختىلىپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىدى. مەزكۇر پارتىيەدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى سەلچۇق ئۆزداغ ئەپەندى، ئەگەر تۈركىيە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمغا قارىتا سۈكۈتتە تۇرۇۋېرىدىغان بولسا، تارىخنىڭ ھەرگىز ئەپۇ قىلمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ «سائادەت»، «كېلەچەك» ۋە «دەۋا» پارتىيەلىرىنىڭ بىرلىشىشى بىلەن قۇرۇلغان «يېڭى يول» بىرلىكىنىڭ ھەپتىدە بىر قېتىم تۈركىيە پارلامېنتىدا ئاچىدىغان يىغىنىدا، تۈركىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ئىچكى ۋە تاشقى سىياسەت توغرىسىدا توختالغاندا ئالدى بىلەن تايلاندتىن خىتايغا قايتۇرۇلغان 40 ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئالدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «مالايسىيا ۋە تايلاندتىن مەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاقتىمدا تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىنگەن بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇر كۆزلىرىگە ياش ئالغان ھالدا مېنى ئىزدەپ كەلدى. بۇ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز تاغلارنى يامىشىپ ئۆتۈپ تايلاند ۋە مالايسىياغا قېچىپ كەلگەنىدى. بىز بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنى تۈركىيەگە ئېلىپ كەلگەنىدۇق. بىز قەشقەردىن غەززەغىچە قەيەردە بىر ئېزىلگەن مۇسۇلمان بولسا ئۇلارغا ئىگە چىقتۇق، ئىگە چىقىشنى داۋام قىلىمىز.»

ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تايلاندتا قېلىپ قالغان 8 ئۇيغۇرغا ئىگە چىقىشىنىڭ مەجبۇرىيەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمنىڭ كۆڭلى يېرىم. مەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاقتىمدا شۇنچىۋالا كۆپ ساندا ئۇيغۇرنى ئېلىپ كەلگەنىدۇق. ئەمدىلىكتە بولسا 40 ئۇيغۇر خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلدى. تايلاندتا قالغان يەنە 8 ئۇيغۇر بار. ئۇلارنىڭ قايتۇرۇلماسلىقى كېرەك. نەگە قارىساق ئېچىنىشلىق بىر ۋەزىيەت بار. ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىش بىز تۈركلەر ئۈچۈن تاللاش ئەمەس، بىر مەجبۇرىيەتتۇر.»

تۈركىيە «كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ رەئىسى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ مەزكۇر پارتىيەنىڭ تۈركىيە پارلامېنتىدىكى يىغىنىدا تايلاندتىن قايتۇرۇۋېتىلگەن 40 نەپەر ئۇيغۇر مەسىلىسىدە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىدى. 2025-يىلى 5-مارت، ئەنقەرە.
تۈركىيە «كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ رەئىسى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ مەزكۇر پارتىيەنىڭ تۈركىيە پارلامېنتىدىكى يىغىنىدا تايلاندتىن قايتۇرۇۋېتىلگەن 40 نەپەر ئۇيغۇر مەسىلىسىدە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىدى. 2025-يىلى 5-مارت، ئەنقەرە.
RFA/Erkin Tarim

تۈركىيە پارلامېنتىدىكى «سائادەت»، «كېلەچەك» ۋە «دەۋا» پارتىيەسىنىڭ بىرلىشىشى بىلەن قۇرۇلغان «يېڭى يول» بىرلىكىنىڭ پارلامېنتتىكى مەسئۇلى سەلجۇق ئۆزداغ ئەپەندىمۇ 28-فېۋرال كۈنى x ئارقىلىق بۇ توغرىلىق ئېلان قىلغان باياناتىدا تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ 40 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشىنىڭ ئىنسانلىققا قارشى جىنايەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتە ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ، مۇنداق دەپ يازغان: «بۇ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز خىتاي زۇلمىدىن قېچىپ تايلاندقا كەلگەندىن كېيىن، تايلاند ئۇزۇن يىل تۇتۇپ تۇرغاندىن كېيىن قايتىدىن خىتاي زۇلمىغا يوللىدى. تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا قانۇنغا رىئايە قىلماستىن بۇلارنى بۇنداق قايتۇرۇپ بېرىشى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.»

ئۇ، باياناتىدا تۈركىيە پىرېزىدېنتنى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ۋە تۈركىيەنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئىسمائىل ھاققى مۇسانى مەزلۇملارغا ئىگە چىقىشقا چاقىرىپ مۇنداق دەپ يازغان: «تۈركىيە قەدىمدىن تارتىپ مەزلۇملارنىڭ پاناھلىنىدىغان جايى بولۇپ كەلگەن. بۈگۈنكى كۈندىمۇ شۇنداق بولۇشى كېرەك. ئەگەر تۈركىيە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمغا قارىتا سۈكۈتتە تۇرۇۋېرىدىغان بولسا، تارىخ بۇلارنى ھەرگىز ئەپۇ قىلمايدۇ.»

سەلچۇق ئۆزداغ ئەپەندى باياناتىدا تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تايلاندتا قالغان 8 ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلماسلىقى ئۈچۈن دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئەخمەت داۋۇتوغلۇ ئەپەندى تۈركىيە پارلامېنتىدىكى يىغىندا قىلغان نۇتقىدا تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشى، خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ دېگەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرى قايتۇرۇلغان 109 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ھازىرغىچە ئىز-دېرىكى بولمىغانلىقى، بۇ قېتىم قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئېغىر قىيىن-قىستاققا، ھەتتا ئۆلۈم جازاسى خەۋپىگە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ، سۆزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتى توغرىسىدىمۇ توختالغان.

مالايسىيا ۋە تايلاند ئارقىلىق كەلگەن كۆپ ساندا ئۇيغۇرغا ئىگە چىققان تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىم 40 ئۇيغۇرغا ئىگە چىقماي سۈكۈتتە تۇرۇۋېلىشىدىكى سەۋەب زادى نېمە؟ شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسىنىڭ سابىق رەئىسى، پېشقەدەم پائالىيەتچى ھامۇتخان گۆكتۈرك ئەپەندى، بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەبنىڭ خىتاينىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتى ئىكەنلىكىنى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋىتى كۈچەيگەنسېرى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە جىمجىتلىق پەيدا بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

«كېلەچەك» پارتىيەسى 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى 23 يىلدىن بۇيان تۈركىيەنى ئىدارە قىلىۋاتقان «ئادالەت ۋە تەرەققىيات» پارتىيەسىدىن ئايرىلىپ چىققان بىر گۇرۇپپا سىياسەتچىلەر تەرىپىدىن قۇرۇلغان پارتىيەدۇر. بۇ پارتىيە قۇرۇلغان كۈندىن تارتىپ كۆپ قېتىم ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان. «لاگېر تاقالسۇن» تېمىسىدا ئىمزا يىغىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، 100 مىڭ ئادەم قول قويغان ماتېرىيالنى تۈركىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇقى كومىتېتىغا تاپشۇرۇپ بەرگەنىدى. ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ بولسا تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋە تۈركىيە باش مىنىستىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەندە، ئىككى قېتىم ئۇيغۇر دىيارىنى زىيارەت قىلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.