ئامېرىكا ۋە ب د ت تايلاند ھۆكۈمىتىنى 48 ئۇيغۇرنى خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرماسلىققا چاقىردى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئۇيغار تەييارلىدى
2025.01.14
Thailand-tayland-blinken-uyghur-1920 مىنىستىرلىقىمىز، تايلاند ھۆكۈمىتى (Royal Thai Government) نى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ھۆكۈمەتلەرگە قايتۇرماسلىق پىرىنسىپىغا ھۆرمەت قىلىشنى ۋە ھەر قانداق ئادەمنى زۇلۇمغا ۋە قىيناشقا ئۇچرايدىغان دۆلەتكە قايتۇرۇشتىن ساقلىنىشنى ئەسكەرتتى ھەم داۋاملىق ئەسكەرتىدۇ
Photo: RFA

تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇلۇش خەۋپنىڭ بەك ئېغىرلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە دېموكراتىك دۆلەتلەردىن ئۆزلىرىنى بۇ پاجىئەدىن قۇتۇلدۇرۇپ قېلىشى ھەققىدە ئاشكارا مۇراجىئەت ئېلان قىلغانىدى. ئامېرىكا ۋە ب د ت ئۇيغۇرلارنىڭ مۇراجىئىتىگە تېز جاۋاب قايتۇرۇپ، تايلاند ھۆكۈمىتىنى تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 48 ئۇيغۇرنى خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرماسلىققا چاقىرغان.

بىز بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارلىقى (UNHCR) نىڭ باياناتچىسى ۋە ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى بابار بالۇچ (Babar Baloch) تىن تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 48 ئۇيغۇرنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ۋە ئۇلارنىڭ قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە مۇناسىۋەتلىك سوئاللارنى سورىدۇق. ئۇ سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:

«بىز جەزملەشتۈرۈلمىگەن دوكلاتلارنى ئاڭلىدۇق ۋە بىز دەرھال ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بىلەن كۆرۈشتۇق. ئۇلار بىزگە ئەھۋالنىڭ ئەكسىچە، يەنى ئۇنداق ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى. بىز ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە قايتۇرماسلىق مەجبۇرىيىتىنى ئەسكەرتىپ، تۇتۇپ تۇرۇشنىڭ ئورنىغا باشقا چارە تاللىشىنى تەشەببۇس قىلىمىز».

 ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ تايلاندىكى مەجبۇرىي قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىمىزغا جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى:

«بىز بۇ ئەھۋالنى بىلىمىز، ئەمما كونكرېت ئەھۋاللار ھەققىدە باھا بېرىشنى رەت قىلىمىز. مىنىستىرلىقىمىز، تايلاند ھۆكۈمىتى (Royal Thai Government) نى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ھۆكۈمەتلەرگە قايتۇرماسلىق پىرىنسىپىغا ھۆرمەت قىلىشنى ۋە ھەر قانداق ئادەمنى زۇلۇمغا ۋە قىيناشقا ئۇچرايدىغان دۆلەتكە قايتۇرۇشتىن ساقلىنىشنى ئەسكەرتتى ھەم داۋاملىق ئەسكەرتىدۇ».

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى ۋە ھۆكۈمىتى قارمىقىدىكى «خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى» نىڭ رەئىسى كرىستوفېر سىمىت (Chris Smith) مۇ 13-يانۋار تايلاندنى 48 ئۇيغۇرنى خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرماسلىققا چاقىرىپ بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن:

«تايلاند قىيناشقا قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسى دائىرىسىدىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارلىقى ئىشخانىسىنى دەرھال مۇساپىرلار بىلەن كۆرۈشۈشكە رۇخسەت بېرىش كېرەك. بۇ مەزلۇم كىشىلەر قىيناشقا تاپشۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى بۇ مەسىلىلەرنى تايلاندنىڭ ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بىلەن بالدۇرراق مۇزاكىرە قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن».

تايلاندتا ئون يىلدىن كۆپ ۋاقىتتىن بۇيان تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بۇ بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ تايلاند ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خىتايغا قايتۇرۇلۇشى مۇمكىنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان مەزكۇر ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنى شۇنىڭدەك پائالىيەتچىلەرنى قاتتىق ئەندىشىلەندۈرگەن. ئۇلارنىڭ قايتۇرۇلغان تەقدىردە خورلاش، قىيناش ھەتتا ھاياتىغا خەتەر يېتىش خەۋپىگە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى سۆزلىگەن پائالىيەتچىلەر ۋە تەشكىلاتلارنىڭ مەزكۇر 48 ئۇيغۇرنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ئۈچۈن دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكى مەلۇم.

تايلاند مۇساپىرلار لاگېرىنىڭ ئالدى كۆرۈنۈشى. 2015-يىلى يانۋار.
تايلاند مۇساپىرلار لاگېرىنىڭ ئالدى كۆرۈنۈشى. 2015-يىلى يانۋار.
Oqurmen teminligen

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەلفىدار ئىلتەبىر بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلغان ئۇيغۇرلارغا ئىزچىل كۆڭۈل بولۇپ كېلىۋاتقانلىقى كۆرسىتىپ مۇنداق دېدى: «بىز تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي قايتۇرۇلۇش خەۋپىنى ئۇققاندىن كېيىن دەرھال ھەرىكەتتە ئۆتۈپ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك شەخسلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلاردىن تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارنى بۇ پاجىئەدىن قۇتۇلدۇرۇپ قېلىشىنى سورىدۇق. تايلاندنىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانىسىغا تېلېفون قىلىپ خەت يېزىپ نارازىلىقىمىزنى ئىپادىلىدۇق. بۇ جۈمە كۈنى تايلاندنىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش تەشكىللەيمىز».

بىز تايلاندنىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى سورىغان بولساقمۇ ئۇلار بىزنىڭ ئېلخەتلىرىمىزگە ئىنكاس قايتۇرمىدى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تايلاند پارلامېنتىنىڭ بىر نەپەر ئەزاسى ۋە تايلاند ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدىن ئىككى كىشى بىرلەشمە ئاگېنتلىققا ھۆكۈمەت ئىچىدە ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇش توغرىسىدا مۇنازىرىلەرنىڭ ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، لېكىن كىشىلەرنىڭ بۇ ھەقتە تېخىچە ھېچقانداق رەسمىي كۆرسەتمىنى كۆرۈپ باقمىغانلىقى ياكى ئاڭلىمىغانلىقىنى ئېيتقان.

يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان كىشىلەردىن ئىككى نەپىرى بىرلەشمە ئاگېنتلىققا مۇنداق دېگەن: «چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش ھەققىدە بېسىم قىلغان ئەمەلدارلار شۇنداق قىلىشنى تاللاشتىكى سەۋەب سۈپىتىدە، بۇ يىل تايلاند بىلەن خىتاينىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى توشىدۇ، ئامېرىكادا بولسا ئىككى ھەپتىگە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە پىرېزىدېنتنىڭ ئۆتكۈنچى دەۋرىگە تەييارلىنىشى سەۋەبى بىلەن ۋاشىنگتوننىڭ بۇ مەسىلىگە قارىتا ئىنكاسى ئاجىز بولىدۇ دەپ قارايدىغانلىقىنى سۆزلىگەن».

تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن ئۇلار بىلەن بىۋاسىتە ئالاقە قىلدۇق. ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر ئۇيغۇر ئۆزلىرىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى:

«تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 48 ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇلۇش خەۋپى بەك ئېغىر. تەھدىت ۋە قورقۇش ئىچىدە ياشاۋاتىمىز. جۈمە كۈنىدىن بۇيان ئاچلىق ئېلان قىلدۇق. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە دۆلەتلەرنىڭ دەرھال ئارىلىشىپ، بىزنى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىشنى سورايمىز».

2014-يىلى خىتايدىن قاچقان 300 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر تايلاند دائىرىلىرى تەرىپىدىن مالايسىيا چېگراسىغا يېقىن جايدا قولغا ئېلىنغانىدى. 2015-يىلى تايلاند 109 ئۇيغۇرنى ئۆز ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا مەجبۇرىي خىتايغا قايتۇرۇپ، خەلقئارانىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. 173 ئۇيغۇردىن تەشكىللەنگەن يەنە بىر گۇرۇپپا كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلار تۈركىيەگە ئەۋەتىلگەن بولۇپ، 53 ئۇيغۇر تايلاند كۆچمەنلەر تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدە تۇتۇپ تۇرۇلغان. شۇنىڭدىن كېيىن، بەش كىشى تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدە قازا قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئىككى بالا بار. ئۇنىڭدىن باشقا تايلاند دائىرىلىرى تەرىپىدىن ھازىرغىچە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 48 كىشىنىڭ 5 نەپىرى قېچىشقا ئۇرۇنغانلىقى سەۋەبىدىن ئۇ بەش كىشىنى تۈرمىگە سولىغانلىقى مەلۇم. بۇ 5 كىشىنىڭ تەقدىرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.