تايلاندنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى تايلاندنىڭ 48 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

ئەنقەرەدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم تەييارلىدى
2025.01.17
Tayland-Enqere-elchi تايلاندنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئاپىرات سۇگوندخابخىروم (Apirat Sugondhabhirom) ئەپەندى. 2025-يىلى يانۋار، ئەنقەرە.
RFA/Erkin Tarim

تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇلۇش خەۋپنىڭ بەك يۇقىرىلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ئۇيغۇر ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ۋە دېموكراتىك دۆلەتلەردىن ئۆزلىرىنى بۇ پاجىئەدىن قۇتۇلدۇرۇپ قېلىشى ھەققىدە ئاشكارا مۇراجىئەت ئېلان قىلغانىدى. شۇنىڭ بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دەرھال بايانات ئېلان قىلىپ، پۈتۈن دۇنيادىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنى تايلاندنىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەردە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا مەتبۇئات باياناتلىرى ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلغان. ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان، باش كاتىپ ئابدۇرېشىت ئەمىنھاجى ۋە مۇئاۋىن باش كاتىپ ئىبراھىم سىدىقتىن تەركىب تاپقان بىر ھەيئەت 1-ئاينىڭ 15-كۈنى تايلاندنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئاپىرات سۇگوندخابخىروم (Apirat Sugondhabhirom) ئەپەندى بىلەن كۆرۈشتى.

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر ھەيئەت تايلاندنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئالدىدا. 2025-يىلى 15-يانۋار، ئەنقەرە.
ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر ھەيئەت تايلاندنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئالدىدا. 2025-يىلى 15-يانۋار، ئەنقەرە.
RFA/Erkin Tarim

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى ئۇچرىشىشتىن كېيىنلا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى تەلەپلىرىمىزگە باش ئەلچىدىن ياخشى جاۋاب ئالدۇق. تايلاند تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن بۇ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا كەلگەن قارارىنى بىزگە ئوقۇپ بەردى. ئۇ، بۇ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇش توغرىسىدا ھېچقانداق قارارنىڭ يوقلۇقىنى، تايلاندنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىدىغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى، خىتايغا ئوخشاش ئادەملەرگە ئۆلۈم جازاسى بېرىدىغان، تەن جازاسى بار دۆلەتكە قايتۇرۇپ بېرىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.»

ئارقىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئابدۇرېشىت ئەمىنھاجى ئەپەندى تايلاندنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىگە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەلەپلىرىنى يەتكۈزگەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «تايلاندتا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇلۇش خەۋپنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى ئەنسىرەشكە سېلىۋاتقانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى بىلەن تايلاند دائىرىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى دىيالوگنى بۇزۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردۇق. بىز، بۇ 48 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەسلىكى كېرەكلىكىنى، تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا قانۇنغا رىئايە قىلىشى كېرەكلىكى، بۇرۇن خىتايغا قايتۇرۇلغان 109 ئۇيغۇرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ نېمە بولغانلىقىدىن بىخەۋەر ئىكەنلىكىمىزنى ئېيتتۇق.»

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر ھەيئەت  تۈركىيەنى ئىدارە قىلىۋاتقان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ تاشقى سىياسەتكە مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى زافەر سارىقايا ئەپەندى بىلەن كۆرۈشتى. 2025-يىلى 15-يانۋار، ئەنقەرە.
ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر ھەيئەت تۈركىيەنى ئىدارە قىلىۋاتقان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ تاشقى سىياسەتكە مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى زافەر سارىقايا ئەپەندى بىلەن كۆرۈشتى. 2025-يىلى 15-يانۋار، ئەنقەرە.
RFA/Erkin Tarim

ئۇ، يەنە مۇنداق دېدى: «باش ئەلچى بۇ تەلەپلىرىمىزنى ئاڭلىغاندىن كېيىن تەلەپلىرىمىزنىڭ مۇۋاپىق تەلەپلەر ئىكەنلىكىنى، تايلاند ئاساسىي قانۇنىغا ئاساسەن بۇ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئېيتتى. بىز ئۇچرىشىشنى تەلەپ قىلغاندىن كېيىن تايلاند تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئۆزىگە ئەۋەتىلگەن خەتنى بىزگە ئوقۇپ بەرگەن بولدى. بۇ خەتتە تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇپ بېرىلىشى توغرىسىدا ھېچقانداق بىر قارارنىڭ ئېلىنمىغانلىقى، تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل ئىرادىسى، خەلقئارا قانۇن ۋە كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىگە ئاساسەن قارار چىقىرىدىغانلىقى، بۇ ئۇيغۇرلار تايلاندتا تۇرۇۋاتقان مۇددەت ئىچىدە ساغلاملىق، روھىي ساغلاملىق ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى، بۇنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا يەتكۈزۈپ قويۇشىمىزنى ئېيتتى.»

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر ھەيئەت تۈركىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى مۇدىرى دەريا يانىق خانىم بىلەن كۆرۈشتى. 2025-يىلى 15-يانۋار، ئەنقەرە.
ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر ھەيئەت تۈركىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى مۇدىرى دەريا يانىق خانىم بىلەن كۆرۈشتى. 2025-يىلى 15-يانۋار، ئەنقەرە.
RFA/Erkin Tarim

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى باشچىلىقىدىكى ھەيئەت 1-ئاينىڭ 14-كۈنى تۈركىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى مۇدىرى دەريا يانىق خانىم، تۈركىيەنى ئىدارە قىلىۋاتقان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ تاشقى سىياسەتكە مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى زافەر سارىقايا ئەپەندى بىلەن كۆرۈشۈپ تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى تۈركىيەنىڭ قوبۇل قىلىشىنى تەلەپ قىلغان. ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ تەلىپىنى دەرھال تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان بىلەن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئېلى يەرلىقايا ئەپەندىگە يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى بۇ توغرىلىق بىزگە مەلۇمات بەردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.