گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار نامايىش قىلىپ، تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى

بېرندىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھەبىبۇللا ئىزچى تەييارلىدى
2025.01.17
gollandiye-uyghur-tayland-elchixanisi-1

تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىپ، تايلاند ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار. 2025-يىلى 16-يانۋار، ئامستېردام. RFA/Hebibulla Izchi

gollandiye-uyghur-tayland-elchixanisi-2

ئوڭدىن: گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان سانىيە، قەلبىنۇر سىدىق، ۋە ئەنۋەر ئەردەملەر تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىنىپ يېزىلغان تەلەپنامىنى تاپشۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن تايلاند ئەلچىخانىسى ئالدىدا. 2025-يىلى 16-يانۋار، ئامستېردام. RFA/Hebibulla Izchi

gollandiye-uyghur-tayland-elchixanisi-3

تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىپ، تايلاند ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار. 2025-يىلى 16-يانۋار، ئامستېردام. RFA/Hebibulla Izchi

gollandiye-uyghur-tayland-elchixanisi-4

گوللاندىيەدىكى تايلاند ئەلچىخانىسى ئالدىدا د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى مۇئاۋىن رەئىسى ، لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق. 2025-يىلى 16-يانۋار، ئامستېردام. RFA/Hebibulla Izchi

gollandiye-uyghur-tayland-elchixanisi-5

تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىپ، تايلاند ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار. 2025-يىلى 16-يانۋار، ئامستېردام. RFA/Hebibulla Izchi

gollandiye-uyghur-tayland-elchixanisi-6

گوللاندىيەدە تۇرۇشلۇق ئەينى ۋاقىتتا تايلاند ئارقىلىق تۈركىيەگە، تۈركىيەدىن ياۋروپاغا كېلىپ پاناھلىق تىلىگەن بىر ئۇيغۇر ئۆزىنىڭ ئۇ يەردە كۆرگەنلىرىنى سۆزلىمەكتە. 2025-يىلى 16-يانۋار، ئامستېردام. RFA/Hebibulla Izchi

gollandiye-uyghur-tayland-elchixanisi-7

تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىپ، تايلاند ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار. 2025-يىلى 16-يانۋار، ئامستېردام. RFA/Hebibulla Izchi

16-يانۋار، گوللاندىيەدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلار پايتەخت ئامستېردامدىكى تايلاند كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلىپ، تايلاندتىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان. نامايىشنى گوللاندىيەدىكى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق فوندى» ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ گوللاندىيەدىكى ۋەكىللىرى، گوللاندىيە ياشلار تەشكىلاتى ۋە شۇنداقلا ئامستېردامدا ياشايدىغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئېلىپ بارغان.

بۇ نامايىش ھەققىدە، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق فوندى» رەئىسى ئەنۋەر ئەردەم نامايىشنىڭ تەشكىللىنىشى ۋە نامايىش ھەققىدىكى تەپسىلاتلارنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلار بىلەن ئورتاقلاشتى.

بۇ قېتىمقى نامايىشنى تەشكىللەشنىڭ مەقسىتى، تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 48 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش، ئۇلارنىڭ ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە يۆتكىلىشىگە ئىمكانىيەت ساقلاش، تايلاند ھۆكۈمىتىنى خەلقئارا كۆچمەنلەر قانۇنى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پىرىنسىپلىرىغا ئەمەل قىلىشقا چاقىرىق قىلىش بولۇپ، بۇ نامايىشقا قاتناشقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى مۇئاۋىن رەئىسى، گوللاندىيەدىكى لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىقمۇ بۇ نامايىش ھەققىدە پىكرىنى بايان قىلدى.

ئەنۋەر ئەردەمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نامايىش ئاخىردا ئۇلار تايلاند ئەلچىخانىسىغا تەلەپنامە تاپشۇرغان. تەلەپنامىدە ئۈچ تۈرلۈك تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ھازىر تايلاندتا تۇتۇلۇپ تۇرۇۋاتقان بۇ 48 نەپەر ئۇيغۇر ئەگەر خىتايغا قايتۇرۇلسا، ئۇلارنىڭ تۈرلۈك پاجىئەلەرگە دۇچار بولىدىغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.

تايلاندتا تۇتۇلۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 48 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ نەچچە كۈن ئالدىدا تارقاتقان مۇراجىئەتنامىسى ۋە ھازىرقى ئەھۋالى پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنى ئەندىشىگە سالغان بولۇپ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى17-يانۋار كۈنى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا كەڭ-كۆلەملىك نامايىش ئېلىپ بېرىشقا چاقىرىق قىلغانىدى.

گوللاندىيەدىكى نامايىش 16-يانۋار كۈنىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، گەرچە بۇ نورمال خىزمەت كۈنى بولسىمۇ، ئامستېردام ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن بۇ نامايىش ناھايىتى جانلىق شەكىلدە ئېلىپ بېرىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.