تايلاندنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ئۇيغۇر تۇتقۇنلار مەسىلىسىدە كىشىلىك ھوقۇققا رىئايە قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن
2025.01.31

تايلاندنىڭ ئىنگلىزچە خەۋەرلەر تورى بولغان «تايلاند دۆلىتى» (Thailad Nation) نىڭ 30-يانۋار خەۋەر تارقىتىشىچە، تايلاندنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى فۇمتام ۋېچاياچاي (Phumtham Wechayachai)، تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ 2013-يىلدىن بۇيان قانۇنسىز كۆچمەن سۈپىتىدە تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 48 ئۇيغۇر مۇساپىرنى بىر تەرەپ قىلىشتا كىشىلىك ھوقۇق ۋە خەلقئارا قانۇنغا رىئايە قىلىدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىگەن. فۇمتام يەنە ئۆتكەن ئون يىلدا تايلاندنىڭ بىرمۇ ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمىگەنلىكىنى ئېيتقان.
فۇمتام مۇنداق دېگەن: «بۇ 48 نەپەر ئۇيغۇر دۆلىتىمىزگە قانۇنسىز كىرگەنلىكى ئۈچۈن، تايلاندمۇ چوقۇم تايلاند قانۇنىغا ئاساسەن ئۇلارنى بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك».
بۇنىڭ ئالدىدا يەنى 29-يانۋار تايلاند كېڭەش پالاتاسى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئاڭخانا نىلاپاجىت (Anghana Neelapaijit) باشچىلىقىدىكى كېڭەش پالاتاسى ئەزالىرى، بۇ 48 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش، داۋالاش ھەمدە ئۇلارنىڭ شارائىتىنى ياخشىلاشنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن، تايلاندنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى فۇمتام ۋىچاياچا بىلەن كۆرۈشۈش تەلىپى سۇنغانلىقى خەۋەر قىلىنغانىدى.
ئاڭخانا نىلاپاجىت تايلاندا ئاچلىق ئېلان قىلىپ ئاجىزلاپ كەتكەن بۇ ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ئەھۋالىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقى بىلدۈرۈپ: «كومىتېتىمىز تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇ مۇساپىرلارنى ئۇزۇن مۇددەت باقالماسلىقىدىن، باشقۇرۇش جەھەتتىكى يېتەرسىزلىكىدىن ئەندىشە قىلماقتا» دېگەن. ئۇ، خەلقئارا قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنى بۇ ئىشقا يېقىن تۇرۇشقا تەۋسىيە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.
«تايلاند دۆلىتى» تورىنىڭ 30-يانۋار كۈنى مەسىلىنىڭ تەرەققىياتى توغرىلىق يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، مۇئاۋىن مىنىستىر فۇمتام تايلاندنىڭ بۇ مەسىلىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشىدىن قەتئىينەزەر، رىقابەتلىك مەسىلىلەر كېلىپ چىقىشى مۇمكىنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان.
ئۇ مۇنداق دېگەن: «بىز نېمە قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى كۆرۈشىمىز كېرەك. ئەڭ مۇھىمى خەلقئارا قانۇنغا رىئايە قىلىش ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى ئويلىشىش كېرەك. ئەنسىرىمەسلىك كېرەككى، تايلاند ھۆكۈمىتى يەنىلا ھېچكىمنى خەتەرگە ئىتتىرمەسلىك پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرىدۇ».
ئۇ يەنە بۇ مەسىلىنى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى پەردە ئارقىسىدا بىر تەرەپ قىلىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. فۇمتام مۇنداق دېدى: «تايلاند يەنىلا تايلاندنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، كىشىلىك ھوقۇق، خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا شەرتنامە بويىچە، قولغا ئېلىنغان 48 ئۇيغۇر ئۈچۈن ھەل قىلىش چارىسى تېپىشى كېرەك».
1-ئاينىڭ 17-كۈنى، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، تايلاندنى 48 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەسلىككە چاقىرغانلىقى خەۋەرلەردە ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى باياناتىدا: «ئەگەر تايلاند بۇ كىشىلەرنى مەجبۇرىي خىتايغا سۈرگۈن قىلسا، ئۇلار مەجبۇرىي غايىب بولۇش، ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، قىيناش ۋە باشقا ئېغىر زىيانكەشلىكلەرگە دۇچ كېلىشى مۇمكىن دەپ ئاگاھلاندۇرغان» دېيىلگەن.
ئۇلارنىڭ باياناتىدا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «2014-يىلى 3-ئايدا، تايلاند ساقچىلىرى مالايسىيا چېگراسىغا يېقىن سۇڭخلا ئۆلكىسىدە تەخمىنەن 220 ئۇيغۇر ئەر، ئايال ۋە بالىنى قولغا ئالغان ۋە ئۇلارنى قانۇنسىز كۈچمەن جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ، دەرھال باڭكوكتىكى كۆچمەنلەر قاماقخانىسىغا يۆتكىگەن. 2015-يىلى 7-ئايدا، سوڭخلادا تەخمىنەن 170 ئۇيغۇر ئايال ۋە بالىسى تۈركىيەگە يولغا سېلىنغان. ئارقىدىن بىر ھەپتە ئۆتكەندە 100 نەپەر ئۇيغۇر خىتايغا مەجبۇرىي ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن».
باياناتتا يەنە مۇنۇلار تەكىتلىگەن: «قاماقتىكى 48 نەپەر ئۇيغۇر ئون يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت تازىلىقى ناچار ۋە داۋالاش يېتەرلىك بولمىغان ناچار شارائىتتا تۇرماقتا، ئۇلار خىتاينىڭ تۈرمىلىرىگە يۆتكىلىشىدىن ئەنسىرەپ قورقۇنچ ئىچىدە ياشاپ كەلمەكتە. 2014-يىلىدىن بۇيان، بۇ قاماقلاردا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق ۋە ئۈچ ياشلىق بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەش ئادەم قازا قىلدى».
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مايا ۋاڭ (Maya Wang) رادىيومىزدا ئىنكاس قايتۇرۇپ، تايلاندنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىگە يازغان يازما ئىنكاسىدا مۇنداق دېگەن: «بىز تايلاندنىڭ ئۇيغۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا خەلقئارا قانۇندا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ خۇشال بولدۇق، چۈنكى خەلقئارا قانۇن ئىجرا قىلىش پىرىنسىپى ھەرقايسى دۆلەتلەرنى ھەر قانداق كىشىنىڭ ھەقىقىي زىيانكەشلىككە ئۇچراش خەۋپىگە دۇچ كېلىدىغان جايغا قايتۇرۇلۇشىنى ئېنىق چەكلەيدۇ. قانداقلا بولمىسۇن، بۇ ئۇيغۇرلار تايلاند كۆچمەنلەر قاماقخانىسىدا تۇتۇپ تۇرۇلغىنىغا ئون يىلدىن ئاشتى. بۇ گۇرۇپپىدىن كەم دېگەندە 3 كىشى تۇتۇپ كېتىلگەن. ھازىرقى ھالەت كاپالەتلىك ئەمەس. تايلاند بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئورگىنىنىڭ 48 ئۇيغۇرنى تەكشۈرۈشىگە يول قويۇپ، ئۇلارنىڭ بىخەتەر ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە سەپەر قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك».
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى بېنار خەۋەرلىرى (BenarNews) نىڭ تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەققىدە 30-يانۋار ئىگىلىگەن يېڭى مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، شۇ كۈنى تايلاندلىق ئادۋوكات چۇچارت كانپەي (Chuchart Kanpai) باڭكوك سوت مەھكىمىسىنىڭ سىرتىدا مۇخبىرلار بىلەن سۆزلەشكەندە، ئۇ ئون يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت تۇتۇپ تۇرۇلغان بۇ ئۇيغۇرنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان.
ئۇنىڭ «بېنار خەۋەرلىرى» مۇخبىرىغا دېيىشىچە، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغاندا، ئۇلارنىڭ قىيناش خەۋپىگە دۇچ كېلىدىغانلىقىدىن ئەندىشە قىلماقتا ئىكەن. ئادۋوكات چۇچارت كانپەي 30-يانۋار كۈنى سوت مەھكىمىسىگە سۇنۇلغان مۇراجىئەتنامىدە، ئۇزۇن مۇددەت قاماپ قويۇلغان بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. چۇچارت ئەرز سۇنغاندىن كېيىن، تايلاند سوتىنىڭ 17-فېۋرال سوت ئېچىشنى پىلانلىغانلىقىنى ئېيتقان. چۇچارت مۇخبىرغا سوتتا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدىكى گۇۋاھچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىشىلەرنىڭ بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئادۋوكات چۇچارت مۇراجىئەتنامىدە يەنە «خىتاينىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن كەلگەن مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەت ئەرلىرى بېيجىڭنىڭ زىيانكەشلىكىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن تايلادقا قېچىپ كەلگەن. ئۇلار تايلاند تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا قانۇنسىز كۆچمەن جىنايىتى بىلەن تۇتۇپ تۇرۇلدى. ئۇلار 2013-يىلدىن 2025-يىلغىچە 10 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت قاماققا تاشلاندى، ئۇلارنىڭ جازا مۇددىتىنى تاماملىغانلىقى ئېنىق، شۇڭا ئۇلارنى تۇتۇپ تۇرۇش قانۇنسىز» دېگەن.
مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا، «ھەققانىيەت ئۈچۈن ھەققانىيەت ھوقۇقى» تەشكىلاتى 48 نەپەر ئۇيغۇر پاناھلىق تىلىگۈچىنىڭ دوكلاتىدا تايلاند دائىرىلىرىنىڭ ئۇلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن جەدۋەل تولدۇرۇشقا قىستىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.
تايلاند ھۆكۈمەت باياناتچىسى 23-يانۋار ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىغا «تايلاندنىڭ ئۇيغۇرلارنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش سىياسىتى يوق» دەپ، بۇ 48 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى بايانلارنى رەت قىلغانىدى.
تايلاند كېڭەش پالاتاسى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئانگانا نىلاپايجىت رادىيومىزنىڭ بېنار خەۋەرلىرى مۇخبىرىغا تايلاندتىكى ئادۋوكاتنىڭ قوزغىغان سوتنىڭ نەتىجىسى ئارقىغا سۈرۈلۈشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېگەن: «مەن بۇ مەسىلىنىڭ سىرتىدا قالىمەن، چۈنكى سوت خىتاينىڭ تايلاندتىكى ئەلچىسىنى ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا گۇۋاھلىق بېرىشكە تەكلىپ قىلىشى مۇمكىن. ئەگەر سوت مەھكىمىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارغا ھەقلىق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن تەقدىردە، بۇ خەتەرلىك بولىدۇ».
ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «بىز ئەڭ ياخشىسى ئۇلارنى ھازىرچە تاشلاپ قويساق، چۈنكى ئۇلار ئەركىنلىككە ئېرىشكەن تەقدىردىمۇ، قوبۇل قىلىدىغان ئۈچىنچى بىر دۆلەتنى تاپالايدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس».
ئۇ يەنە ئاچلىق ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ داۋالىنىشقا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى، تايلاند كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ ئۇلارغا ياردەم بېرىشىگە يول قويۇشىنى تەۋسىيە قىلغان.
ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ 30-يانۋار ئېلان قىلغان خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيە پارلامېنتىدا قۇرۇلغان «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ رەئىسى كېئىجى فۇرۇيا (Keiji Furuya) ئەپەندى باشلىق، مەزكۇر گۇرۇپپا ئەزالىرىدىن تەركىب تاپقان بىر ئۆمەك، 30-يانۋار چۈشتىن كېيىن ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئىۋاتا تاكېشى (Iwata Takeshi) بىلەن كۆرۈشكەن. ئۇلار مىنىستىر ئىۋاتاغا «تايلاندتا قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش جىددىي تەلىپى» نى سۇنغان ۋە تايلاندنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسى قاتارلىق تەلەپلەرنى يەتكۈزگەن. مىنىستىر ئىۋاتا بۇنىڭغا جاۋابەن ياپونىيەنىڭ بۇ ئىشقا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تايلاند ھۆكۈمىتى بىلەن بۇ ئىش توغرىسىدا دائىملىق ئالاقىدە ئىكەنلىكىنى، بۇ تەلەپنى داۋاملىق ئويلىشىپ، مۇۋاپىق جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىم 31-يانۋار زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى مەسىلىسىدە ئەندىشىلەرنىڭ ھېلىھەم مەۋجۇتلۇقىنى ۋە ئۇلارنى قۇتۇلدۇرۇش يولىدا داۋاملىق ھەرىكەت قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.
كۆپلىگەن كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىمۇ تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 48 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇشقا قارشى كۈچلۈك ئىنكاس بىلدۈرمەكتە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىمۇ تايلاندنى بۇ پىلانىدىن ۋاز كېچىشكە، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق نىزامىغا ئەمەل قىلىشقا چاقىرغانىدى.
ھازىرغىچە تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بۇ ئۇيغۇر تۇتقۇنلار ئەسلىدە 350 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئەر-ئايال ۋە بالىلاردىن تەشكىل تاپقان چوڭ گۇرۇپپىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئۇلارنىڭ 172 نەپىرى تۈركىيەگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان، 109 ى خىتايغا قايتۇرۇلغان، بەشى داۋالاش شارائىتى يېتەرلىك بولمىغانلىقتىن قازا قىلغان.