تەلئەت ئۆمەرجانئوغلى 27-ماي كۈنى ئەتىگەن سائەت 6 يېرىمدا دۇبلىن «ماتتېر پرىۋاتې» دوختۇرخانىسىدا يۈرەك كېسىلى تۈپەيلىدىن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ئالەمدىن ئۆتكەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئېرلاندىيەدىكى ۋەكىلى تەلئەت ئەپەندىنىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى قاتتىق قايغۇغا چۆمدۈردى.
تەلئەت ئۆمەرجانئوغلى 1960-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى غۇلجا شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، 2006-يىلى ئېرلاندىيەگە كېلىپ سىياسىي پاناھلىق تىلەپ، ئولتۇراقلىشىپ قالغان. ئۇ چەتئەلگە ھىجرەت قىلىپ چىققاندىن بۇيان ئۇيغۇر مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى ئىزچىل تۈردە ئاكتىپ قوللاپ كەلگەن ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن ياۋروپادا ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشمە نامايىشلارغا ئىشتىراك قىلىپلا قالماي، د ئۇ ق نىڭ بارلىق چاقىرىقلىرىغا ئاكتىپلىق بىلەن ئاۋاز قوشۇپ كەلگەنىدى.
ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىنلا 27-ماي كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، مەرھۇم تەلئەت ئۆمەرجانئوغلى ئەپەندىگە ئاللاھدىن رەھمەت ۋە ئائىلىسىدىكىلەرگە سەبىر تىلەش بىلەن بىرگە، «ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر ئوغلانى مەرھۇم تەلەت ئەپەندىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشى ئۈچۈن كۆرسەتكەن پىداكارلىقىنى ئۇيغۇر خەلقى ھەر ۋاقىت ئىپتىخارلىنىش تۇيغۇسى ئىچىدە ياد ئېتىدۇ» تەكىتلىدى.
د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى تەلئەت ئۆمەرجانئوغلىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتى ئۈچۈن زور خىزمەت كۆرسەتكەن كىشى ئىكەنلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەڭگۈ ياد ئېتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
تەلئەت ئۆمەرجانئوغلىنىڭ يېقىن دوستى جالال يۈسۈپئوغلى ئەپەندى ئۇنىڭ بىلەن د ئۇ ق نىڭ شىۋېتسىيە، گېرمانىيە ۋە ياپونىيەدىكى پائالىيەتلىرىگە ئىشتىراك قىلغانلىقىنى، ئۇيغۇر داۋاسى ئۈچۈن زور تۆھپىلەرنى قوشقان كىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ، تەلئەت ئۆمەرجانئوغلى 2012-يىلىدىن تارتىپ دۇبلىندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يىگىت بېشى بولغانلىقىنى، ئېرلاندىيەدە خىتايغا قارشى نۇرغۇن پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغانلىقىنى بايان قىلدى.
تەلئەت ئۆمەرجانئوغلىنىڭ 2 قىز، 1 ئوغلى ۋە 6 نەۋرىسى بار ئىكەن.
0:00 / 0:00