ئۇيغۇر دىيارىدىكى يۇقۇمدا تەمىنلەش ئۈزۈلۈپ قېلىپ نارازىلىقنىڭ كۈچىيىشى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنى جىددىيلەشتۈرگەن

0:00 / 0:00

8-ئاي كىرىشى بىلەن ئۇيغۇر دىيارىدا بارغانچە كۈچىيىۋاتقان كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمى نەتىجىسىدە ئۇيغۇر دىيارى يۇقۇمنىڭ تارقىلىش ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسى بويىچە كاتېگورىيەلەرگە ئايرىلىپ، قاتتىق كارانتىن تەدبىرلىرى يولغا قويۇلغانىدى.

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا، كارانتىن مەزگىلىدە پۇقرالارنىڭ يېمەك -ئىچمەك ۋە كۈندىلىك تۇرمۇش ئېھتىياجى قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ ياخشى ھەل قىلىنىۋاتقانلىقى تەشۋىقى قىلىنماقتا. ئەمما ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدا بارغانچە كۈچىيىۋاتقان يۇقۇم تەدبىرلىرى سەۋەبلىك پۈتكۈل ئۇيغۇر دىيارىدا مال بىلەن تەمىنلەش ئۈزۈلۈپ قېلىش، يېمەك ئىچمەك، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنىڭ باھاسى ئۆرلەپ، ئاممىنىڭ نارازىلىقى كۈچىيىۋاتقان ۋەزىيەت شەكىللەنگەن.

بۇ ئەھۋال ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىمۇ جىددىيلەشتۈرگەن. «شىنجاڭ تېلېۋىزىيەسى»، «تەڭرىتاغ تورى» قاتارلىقلارنىڭ 16-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 15-ئاۋغۇست كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكوم سېكرېتارى ما شىڭرۈي، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى رەئىسى ئەركىن تۇنىياز قاتارلىقلارنىڭ قاتنىشىشىدا مەخسۇس تېلېۋىزور تېلېفون يىغىنى ئېچىلغان.

«شىنجاڭ تېلېۋىزىيەسى» نىڭ 16-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ما شىڭرۈي يىغىندا، شى جىنپڭنىڭ «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» يوليورۇقى بويىچە، يۇقۇمنىڭ كېڭىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلغان. ئەمما ئۇنىڭ سۆزىدە يەنە «يۇقۇم مەزگىلىدە پۇقرالارنى يېمەك-ئىچمەك، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، رايوندا قاپسىلىپ قالغان ساياھەتچىلەرنىڭ يۇرتلىرىغا كېتىشىگە قولايلىق يارىتىش، يۇقۇم مەزگىلىدىكى جەمئىيەت مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش» دېگەنلىرى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 16- ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى 15- ئاۋغۇست كۈنى كەچتە يەنە مەخسۇس تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچقان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دارىلىرىنىڭ مەخسۇس يىغىن ئېچىپ، يۇقۇم مەزگىلىدىكى تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، مال باھاسىنىڭ تۇراقلىق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئاممىنىڭ نارازىلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش دېگەنلەرنى تەكىتلىشىگە سەۋەب بولغان رىيال ۋەزىيەت قانداق؟ ئۇيغۇر دىيارىدا يولغا قويۇلغان قاتتىق كارانتىن تەدبىرلىرى ئېلىپ كەلگەن ئاقىۋەتلەر ھەققىدە ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە قانداق ئەھۋاللار ئۈستىدىن شىكايەت قىلىنماقتا؟ يۇقۇمنىڭ ئېغىرلىشىش ۋەزىيىتى رايوندىكى خەلققە يەنە قانداق ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كەلمەكتە؟

ئۇيغۇر دىيارىدا يۇقۇمنى تىزگىنلەش نامىدا ئېلىپ بېرىلغان كارانتىن تەدبىرلىرىنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا ئۇچۇرلارنىڭ كونترول قىلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم بولسىمۇ، ئەمما ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە بولسا، كارانتىن تەدبىرلىرى سەۋەبلىك ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىدىن سىرتقا چىقماسلىقى بەلگىلەنگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئاھالىلىرىنىڭ ئەسلىدىنلا چەكلىك بولغان تىرىكچىلىك يوللىرى پۈتۈنلەي ئېتىلىپ قالغانلىقى ھەققىدىكى بىر قىسىم ئەھۋاللار يەنىلا ئاشكارىلىنىپ دىققەت قوزغىماقتا.

بۇ ھەقتە تارقالغان ئۇچۇرلارنىڭ بەزىلىرىدە، يېمەك-ئىچمەك ۋە كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنىڭ شىددەت بىلەن ئۆرلەپ كەتكەنلىكى، ھەتتا بەزى جايلاردا پۇقرالارنىڭ كۈندىلىك يېمەك-ئىچمەكلىرىنى سېتىۋېلىشقا ئامالسىز قالغان ئەھۋاللار ئۈستىدىن شىكايەت قىلىنغان.

مۇنداق ئىجتىمائىي تاراتقۇ كۆرۈنۈشلىرىنىڭ يەنە بەزىلىرىدە مال باھاسى ئۆرلەپ كەتكەن ئەھۋالدا، ئەكسىچە كۆكتات بازارلىرىدا، كۆكتات ۋە مېۋىلەرنىڭ سېتىلماي سېسىپ كەتكەنلىكى، دېھقانلارنىڭ باغلىرىدىكى مېۋىلىرى ئېتىزلىقتىكى كۆكتاتلىرىنى سېتىشقا ئامالسىز قالغانلىقى، ئەمما كەنتلەردىكى ئاھالىلەرنىڭ ئەگەر ئۆيىدىن تالاغا چىقسا، ئاز دېگەندە 24 سائەت تۇتۇپ تۇرۇلىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇلغانلىقى شۇنىڭدەك ئاممىنىڭ نارازىلىقى كۈچىيىۋاتقانلىقى قاتارلىقلار ئەكس ئەتكەن.

رادىئومىز ئۇيغۇر دىيارىدىن ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىمۇ يولغا قويۇلغان كارانتىن تەدبىرلىرى سەۋەبلىك، ئاھالىلەرنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلىرى تاشلىنىپ قالغانلىقى، كۈندىلىك رىزقىنى كۈندىلىك تېپىپ يەۋاتقان ئۇششاق تىجارەتچىلەر، باققاللارنىڭ دۇكانلىرىدىكى مېۋە-چېۋە ۋە كۆكتاتلىرىنىڭ سېسىپ كېرەكتىن چىققانلىقى مەلۇم بولغانىدى.

ئەمما ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرىنىڭ ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە، رايوندا يولغا قويۇلغان قاتتىق كارانتىن تەدبىرلىرىنىڭ يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈشتە ئۈنۈمى بولغانلىقى تەرىپلەنگەن خەۋەرلەر ئاساسلىق ئېقىم بولغان. «شىنجاڭ تېلېۋىزىيەسى»دە، 16- ئاۋغۇست كۈنى بېرىلگەن يۇقۇم ئەھۋالى ھەققىدىكى ھۆكۈمەت مەلۇماتىدا، 15-ئاۋغۇست بىر كۈن ئىچىدە كۆپەيگەن ئالامەتسىز يۇقۇمدارنىڭ 170 تىن ئاشقانلىقى، پۈتكۈل ئۇيغۇر رايونىدىكى ئالامەتسىز يۇقۇمدار سانىنىڭ 2600 دىن ئاشقانلىقى خەۋەر قىلىنغان.

ئۇيغۇر رايونىدا يولغا قويۇلغان كارانتىن تەدبىرلىرىنىڭ قاچانغىچە داۋاملىشىدىغانلىقى ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ھازىرغا قەدەر ئېنىق مەلۇمات بەرمىگەن. بۇ يىلنىڭ بېشىدا خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ شەھەرلىرىدىن شاڭخەيدە يولغا قويۇلغان 3 ئايغا سوزۇلغان كارانتىن تەدبىرى سەۋەبلىك، شاڭخەي شەھىرىدە ئىشلەپچىقىرىش توختاپ، كۈندىلىك يېمەك- ئىچمەك، تۇرمۇش بۇيۇملىرىنىڭ شىددەت بىلەن ئۆرلىگەنلىكى ھەتتا ئاچارچىلىق پاجىئەلىرى يۈز بەرگەنلىكى، شاڭخەينىڭ ئىقتىسادى قاتتىق چېكىنگەنلىكى ئاشكارىلانغانىدى.