ھايات-ئۇ ئۈمىد، ئۇ سەبىر

ئۇيغۇر قىزى گۆھەرنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ 11-سېنتەبىر قۇربانلىرىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىدىن ئالغان تەسىراتلىرى ھەققىدە مۇخبىرىمىز تەييارلىغان پروگراممىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.
مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2011.09.13
911-11-sentebir-xatirilesh-305.jpg مەرھۇمە گۆھەرنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى نېۋيوركتىكى نۆل نۇقتىدا 11-سېنتەبىر پاجىئەسىنىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرىلىدى. 2011-يىلى 11-سېنتەبىر.
RFA

11-سېنتەبىر پاجىئەسى، ھەر يىلى شۇ كۈندە قايتىلاپ ئېيتىلىدىغان بۇ چۆچەك، 10 يىللىقىدا يەنە قايتىلاندى، يارىلانغان قەلبلەر شۇ دەقىقە شۇ مىنۇتتا ھايات بىلەن مامات ئوتتۇرىسىدا غايىب بولغان ئۆچ مىڭلارچە بىگۇناھ جانلارغا ئاتاپ دۇئا تىلاۋەتلەر قىلىشتى، كۆزلەر نەملەندى، 11-سېنتەبىر ۋەقەسىنىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن نېۋيوركتىكى نۆل نۇقتىغا يىغىلغان كىشىلەر ئارىسىدا، 11-سېنتەبىر پاجىئەسىنىڭ بىۋاسىتە قۇربانلىرى ئىچىدىكى بىردىن بىر ئۇيغۇر قىزى گۆھەرنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇرۇق تۇغقانلىرىمۇ بار ئىدى.

nol-nuxta-385.jpg
نېۋيوركتىكى نۆل نۇقتا. 2011-يىلى 11-سېنتەبىر.
RFA

2011-يىلى 11-سېنتەبىر يەكشەنبە، نيۇيورك ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 8دىن 46 مىنۇت ئۆتكەندە يەنى 10 يىل ئاۋۋال تېررورىستلار تەرىپىدىن قاچۇرۇلغان ئايروپىلاننىڭ بىرىنچىسى دەل دۇنيا سودا مەركىزىگە ئۇرۇلغان شۇ مىنۇتلار ئەسلىنىپ، ھايات بىلەن مامات چېگراسىدا توختاپ قالغان روھلار خاتىرىلىنىپ يېنىك قوڭغۇراق ئۇرۇلدى. تېررورلۇق ھۇجۇمدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان 2983 ئادەمنىڭ ئىسىملىرى بىرمۇ بىر ئوقۇپ ئۆتۈلدى.

ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى پرېزىدېنتى باراك ئوباما، ۋە خانىمى بىلەن ھەمدە يەنە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى سابىق پرېزىدېنتى جورجى بۇش ۋە خانىمى تەڭ نېۋيوركتا،تېررورىستلار تەرىپىدىن قاچۇرۇلغان ئايروپىلان سوقۇلۇپ ئۇچ مىڭلارچە بىگۇناھ ئىنسان بىلەن تەڭ يوق قىلىنغان دۇنيا سودا مەركىزى بىناسىنىڭ ئورنىغا ياسىلىۋاتقان 11-سېنتەبىر دۆلەت مۇزېيىدا، شۇ قېتىملىق تېررورلۇق ھۇجۇمى قۇربانلىرىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بىلەن بىر بىرلەپ قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈپ چوڭقۇر ھال سورىدى.
پرېزىدېنت باراك ئوباما تەزىيە نۇتىقىدا، پۇچىلانغان يۈرەكلەرگە تەسەللى بېرىپ ئىنجىلدىن پارە كەلتۈردى.

11-سېنتەبىر تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئون يىل نىشانلانغان بۇ كۈندە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، تەزىيە بىلدۈرگۈچىلەر، ئاخباراتچىلار،زىيارەتچىلەرگە لىق تولغان نۆل نۇقتىدا بىر ئۇيغۇر ئانا ھەمراھلىرى بىلەن تەڭ ئونىنچى نۆۋەت ئوخشاش جايدا ئوخشاش ۋاقىتتا ئوخشاش ھېسسىياتتا بۇ تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ بىۋاسىتە قۇربانلىرى ئىچىدىكى بىردىن بىر ئۇيغۇر قىزى بولغان گۆھەرنى ئەسلەپ يەنە كۆز ياش قىلدى، پەرىدە ئانىنىڭ 10 يىللىق يۈرەك يارىسى يەنە قانىدى.

ھايات بىر دەرس، ھەر ئىنساننىڭ ھاياتقا بەرگەن باھاسى ئوخشىمايدۇ، پەرىدە ئانىغا ئوخشاش قارا چاچلىق پەرزەنتىنى ئۇزاتقان ئاق چاچلار ئۈچۈن ھايات بىر سەبىر ھايات ئۇ ئۈمىد.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.