ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە 2 - قېتىملىق ئۇيغۇر مەدەنيەت كۈنى ئۆتكۈزۈلدى

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىسى بىلەن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ۋە خەلقارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق فوندى جەمئىيىتىنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرىشىدا، 16 ‏ - ئىيۇل كۈنى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بىناسىدا 2 ‏ - قېتىملىق ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۈنى ئۆتكۈزۈلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.07.17
UAA-2-uyghur-medeniyet-kun2-305 16 ‏ - ﺋﯩﻴﯘﻝ ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻜﻰ 2 ‏ - ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻛﯜﻧﯩﮕﻪ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﭽﻰ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ David Cremer ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ، ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﻛﻪﭼﯜﺭﯛﻡ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﯞﺍﺷﯩﻨﮕﺘﻮﻧﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﻰ T.Kumar ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻟﯩﻘﻰ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺑﯚﻟﯜﻣﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﻰ Suzan ﺧﺎﻧﯩﻢ ﯞﻩ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻣﻪﺟﻠﯩﺴﻰ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﻫﻪﻳﺌﻪﺕ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ Hans - Joachim Hogrefe ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻠﻪﺭ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺘﻰ.
RFA Photo
 بۇ پائالىيەت، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئەزالىرىغا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش، بولۇپمۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ بىر تەركىبى قىسمى قىلىپ كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان سىياسىتىنى ئاشكارىلاش مەقسەت قىلىنغان.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بىناسىدىكى يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىككىنچى قېتىملىق ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۈنى، مەزكۈر پائالىيەتنىڭ ۋۇجۇتقا چىقىشى ئۈچۈن چوڭ كۈچ سەرپ قىلغان، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىسىنىڭ ئالى دەرىجىلىك خادىمى ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى Hans - Joachim Hogrefe ئەپەندىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىم سۆزى بىلەن باشلاندى.

مۇراسىمغا رىياسەتچىلىك قىلغان ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى خانس ئەپەندىنىڭ سۆزىدىن كېيىن، ئۇيغۇر مەدەنىيەت - سەنئىتىنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن تەييارلانغان بۇ پائالىيەتنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلىش بىلەن بىرگە، پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلىۋاتقان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى بارلىق خادىملارنىڭ ھەمدە ئۇيغۇر ۋەتەنداشلارنىڭ مەدەنىيەت كېچىلىكىنى خۇشال - خۇرام ئۆتكۈزۈشىنى ئارزۇ قىلىپ، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنى سۆزگە تەكلىپ قىلدى.

رابىيە قادىر خانىم سۆزىنى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى نامايەن قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى تونۇتىدىغان، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىن تۈپتىن پەرقلىنىدىغان بىر مىللەت بولغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان بۇ كۈننىڭ تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى ۋە بۇنداق پائالىيەتنىڭ ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ سۆزىنى ئاخىرلاشتۇردى. رابىيە خانىم ئالقىشلار ئىچىدە، داڭلىق مۇزىكانت ۋە ناخشىچى سۇلتان مۇھەممەت ئەپەندى ئۇيغۇر مۇقاملىرىنى ئورۇنلاپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىپ سەھنىدىن چۈشتى.

سۇلتان ئاكىنىڭ تەمبۇر بىلەن ئورۇنلىغان مۇڭلۇق مۇقامى، بارلىق تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. مۇقام لېرىكىسىدىن كېيىن، رەڭگا - رەڭ ئۇيغۇر مىللىي سەنئەت كىيىملىرى بىلەن ياسانغان قىزلار، دولانچە كىيىنگەن يىگىتلەر سەھنىگە لىق تولۇپ، لەرزان ساماغا چۈشتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نازىركوم ۋە چىنە ئۇسۇلىنى ئورۇنلاپ ئامېرىكىلىقلارنى ھەيران قالدۇردى.

بۇ قېتىمقى مۇراسىمغا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى خادىملاردىن باشقا، مۇراسىمغا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار ياردەمچى مىنىستىرى David Cremer ئەپەندى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ۋاشىنگتوندىكى تارمىقىنىڭ مەسئۇلى T.Kumar ئەپەندى ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاي ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى Suzan خانىملار قاتناشتى.

مۇراسىمدا يەنە، ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ھازىرلىنىپ ئۈستەللەرگە تىزىلغان تۈرلۈك مەززىلىك ئۇيغۇر تائاملىرى، ساڭزا ۋە ھەر خىل تاتلىق ‏ - تۈرۈملاردىن غىزالانغان بارلىق مېھمانلار ئۇيغۇر يېمەكلىرىنىڭ بەكمۇ ئۆزگىچە ۋە مەززىلىك ئىكەنلىكىنى تەرىپلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.