ئىستانبۇلدا خىتايغا قارشى 26 - ئىيۇل نامايىشى

2009 ‏ - يىلى 7 ‏ - ئاينىڭ 26 ‏ - كۈنى خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. نامايىشقا ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى، شەرقىي تۈركىستان ياشلار تەشكىلاتى قاتارلىق شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ ئەزالىرى ئىشتىراك قىلدى.

0:00 / 0:00

نامايىشقا يەنە، ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر، قازاق، تۈركلەردىن بولۇپ 400 دىن نۇرغۇن كىشى قاتناشتى.

نامايىشنىڭ ئاساسىي مەقسىتى، 5 ‏ - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەن ۋاقىتتىن ھازىرغىچە خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ ئۆيمۇ ‏ - ئۆي كىرىپ ئۇيغۇرلارنى تۇتۇۋاتقانلىقىغا قارشى تۇرۇش ۋە تۇتقۇن قىلىنغان بىگۇناھ مىڭلىغان ئۇيغۇرلارنى شەرتسىز قويۇپ بېرىش ئۈچۈن دۇنيا جامائىتىنى خىتايغا قارشى بېسىم قىلىشقا چاقىرىق قىلىشتىن ئىبارەت ئىكەن.

نامايىشچىلار قوللىرىدا ئۈرۈمچىدىكى قانلىق ۋەقەدە ئۆلۈپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ رەسىملىرىنى ۋە تۇتقۇن قىلىنغانلار قويۇپ بېرىلسۇن، شەرقىي تۈركىستان كۆيۈۋاتىدۇ. قاتىل خىتاي شەرقىي تۈركسىتاندىن چىقىپ كەت! ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك! دېگەندەك چوڭ خەتلەر يېزىلغان ۋىۋىسكا ‏ - تاختىلارنى كۆتۈرۈۋالغان بولۇپ، قاتىل خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەت، ياشىسۇن مۇستەقىل شەرقىي تۈركسىتان! ھەق ‏ - ھوقۇق، ئادالەت، ئۇيغۇرلارغا ھۆررىيەت ! ئۈرۈمچىگە سالام، قارشىلىشىش داۋام دېگەندەك شوئارنى توۋلاپ خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىغا يىقىنلاپ كەلدى.

نامايىشچىلارنىڭ غەزەپ ‏ - نەپىرىتى تولۇپ تاشقان بولۇپ، ئۇلار خىتاي كونسۇلخانسىغا بېسىپ كىرىشكە ئۇرۇندى، ساقچىلارنىڭ توسقۇنلۇق قىلىشى بىلەن نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا تونۇقۇش يۈز بەردى، نامايىشچىلار ساقچىلارنى ئىتتىرىپ خىتاي كونسۇلخانسى دەرۋازىسى ئالدىغا يېقىنلاپ كەلدى، ئەمما نامايىشچىلارنى كونترول قىلالمىغان ساقچىلار ئاخىرى نامايىشچىلارغا قارىتىپ ياش ئاققۇزۈش بومبىسى ئاتتى، ياش ئاققۇزۈش بومبىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان نامايىشچىلار ساقچىلارنى بۆسۈپ ئۆتەلمىدى ۋە خىتاي بايرىقىغا ئوت ياقتى.

ساقچىلار نامايىشچىلارنى قايتىپ كېتىشكە چاقىردى، نامايىش جەريانىدا بەزى ئاياللار يىغلىدى. ئۈست كىيىملىرىنى سېلىۋىتىپ بەدەنلىرىنى قىزىل رەڭ بىلەن بويۇۋالغان 6 نەپەر نامايىشچى قوللىرى باغلانغان ھالەتتە نامايىشچىلارنىڭ ئالدىدا ماڭدى. ئىككى نەپەر ياش، خىتاي كونسولخانىسىنىڭ تېمىغا چىقىپ ئاي يۇلتۇزلۇك كۆك بايراقنى قادىدى. شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتىنىڭ باشلىقى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ۋە ياشلار تەشكىلاتى باشلىقى تىبەت يۈجەتۈرك قاتارلىق 5 كىشى خىتاي دەرۋازىسىنىڭ ئالدىغا قارا چەمبىرەك قويدى. تۈركىيىدە قارا چەمبىرەك ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەر ئۈچۈن قويىلىدۇ.

نامايىش جەريانىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا نۇرغۇن رادىئو ‏ - تېلېۋىزىيە ۋە گېزىت، ژۇرنال مۇخبىرلىرى قاتناشتى. ئاخبارات ئېلان يىغىنىدا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سۆز قىلدى.

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدە بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى: "تېررورچى خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقى تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان قەتلىئامنى بىر مىنۇتمۇ توختاتماي داۋاملاشتۇرماقتا ۋە ئومۇميۈزلۈك تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىپ، كېچىلىرى ئۆي ئۆي ئاختۇرۇپ يۈرۈپ، بىگۇناھ ياشلىرىمىزنى ئەر ئايال ئايرىماي تۇتۇپ كېتىۋاتىدۇ. ئەمما ساختىپەز خىتايلار بۇرۇنقى ۋە ھازىرقى جىنايى قىلمىشلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن دۇنيا خەلقىگە ۋەقەنىڭ ئومۇميۈزلۈك باستۇرۇلغانلىقىنى، ھاياتىي پائالىيەتنىڭ نورماللاشقانلىقىنى، خەلقنىڭ تىنچ ۋە ھۇزۇر ئىچىدە ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلماقتا. ئەمما شەرقىي تۈركىستانغا يېتىپ بارغان تۈرك ۋە باشقا چەتئەللىك مۇخبىرلار يەتكۈزگەن خەۋەرلەردىن بىلىۋالالايمىزكى، شەرقىي تۈركىستان خەلقى ھېلىمۇ ھەم ئەندىشە، ۋەھىمە ئىچىدە ياشاۋاتىدۇ، ھەتتا بەزىلىرى كوچىغا چىقىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايۋاتىدۇ، ھاياتى خەۋپ ئىچىدە بولغاچقا ھېچكىم ۋەقە ھەققىدە ئېغىز ئاچالمايۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كوچىلار چۆلدەرەپ، گەپ قىلغۇدەك بىرەر ئادەممۇ تېپىلمايۋاتىدۇ. ھازىر ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان مەھەللە كوچىلاردىن ھېچكىمنى تاپقىلى بولمايدۇ. قېنى بۇ كىشىلەر؟ قوشنا ‏ - قوشنىسىدىن خەۋەر ئالالمايۋاتىدۇ، ياشانغان ئاتا ئانىلار بالىلىرى ۋە نەۋرىلىرىنىڭ، ئاياللار بولسا، خىتاي ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ كەتكەن ئەرلىرى ۋە قېرىنداشلىرىنىڭ ئىز دېرىكىنى قىلالمايۋاتىدۇ. سىلەردىن سوراپ باقايلى، بۇ دەۋردە، دۇنيانىڭ باشقا بىر يېرىدە مۇشۇنداق ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشى مۇمكىنمۇ؟"

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سۆزىدە يەنە، خىتاي دائىرىلىرى ئۆلگەن ۋە تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى يوشۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: "خىتاي قاتىللىرى ۋەقەدە ئۆلگەن ۋە قولغا ئېلىنغانلارنىڭ سانى ھەققىدە تېخىچە يالغان ئېيتىپ، دۇنيا خەلقىنى ئالداۋاتىدۇ. دۆلەت تۈسىنى ئېلىۋالغان بۇ قاتىللىق تەشكىلاتىدىن سوراپ باقايلى، ئەگەر سېنىڭ ئېيتقىنىڭدەك 197 ئادەم ئۆلگەن ۋە 1840 ئادەم قولغا ئېلىنغان بولسا، قالغان ئادەملەر قېنى، ياشلىرىمىز قېنى، قىزلىرىمىز قېنى؟ بۇ قەتلىئامنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلەرنىڭ ئاغزىدىن ھازىرغىچە 4 5 مىڭ ئادەمنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ۋە 30 مىڭغا يېقىن ئادەمنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى ئاڭلىدۇق. خىتاي ئەسكەرلىرى 15 ياشتىن 60 ياشقىچە بولغان ئەر ئايال ھەممەيلەننى سەۋەبسىزلا قولغا ئېلىۋاتىدۇ ۋە بۇلارنى قىپيالىڭاچ قىلىپ قويۇپ سوراققا تارتىۋاتىدۇ، قاتتىق قىيناپ ئۆلتۈرۈۋاتىدۇ، كۆپىنچىسىنى قىرىپ تاشلاۋاتىدۇ. خىتاي خەلقى كوچا كويلاردا قورال، كالتەك ۋە پالتىلارنى تۇتقان ھالدا چۆرگىلەپ يۈرىدۇ، ئالدىغا ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارغا تىل ھاقارەت ياغدۇرۇۋاتىدۇ، ئۇلارغا قارشىلىق كۆرسەتكەن ئۇيغۇرلار بولسا، ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈۋاتىدۇ. بىز خىتاي ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ كەتكەن ياشلىرىمىزنىڭ ئاقىۋىتىدىن ۋە ئۇلارنىڭ ھاياتىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتىمىز. شەرقىي تۈركىستان يېڭى كەلگەنلەردىن تۇتۇلۇپ كەتكەن ياشلىرىمىزدىن كۆپىنچىسىنىڭ قىرغىن قىلىنغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئادۋوكاتلارنى تۇتۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ دېلوسىنى ئۈستىگە ئالماسلىق ئۈچۈن قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۇق. سىلەرچە بۇ ئىشلار نېمىنىڭ بېشارىتى؟ ئەگەر ئەھۋال بۇنداق بولمىسا، بۇنچىۋالا ئىنسان نەگە يوقاپ كەتتى؟"

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سۆزىدە يەنە، مەتبۇئات ئارقىلىق ب د ت ۋە ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداش تەشكىلاتلىرىغا خىتاب قىلىپ مۇنداق دېدى: "قىممەتلىك ئاخبارات خادىملىرى! بىز بۈگۈن سىلەر ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيانى بۇ قەتلىئامغا، بۇ قانلىق قىرغىنغا سۈكۈت قىلماسلىققا يەنە بىر قېتىم چاقىرىمىز! بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە باشقا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا دەرھال ھەيئەت ئەۋەتىپ، تۇتۇلغان ياشلىرىمىزنىڭ شەرتسىز قويۇپ بېرىلىشى؛ يارىدارلارنىڭ داۋالىنىشى؛ شەرقىي تۈركىستانغا يۆتكەپ كېلىنگەن ئەسكەرلەرنىڭ دەرھال چىقىپ كېتىشى؛ ياش قىزلىرىمىزنىڭ خىتايغا مەجبۇرىي يۆتكىلىشىنىڭ توختىتىلىشى ۋە بۇرۇن يۆتكەلگەنلەرنىڭ دەرھال يۇرتلىرىغا قايتۇرۇپ كېلىنىشى؛ شەرقىي تۈركىستانغا كۆچمەن خىتاي يۆتكەش، پلانلىق تۇغۇت، مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش قاتارلىق سىياسەتلەرنىڭ دەرھال توختىتىلىشى ھەققىدە بېسىم ئىشلىتىشىنى تەلەپ قىلىمىز!"

ئۈرۈمچىدىن يېڭىدىن كەلگەن بىر ئۇيغۇر ياش، ئۈرۈمچىدە كۆزى بىلەن كۆرگەنلىرىنى ئاخباراتچىلارغا ئاڭلىتىپ مۇنداق دېدى: "ئۇ يەردە بىر ۋەھشىيلىك يۈز بەردى، يوللاردا ئۆز كۆزۈم بىلەن يۈزلىگەن جەسەتلەرنى كۆردۇم. ئۇ يەردە نۇرغۇنلىغان جەسەت بار ئىدى. ۋەزىيەت بەك قورقۇنچلۇق، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ مۇئامىلىرى بەك ناچار."

بىز نامايىش جەريانىدا نامايىشقا قاتناشقان شەخسلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.