5-ئىيۇلدىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلار (8)

قورچاق ئەمەلدار ئىسمايىل تىلىۋالدىنىڭ ھوقۇقى بىر تۇغقىنىنىڭ غايىپ بولغان ئوغلىنىڭ ئۇچۇرىنى ئېلىشقا يارىمىدى.

0:00 / 0:00


ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، بۈگۈن 5 - ئىيۇلدىن كېيىن ئىز - دېرەكسىز غايىپ بولغانلار ناملىق مەخسۇس پروگراممىمىزنىڭ 8 - قىسمىنى ئاڭلىتىمىز؛ پروگراممىمىزنىڭ بۇ قىسمىدا ئالدى بىلەن غايىپ بولغانلاردىن يۈسۈپ تۇرغۇن بىلەن مەمتىمىن ياسىن ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىمىز؛ ئارقىدىن، غايىپ بولغانلار ئارىسىدا خىتاي ئۈچۈن ئاكتىپ خىزمەت قىلغان بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭمۇ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى بارلىقى، جۈملىدىن قورچاق ئەمەلدار ئىسمايىل تىلىۋالدىنىڭ ھوقۇقىنىڭ ئايالىنىڭ بىر نەۋرە سىڭلىسىنىڭ ئوغلىنىڭ ئۇچۇرىنى ئېلىشقىمۇ كارغا كەلمىگەنلىكى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىمىز.

غايىپ بولغانلاردىن بىرى يۈسۈپ تۇرغۇن، 1989 - يىلى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان:

غايىپلاردىن يەنە بىرى مەمتىمىن ياسىن، 1976 - يىلى قەشقەر توققۇزاقتا تۇغۇلغان:

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، بۇ يىلنىڭ بېشىدا تۈرمىدە ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن 17 ياشلىق نۇرۇلئىسلامنىڭ ئۇيغۇر رايونىنىڭ سابىق سودا سانائەت نازىرى داۋۇت قۇرباننىڭ نەۋرىسى ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان.

ئىگىلىشىمىزچە، 5 - ئىيۇلدىن كېيىن غايىپ بولغانلار، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ بارلىق قاتلاملىرىدىن تەركىپ تاپقان. بۇلارنىڭ ئىچىدە خىتاي ئۈچۈن ئاكتىپ خىزمەت قىلغان ۋە كاتتا مەرتىۋىلەرگە ئېرىشكەن سابىق ۋە ۋەزىپىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىمۇ بار. غايىپلاردىن ئامانتاي جۈماتاي، ئۇيغۇر رايونىنىڭ سابىق قاتناش نازىرى ھەمزە قاراباينىڭ نەۋرىسى.

يۇسۇپ تۇرغۇننىڭ ئاتا-ئانىسى

غايىپلاردىن ئىماممەمەت ئەلى، ئۇيغۇر رايونىنىڭ سابىق رەئىسى، نۆۋەتتە خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئىسمايىل تىلىۋالدىنىڭ يېقىن تۇغقىنى. يەنى ئىماممەمەتنىڭ ئانىسى پاتىگۈل ئىسمايىل تىلىۋالدىنىڭ ئايالى بىلەن بىر نەۋرە ھەدە - سىڭىل. پاتىگۈل ئۈرۈمچىدىكى بىر تۇغقۇنىنىڭ توي مەرىكىسىدە ئىسمايىل تىلىۋالدى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئوغلىنىڭ ئۇچۇرىنى ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ئەينى چاغدا ماقۇللۇق بىلدۈرگەن ئىسمايىل تىلىۋالدىدىن پاتىگۇلگە ھېچقانداق جاۋاب كەلمىگەن.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىدا، 5 - ئىيۇلدىن كېيىن ئىز - دېرەكسىز غايىپ بولغانلار ناملىق چاتما خەۋەرنىڭ 8 - قىسمىنى ئاڭلىدىڭلار.