ئىلھام مەھمۇت ئەپەندى بۇ كىتابىدا، ئۆزىنىڭ خىتايدا ياشىغان 30 نەچچە يىللىق ھاياتى مەزگىلىدىكى سەرگۈزەشتىلىرى بىلەن 5 - ئىيۇل ۋەقەسىنى بىرلەشتۈرۈپ بايان قىلىش ئارقىلىق، 5 - ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى سۆرەتلەپ بېرىشكە تىرىشقان.
ئىلھام ئەپەندىنىڭ بىزگە بىلدۈرۈشىچە، ئۇ، مەزكۇر كىتابىدا ئۆزىنىڭ بالىلىق چاغلىرىدىكى مەكتەپ ھاياتىدا بولسۇن، مەيلى كۈندىلىك تۇرمۇشىدا، مەيلى خىزمەتتە بولسۇن، قانداق ئايرىمىچىلىقلارغا دۇچ كەلگەنلىكىنى، خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى قانداق كەمسىتىدىغانلىقىنى ناھايىتى چىنلىق بىلەن بايان قىلغان. بېشىغا كەلگەن ۋەقەلىكلەرنى ناھايىتى تەبىئىي ھالدا بايان قىلىپ بەرگەن. ئۇ بۇ ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلارغا بولغان نارازىلىقىنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ دەرىجىگە بېرىپ يەتكەنلىكىنى ۋە 5 - ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ قانداق قىلىپ كېلىپ چىققانلىقىنى بايان قىلغان.
ئىلھام ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ئاددىيغىنە سەرگۈزەشتىسىنىڭ ئۆزىلا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قانداق بېسىم سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقىدىغان ناھايىتى ياخشى بىر كىتاب بولىدىكەن.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.