'5 - ئىيۇل' نامايىشچىلىرىدىن بىرى ئەنگلىيىدە سىياسىي پاناھلىققا ئېرىشتى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2010.10.29
2010.10.29

Youtube ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.
ئۇنىڭ سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسى دەسلەپتە رەت قىلىنغان بولۇپ، تۈنۈگۈنكى ئاخىرقى سوتتا ئىلتىماسى قوبۇل قىلىنغان.
5 - ئىيۇل نامايىشىغا قېتىلغان ياشلاردىن بىرى، شۇ كۈندىكى تۇتقۇندىن ئامان قالغان؛ ئەمما، ئۇ ۋاقىت ئۆتكەنسېرى بىر قىسىم دوستلىرىنىڭ تۇتۇلۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى ۋە غايىپ بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى بايقاپ ئەندىشىگە چۈشكەن. ئۇ بىر مەھەل ۋەزىيەتنى كۆزىتىش ئۈچۈن، خىتاي ئۆلكىلىرىدە مۆكۈپ يۈرگەن، ئەمما ۋەزىيەتتە ئوڭشىلىش بولمىغاندىن كېيىن، چەتئەلگە قېچىپ چىققان.
ئۇ بۇ يىل 6 - ئايدا ئەنگلىيىگە يېتىپ كېلىپ سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن. دەسلەپتە بۇ ياشنىڭ سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسى، "خىتايغا قايتسا خەتەر ئەھۋالدا قالىدىغانلىقىغا ئائىت پاكىتلار يېتەرلىك ئەمەس" دېگەن سەۋەب بىلەن رەت قىلىنغان.
ئارقىدىن ئۇنىڭ ئادۋوكاتى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق تەشكىلاتلار تەمىنلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسەن، تۈنۈگۈن، ئەنگلىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى بۇ ئۇيغۇر ياشنىڭ سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغان.
ئۇ بۈگۈنكى زىيارىتىمىز داۋامىدا ئۆزىنىڭ نامايىشقا قاتنىشىشنىڭ ئالدىدا خىيالىغا كەلگەن ئوي - پىكىرلىرى ۋە ئەنگلىيىدە سىياسىي پاناھلىق تىلەش جەريانىدا بېشىدىن ئوتكەن بىر قىسىم ئەنسىز ئەھۋاللار ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
ئۇ زىيارىتىمىز ئاخىرىدا چەتئەلگە چىقىپ سىياسىي پاناھلىق تىلىمەكچى بولغانلارنىڭ مۇمكىن قەدەر ئۆز ئەھۋالىنى ئىسپاتلايدىغان ماتېرىياللارنى بىرلىكتە ئېلىپ چىقىشىنى؛ ئەگەر قۇرۇق قول چىققان ئەھۋالدا، بىر قاتار قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق تەشكىلاتلارغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.