5 - ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ 3 يىللىقى ۋە ئىز - دېرەكسىز غايىپ بولغانلار مەسىلىسى

چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ھازىر 5 - ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ 3 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىگە جىددىي تەييارلىق قىلىپلا قالماي، ئىز - دېرەكسىز غايىپ بولغانلار مەسىلىسى ئۈستىدە مۇنازىرىلەر ئېلىپ بارماقتا.
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2012.06.27
5-iyul-weqeside-ghayib-bolghanlar-305.png 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كىيىن غايىب بولغان كىشىلەر (سول تەرەپ يۇقىرىدىن سائەت ئىستىرىلىكىسىنىڭ يۆنىلىشى بويىچە): مەمەتئابلا ئابدۇرېھىم، زاكىر مەمەت، مۇختەر مەخەت، تۇرسۇنجان توختى
Photo: RFA


5 - ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ 3 يىللىقى يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنىۋاتقان «5 - ئىيۇلدىن كېيىن ئىز - دېرەكسىز غايىپ بولغانلار» توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا زور تەسىر قوزغىغانلىقى مەلۇم.

ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ قارىشىچە، 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىنكى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكەتلىرى جەريانىدا كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىز - دېرەكسىز غايىپ بولۇپ كەتكەنلىكى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلار ئېغىزدىن - ئېغىزغا كۆچۈپ يۈرگەن بولسىمۇ، بۇ ھەقتە پاكىتلىق بىر ماتېرىيال ئاشكارىلانمىغان ئىدى. 7 - مايدىن بۇيان ر ف ئا دا ئېلان قىلىنىپ كېلىۋاتقان 22 نەپەر غايىپ بولغان ئۇيغۇر توغرىسىدىكى ئۇچۇرلار يالغۇز ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى مۇھىم ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، ئۇيغۇر جامائىتىنى مەزكۇر ۋەقەنى تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ چۈشىنىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىگەن.

گېرمانىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندى بۇ خۇسۇستا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىشتىن ئىلگىرى 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلارغا تەسەللى ھەم سالاملىرىنى يوللىدى. ئۇ 5 - ئىيۇل ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن تۇتقۇن قىلىش ھەرىكەتلىرىنىڭ ھىلىھەم داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، غايىپ بولۇپ كەتكەنلەرنىڭ سانى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، نۇرغۇن ئاتا - ئانىلار خىتاي ساقچى ئورگانلىرىنىڭ بېسىمى ۋە تەھدىتلىرى سەۋەبلىك مەزكۇر ۋەقەدىن كېيىن يوقاپ كەتكەن پەرزەنتىنىڭ ئىز - دېرىكىنى قىلىشقا پېتىنالمىغان. ئۇ سۆزىدە، 5 - ئىيۇل ۋەقەسى جەريانىدا ئېلىپ بېرىلغان قەتلىئامنىڭ بەكلا دەھشەتلىك بولغانلىقىنى، بۇ قىرغىنچىلىقنى مەركىزى ئاسىيا ئەللىرىدىن ساياھەت ياكى تىجارەت بىلەن ئۈرۈمچىگە كىرگەن كىشىلەرنىڭ ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆرگەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندى يەنە، 5 - ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ 3 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاكتىپ ئىشتىراك قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.