ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ شەرقىي ئاسىيا ئىشلىرى دېرىكتورى لوئىيسا خانىم بىلەن سۆھبەت

ئىستانبۇلدا ئېچىلغان خەلقئارا قەلەمكەشلەر يىغىنىنى كۆزىتىش ئۈچۈن ئامېرىكىدىن كېلىپ يىغىنغا قاتناشقان ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى (NED) جەمئىيىتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى دىرېكتورى لوئىيسا خانىم 2009 ‏- يىلى 8 ‏- ئاينىڭ 28 ‏- كۈنى ئىستانبۇلدا، تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىپتار زىياپىتىگە قاتناشتى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺭﯨﺴﻼﻥ
2009.09.01
NED-Luoisa-Turkiyide-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺩﯦﻤﻮﻛﺮﺍﺗﯩﻴﯩﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯛﺵ ﻓﻮﻧﺪﻯ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺩﯨﺮﯦﻜﺘﻮﺭﻯ ﻟﻮﺋﯩﻴﺴﺎ ﺧﺎﻧﯩﻢ 2009 ‏- ﻳﯩﻠﻰ 8 ‏- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 28 ‏- ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻟﺪﺍ، ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﭙﺘﺎﺭ ﺯﯨﻴﺎﭘﯩﺘﻰ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺯﯨﻴﺎﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ.
RFA Photo / Arslan

لوئىيسا خانىم ئىپتار زىياپىتىدە، ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان ياشلار تەشكىلاتى، شەرقىي تۈركىستان ھەمكارلىق جەمئىيىتى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن ئۇچراشتى ھەمدە ئايرىم ‏- ئايرىم سۆھبەتلىشىپ پىكىر ئالماشتۇردى.

ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمئىيىتىنىڭ غايىسى نېمە؟ ئۇيغۇر تەشكىلاتلارغا ياردەم قىلىشتا نېمىلەرنى مەقسەت قىلىدۇ؟ ئۇيغۇرلاردىن نېمىلەرنى كۈتىدۇ؟ بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمئىيىتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى دېرىكتورى لوئىيسا خانىمنى زىيارەت قىلدۇق. لوئىيسا خانىم بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە.

سۇئال: ھۆرمەتلىك لوئىيسا خانىم ئالدى بىلەن سىلەرنىڭ دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمئىيىتىنىڭ غايە ‏- مەقسەتلىرى ھەققىدە سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز؟

دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دېموكراتىيە تەشكىلاتلىرىنى قوللايدۇ، بۇ ئەلۋەتتە خىتايدىكى دېموكراتىك پائالىيەتلەرنىمۇ يەنى "خىتايدا ياشاۋاتقان پۈتكۈل ئىنسانلار قانداق قىلىپ دېموكراتىيە ئىچىدە ياشىيالايدۇ؟" دېگەندەك مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.  بولۇپمۇ تىبەتلىكلەرگە، ئۇيغۇرلارغا ھەتتا ئىچكى موڭغۇلدا ياشاۋاتقان موڭغۇللارغا ئوخشاش خەلقلەرگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ. بۇ خەلقلەر ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي ئىستىقبالىنىڭ بىردىن بىر ئاۋازىدۇر. بۇ سەۋەبتىن دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى سۈرگۈندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بەزى تەشكىلاتلىرىنى مەمنۇنىيەت ئىچىدە فۇند بىلەن تەمىنلەيمىز شۇڭلاشقا ئۇلار ئۆز ئانا ۋەتىنى ئۈچۈن دېموكراتىك بىر كەلگۈسىنى قۇرۇپ چىقىش ئىشلىرىغا قاتنىشالايدۇ.

سۇئال: ھۆرمەتلىك لوئىيسا خانىم سىلەرنىڭ دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى بەزى ئۇيغۇر تەشكىلاتلارنى قوللاپ ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ياردەم قىلىۋاتىدۇ، سىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى نەتىجىلىك خىزمەت قىلىۋاتامدۇ؟

شۇنداق، ئۆتكەن بەش يىلدا، دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىگە، يەنى ۋاشىنگىتوندا "ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى" تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان "ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى لايىھىسى" گە ئۆزىنىڭ تۈنجى ماددىي ياردىمىنى باشلىغاندىن بېرى، بۇ تەشكىلات ۋە باشقا بىز قوللىغان تەشكىلاتلار خەلقئارالىق سەھنىلەردە، ھەر يەردىكى تىنچلىقپەرۋەر كىشىلەرنى ئۇيغۇرلارنىڭ تارتىۋاتقان زۇلۇملىرىدىن خەۋەردار بولۇشقا، ئەھۋالنى چۈشىنىشكە، ھەمكارلىشىش ۋە ياردەم قىلىشقا چاقىرىشتا ھەقىقەتەن ئۆزلىرىنىڭ ئاۋازىنى يۈكسەلدۈردى. شۇڭلاشقا بىرىنچى قەدەم، شۇ ئىنسانلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىدا نېمە ئىشلارنىڭ بولىۋاتقانلىقىنى بىلىشى لازىم، چۈشەنچىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرىدىن قانچىلىك بەھرىمان بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە ئېنىق بىر ئۇقۇم شەكىللىنىشى لازىم. يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، ئۇلار بىر قۇرۇلۇش خىزمىتى، چۈنكى كەلگۈسىدە ئۇلارغا ئۇيغۇرلار تارتىۋاتقان زۇلۇملارنى كەلتۈرۈپ چىقىۋاتقان زوراۋانلىقلارنى يېنىكلىتىش ۋە يوق قىلىش ئۈچۈن ئۇنى تېخىمۇ كۆپ نەتىجىگە ئايلاندۇرۇشتا ئېھتىياج تۇغۇلىدۇ. ئېنىقكى، خەلقئارادىكى تىنچلىقپەرۋەر كىشىلەرنىڭ ۋە چەتئەللىك رەھبەرلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى چۈشىنىشىمۇ مۇھىم، ئەمما، ئەلۋەتتە خىتايلارنىڭمۇ بۇنى چۈشىنىشى ئىنتايىن مۇھىم، بۇ ناھايىتى چوڭ بىر خىزمەت، ۋە مەن ئويلايمەنكى بۇ ھازىر باشلىنىش نۇقتىسىدا، تېخىچە دەسلەپكى قەدەملەردە.

سۇئال: ھۆرمەتلىك لويىسا خانىم دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى ھازىرغىچە پەقەت ئامېرىكىدا قۇرۇلغان ئۇيغۇر تەشىكىلاتلىرىغىلا ياردەم قىلىۋاتىدۇ دېگەن قاراشلار مەۋجۇت باشقا دۆلەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغىمۇ ياردەم قىلىش پىلانىڭلار بارمۇ ياكى پەقەت ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغىلا ياردەم قىلامسىلەر؟

ئەمەلىيەتتە، دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى ئامېرىكىدا يەرلەشكەن ئىككى تەشكىلاتنى فۇند بىلەن تەمىنلەۋاتىدۇ: بىرسى "ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى"، دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى پۈتكۈل جەمئىيەتلەرنى ئەمەس بەلكى ئۇلارنىڭ ھۆججەتلەشتۈرۈش جەھەتتىكى كەسپىي خىزمەتلىرىنى ۋە ئىنسان ھەقلىرىگە ئالاقىدار پائالىيەتلىرىنى، يەنى ئىنسان ھەقلىرىگە ئالاقىدار كەسپىي خىزمەتلىرىنى قوللاۋاتىدۇ؛ يەنە بىرى بولسا رابىيە قادىر تەرىپىدىن قۇرۇلغان، ئۇيغۇر ئاياللىرى ۋە بالىلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى مەقسەت قىلغان "خەلقئارالىق ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى ۋە دېموكراتىيە فوندى". بىزنىڭ باشقا يەنە ئىككى فۇندىمىز بار، يىللاردىن بېرى ئىككى تەشكىلاتنى فوند بىلەن تەمىنلەۋاتىمىز ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتىدۇ، ئۇلار خەلقئارالىق تەشكىلاتلار، ئامېرىكىدىكى تەشكىلاتلار ئەمەس. بىرسى مىيۇنخېندا ئىشخانىسى بار بولغان، دۇنيا مىقياسىدا ئەزالىرى بولغان "دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى". بۇ تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ كۆپىنچىسى سۈرگۈندە ياشايدىغان، ۋەتەنگە قايتىش ئىمكانىيىتى بولمىغان ئۇيغۇرلاردىن تەركىب تاپقان؛ بىز ياردەم قىلىۋاتقان يەنە بىر تەشكىلات بولسا، "خەلقئارالىق ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر كۇلۇبى". بۇ خەلقئارادىكى قەلەمكەشلەر تەرىپىدىن قۇرۇلغان بىر تەشكىلات. "قەلەم - پەن " بولسا " سۆز ئەركىنلىكى" مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. ھەر قايسى تىل گۇرۇپپىسىدىكىلەر ئۆزلىرىنىڭ كۇلۇپلىرىنى قۇرالايدۇ؛ يازغۇچىلار ئۇچرىشىپ كۆز قاراشلىرىنى ئورتاقلىشالايدۇ؛ ھەمدە بىرلىكتە "سۆز ئەركىنلىكى" نى قوغداش ئۈچۈن خىزمەت قىلالايدۇ. شۇڭلاشقا ئېنىقكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ "قەلەمكەشلەر كۇلۇبى" نىڭ بولۇشى ناھايىتى مۇھىم. ئۇيغۇرلار دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتىدۇ ۋە ۋەتىنىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دېموكراتىك ھەق ‏- ھوقۇقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ مەقسىتى ۋە مۇھىم خىزمەتلىرى ئىچىدە يەر ئالىدۇ.

سۇئال: ھۆرمەتلىك لويىسا خانىم سىزنىڭ بۇ قېتىمقى تۈركىيىنى زىيارەت قىلىشتىكى ئاساسى مەقسىتىڭىز ھەققىدە سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز؟

مەن بۇ بىر ھەپتىدىن بېرى "خەلقئارالىق ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر كۇلۇبى" نىڭ بىرىنچى قېتىملىق قۇرۇلتىيىنى كۆزىتىش ئۈچۈن ئىستانبۇلدا تۇرۇۋاتىمەن. گەرچە بۇ كۇلۇب سان جەھەتتىن ناھايىتى ئاز ئەزالاردىن تەركىب تاپقان بولسىمۇ ئەمما ئۇلار ئەزەلدىن يۈز-تۇرانە ئۇچرىشىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلمىگەن. كىشىلەرنىڭ ئۆز-ئارا ئۆگىنىشى، مەملىكەتلىرىدە تارتىۋاتقان زۇلۇملارنى چۈشىنىش، باشقا يازغۇچىلارنى تىڭشاش، روھى جەھەتتىكى ھەمكارلىق، ئوچۇق - يورۇق ۋە ئىنسانىي روھ، سۆز ئەركىنلىكى جەھەتتىكى ئورتاق ھېسسىياتى، ھەمكارلىق ۋە ئورتاق دېموكراتىك قىممەت قاراشلىرى كىشىنى ئىنتايىن روھلاندۇرىدۇ، بۇ خىل ئەھۋاللار دەل دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ مەقسىتىدۇر. دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىدىكى ئىنسانلار بۇنى ئەمەلىي ھەرىكەتتە كۆرۈشتىن، كىشىلەرنىڭ ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن ئەمەس بەلكى زۇلۇم ئىچىدىكى ئىنسانلارغا قول ئۇزارتىشنى خالايدىغانلىقىنى كۆرۈشتىن مەمنۇنىيەت ھېس قىلىدۇ.

سۇئال: ھۆرمەتلىك لويئىسا خانىم ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا دېمەكچى بولغان سۆزىڭىز بارمۇ؟

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ بۇ گۈزەل ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشىنى تىڭشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن، دېمەكچى بولغىنىم شۇ: " ئۇيغۇر دوستلار، مەن سىلەردىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا سىلەرنىڭ دوستلىرىڭلارنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. ئىستانبۇلدىكى بۇ ئۇچرىشىش بۇنىڭ ئەڭ تىپىك مىسالى بولالايدۇ. 18 گە يېقىن دۆلەتتىن كەلگەنلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدىن تۈنجى قېتىم مەلۇم دەرىجىدە خەۋەردار بولغان بولسا، باشقىلار، يەنى خىتاي يازغۇچىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەزالار ئاللىقاچان بۇ خىزمەت ئۈچۈن ئۆز تىرىشچانلىقلىرىنى كۆرسىتىشكە تىرىشىۋاتىدۇ. بۇ يەردىكى ھەممەيلەن، يەنى خەلقئارا قەلەمكەشلەر يىغىنىغا تەخمىنەن 20 دۆلەتتىن كەلگەن قاتناشقۇچىلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرى كۈرەشلىرىگە كۈچ قوشۇش مەقسىتىدە دوستلۇق مەنزىلىگە ئۇلاشتۇق."

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.