ئادنان ئوكتار: شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇم دۇنيانىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەقەسى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺭﯨﺴﻼﻥ
2009.09.25
2009.09.25
RFA Photo / Erkin Tarim
بۇ پروگرامما سامسۇن تېلىۋېزىيىسىدە سۈنئى ھەمرا ئارقىلىق نەق مەيداندىن تارقىتىلدى.
ئەدنان ئوكتار ئەپەندى تېلېۋىزىيە پروگراممىسىدىكى سۆزنى مۇنداق باشلىدى: "شىنجاڭ ۋەقەسىدە خىتاينىڭ مەيدانى بەك قورقۇنچلۇق، ئۇيغۇر تۈركلىرىنى، شەرقىي تۈركىستانلىق يولۋاسلىرىمىزنى شەھىد قىلدى، بىز ئىنتىقام ئالايلى دېمەكچى ئەمەس، ئەمما ئۇلارنىڭ ياقىلىرىنى قويۇپ بەرسۇن، خىتايلار ئاللاھقا ئىشىنەمدۇ ئىشەنمەمدۇ بىلمەيمەن. شەرقىي تۈركىستان چوڭ بىر ئۆلكە، خىتايلار ئۇلاردىن نېمە تەلەپ قىلىدۇ ؟ ئۇلارنى ئەركىن قويۇپ بەرسۇن دىنى ئېتىقادى بىلەن ياشىسۇن. تەڭ كېچىدە ياش قىزلارنى ئۆيىدىن ئېلىپ كېتىدۇ، نەگە ئېلىپ كەتكەنلىكىنى ھېچ كىم بىلمەيدۇ، رەسىملەرنى كۆردۈم ياش قىزلارنى ئۈستىدە سومكا ئېسىلغان ھالدا ئېلىپ كېتىشىۋاتىدۇ، تەڭ كېچىدە 10 مىڭلارچە ياش قىزلارنى ئېلىپ كېتىۋاتىدۇ، نەگە ئېلىپ كېتىۋاتىدۇ، نېمە ئۈچۈن ئېلىپ كېتىۋاتىدۇ؟ بۇنىڭ بىلەن ھېچ كىمنىڭ كارى يوق. خىتايدا قانداق بىر ئادالەت سىستېما بار؟ قانداق دېگەن قانۇن سىستېما بۇ؟"
ئەدنان ئوكتار ئەپەندى سۆزىدە يەنە مۇنداق دېدى: "خىتاي ئەلچىلىككە بىر خەت يېزىپ، ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلدۇق، بىز ئۇلارغا ئۆچمەنلىك قىلىپ جەڭ ئېلان قىلىش ۋەزىيىتىدە ئەمەس، ئەمما ئۇلار بىلەن ئۇچرىشىپ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلايلى، دەپ خىتاي ئەلچىلىككە خەت يازدىم. كىشىلەردە ئۆزىنى قوغداش ھوقۇقى بولسۇن، تۇتۇپ كېتىلگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى ئوققا تۇتۇپ ئۆلتۈرۈۋاتىدۇ، بۇ قايسى خىل قانۇن؟! تەڭ كېچىدە تۇتقۇن قىلىپ، ئوققا تۇتۇپ ئۆلتۈرىدىغان بىر قانۇن بارمۇ؟ خىتايلار زامانىۋى بىر دۆلەت قۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ، بىز ئۇلارنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى خالىمايمىز، بىز ئۇلاردىن يېمەك - ئىچمەكمۇ تەلەپ قىلمايمىز، بىزگە ئىمان - ئېتىقاد ئەركىنلىكىمىزنى بېرىڭلار، راھەت ياشايلى. كىچىكىمدىن باشلاپ مەن خىتايلاردىن بەك بىئارام بولىمەن، داۋاملىق ئىچىمدە شەرقىي تۈركىستان دەپ ئاھ چېكىمەن، نېمە دېگەن قورقۇنچ بىر شەيئى. تەڭ كېچىدە كۆزلىرى يۇمۇق، جىنغا ئوخشاش سۈرەتلىك ئىنسانلار ئۆينىڭ دەرۋازا ئالدىغا كېلىدۇ، ۋە بىز بىلەن ماڭ دەيدۇ، نېمە ئۈچۈن دەپ سورىسا، مەلۇم ئەمەس دەيدۇ، جىنايىتىم نېمە؟ دەپ سورىسا مەلۇم ئەمەس دەپ جاۋاب بېرىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆزىنى قوغداش ھوقۇقى بارمۇ؟ يوق. ئۇلارنى ئاپىرىپ چوڭقۇر ئازگالنىڭ ئالدىغا تىزىدۇ ۋە ئوققا تۇتۇپ ھەممىنى ئۆلتۈرىدۇ، بۇ خىلدىكى ئۆلتۈرۈش ئارقا ئارقىدىن داۋام قىلدى، بۇ ئۆلتۈرۈشلەرگە تويمىدىمۇ، خىتايلار ئىنساپ قىلىپ بۇ مىللەتنىڭ ياقىسىنى قويۇپ بەرسۇن."
ئەدنان ئوكتار ئەپەندى سۆزىدە يەنە پۈتكۈل دۇنيا ئىتتىپاقلىشىپ خىتايغا بېسىم ئىشلىتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: "بۇ شەرقىي تۈركىستان ۋەقەسى ئۇيغۇر تۈركلىرى ۋەقەسى دۇنيانىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق ۋەقەسىدۇر، بۇ ھەقتە چوڭقۇر خىزمەت ئېلىپ بېرىش لازىم، دۇنيانىڭ نۇرغۇن دۆلەتلىرى بۇ ۋەقەگە نىسبەتەن ئۇخلاۋاتىدۇ، بۇ ۋەقەگە نېمە ئۈچۈن ھېچ قانداق دۆلەت كۆڭۈل بۆلمەيدۇ، سوتقا تارتىلماستىن ئۆلتۈرۈلۈۋاتىدۇ، يەنى سوت مەھكىمىسىگە ئېلىپ چىقىش، ئۆزىنى ئاقلاش پۇرسىتى يوق، ئۇلارنىڭ ئەسلىدە جازالىغۇدەك جىنايەت يوق."
ئەدنان ئوكتار ئەپەندى سۆزىدە يەنە، 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە خىتايلار ئېلان قىلغاندەك 200 كىشى ئەمەس بەلكى 10 مىڭ كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى: "خىتايلار ئۇ ۋەقەدە 200 كىشى ئۆلدى دېدى، ئۇنداق بولسا ئۇ يەردىكى 10 مىڭلارچە ئىنسان نەگە كەتتى؟ بۇلار ئۇ يەردىكى گۈزەل ياش قىزلارنى نەگە ئېلىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ، شەرقىي تۈركىستانلىق گۈزەل كېلىشكەن، دىندار، تەقۋادار ياش قىزلىرىمىزنى مەجبۇرى ئېلىپ كېتىۋاتىدۇ، بۇنى ئويلاپ سۆزلەپ قويۇش بىلەن كۇپايە قىلمايدۇ، بۇ ئىشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بولۇپ خىزمەت ئىشلەش كېرەك. ئەپسۇسلىنارلىق بىلەن ئۇلارنىڭ ئاۋازىمۇ ئانچە ئاڭلانمايدۇ، بىر خانىم بار ئۇيغۇرلارنىڭ ئانىسى دېيىلگەن ئىسمى رابىيە قادىر، ئۇ خانىمنىمۇ ھېچكىم قوللىمايۋاتىدۇ، بۇ بەك چوڭ ۋەقە، بۇ مەسىلە ئۈچۈن، پۈتكۈل دۇنيانى زىلزىلگە سېلىش كېرەك. بۇ بەك قورقۇنچلۇق، ۋەھىمىلىك ۋەقە، مەن بۇ ھەقتە بىر كىتاب يېزىۋاتىمەن، يېقىندا نەشىردىن چىقىدۇ، ھەمدە بىز بىر شەرقىي تۈركىستان يىغىنى ئاچىمىز ئەمما بۇلار كۇپايە قىلمايدۇ، چۈنكى خىتايلار كىتابتىن، يىغىن - مۇراسىملاردىن تەسىرلىنىدىغان ئىنسانلار ئەمەس، پۈتكۈل دۇنيا بۇ ھەقتە بولۇپمۇ بىزنىڭ ھۆكۈمىتىمىز، تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر، ئىسلام دۆلەتلىرى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىش كېرەك. ئۇلار قېرىنداشلىرىمىزنى ئەركىن ياشىغىلى قويسۇن، ئەگەر خىتايلار پۇل تەلەپ قىلسا تەلەپ قىلغان پۇلىنى بېرەيلى، ئەگەر ئۇلار پۇلنى كۆزلەپ شۇنداق قىلىۋاتقان بولسا شۇنچىلىك پۇل لازىم، دەپ بىزگە دېسۇن، ئۇ پۇلنى بەرسەڭ ئۇلارنى ئەركىن قويۇپ بىرىمىز دېسۇن، بىز تەلەپ قىلغان پۇلنى بېرەيلى، ئۇلارنى ئەسىر ئالدىم، سۈمۈرىمەن دەيدىغان بولسا ئۇلارنى سۈمۈرگەننىڭ ئورنىغا پۇل ئالسۇن، بىز تەلەپ قىلغان پۇلنى بېرەيلى قېرىنداشلىرىمىزنى ئەركىن قويۇپ بەرسۇن، ئۇلارنىڭ خىتايلارغا نېمە زىيىنى بار؟ ئۇلارنى ئەركىن ياشىغىلى قويسۇن!"
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.