ئابابەكرى قىسىمنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر خەت ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئۇنى خەلقئارانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن مۇخبىرلار ئىزدەشكە باشلىغان ۋە خەت ھەققىدە سۆھبەتلەر ئېلىپ بارغان، جۈملىدىن مەزكۇر خەت ئالبانىيىدىمۇ كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغان.
ئابابەكرى خېتىدە، 2000 - يىلى ئانا يۇرتىدىن ئايرىلىش ئالدىدىكى دەقىقىلەر ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق يازىدۇ: " 2000 - يىلى 30 - دېكابىر. بۇ مەن كىچىككىنە كۆلبەمدە ئۆتكۈزۈۋاتقان ئەڭ ئاخىرقى كېچە ئىدى. ھەممەيلەن ئۇيقۇدىن بىدار ھەتتا ئايالىمنىڭ قورسىقىدىكى 8 ئايلىق قوشماقلىرىممۇ ئۇخلىمىغان ئىدى. ھەممەيلەن سۈكۈتكە چۆمگەن ھەتتا ئەمدىلا ئىككى ياشقا كىرگەن ئوغلۇممۇ شۈك بوپقالغان ئىدى."
دەرۋەقە خەت ئىنتايىن تەسىرلىك يېزىلغان بولۇپ، مەزكۇر خەتنى ئۆز تور بېتىگە چاپلاپ مۇنازىرە ئېلىپ بارغان ئەنگىلىيىلىك مۇستەقىل يازغۇچى ئەندي ۋورتىڭتون، بۇ خەتنىڭ تولىمۇ كۈچلۈك چىققانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى: "مەنچە بۇ خەت بەك تەسىرلىك يېزىلغان. خەتتىكى كەيپىيات ئادەمنى تەسىرلەندۈرىدۇ، بەك كۈچلۈك چىققان. مەن بۇ خەتنى بىر نەچچە تور بەتلىرىگە چاپلىدىم ۋە ياخشى ئىنكاسلار كەلدى. ئىنكاس يوللىغۇچىلارمۇ ئىنتايىن تەسىرلەنگەنلىكىنى ئىپادىلىشىپتۇ. بۇ خەت ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغان بىر ئادەمنىڭ روھىي دۇنياسىغا سىمۋول بولالايدىغانلىقى بىلەن ئالاھىدە پەرقلىنىدۇ."
مەزكۇر خەتنىڭ مۇئەللىپى ئابابەكرى قاسىم شۇنداق بىر خەتنى يېزىپ ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباماغا يوللىشىغا سەۋەب بولغان ئامىللار ھەققىدە توختىلىپ، ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىك دائىرىلىرىنىڭ خاتالىقى سەۋەبىدىن ئۆزىنىڭ ۋە باشقا قېرىنداشلىرىنىڭ گۇئەنتانامودا ئۇزۇن يىل ھەرەج تارتىشقا مەجبۇر بولغانلىقى يەنە بىر قىسىملارنىڭ ھەتتا گۇناھسىز تۇرۇپمۇ داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنىڭ مەزكۇر خەتنى يېزىشقا سەۋەب بولغان ئامىللارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.
ئابابەكرى قاسىم گۇئەنتانامو تۈرمىسىگە 5 يىلدەك سولانغاندىن كېيىن 2006 - يىلى باشقا بەش نەپەر ئۇيغۇر قېرىندىشى بىلەن بىرلىكتە ئالبانىيىگە يەرلەشتۈرۈلگەن ئىدى. ئۇ گۇئەنتانامو تۈرمىسى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ تۈرمىنىڭ ئامېرىكىنىڭ خەلقئارادا ئىناۋىتىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىگە سەۋەب بولغانلىقىنى ۋە بۇ تۈرمىنىڭ تاقىلىشىنى 7 يىلدىن بۇيان كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئىلگىرى گۇئەنتانامو ئۇيغۇرلىرىنىڭ باش ئادۋوكاتى سېيبىن ۋىللەت پرېزىدېنت ئوباماغا مەزكۇر ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى چۈشەندۈرۈپ بىر پارچە خەت يوللىغان ئىدى. ئابابەكرى قاسىمنىڭ بۇ خېتى پرېزىدېنت باراك ئوباماغا گۇئەنتانامودىكى ئۇيغۇر مەھبۇسلار مەسىلىسى ھەققىدە ھازىرغا كەلگۈچە يېزىلغان ئەڭ تەسىرلىك خەت بولۇشى مۇمكىن.
ئەنگىلىيىلىك مۇستەقىل يازغۇچى ئەندي ۋورتىڭتون، ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ مەزكۇر خەتتىن چوقۇم تەسىرلەندى دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: "مەن ئوبامانى مەزكۇر خەتتىن چوقۇم تەسىرلىنىدۇ دەپ ئويلايمەن. مېنىڭچە ئۇ گۇئەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىنىڭ بىر چەتكە قايرىپ قويغىلى بولمايدىغان ھەمدە مۇھىم ئىشلار قاتارىدا بىر تەرەپ قىلمىسا بولمايدىغان ئىش ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يېتىدۇ دەپ ئويلايمەن."
ئابابەكرى قاسىم قاتارلىق 5 نەپەر ئۇيغۇر ياش 2006 - يىلى ئالبانىيىگە يەرلەشتۈرۈلگەندىن بۇيان ئالبانىيىدە ياشاپ كېلىۋاتقان ئىدى. ئۆتكەن يىلى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئادىل ھېكىم شۋېتسىيىدىن پاناھلىق تىلەپ پاناھلىقى قوبۇل قىلىنغان ئىدى. قالغان 4 نەپەر ئۇيغۇر ياش بۈگۈنگە كەلگۈچە ئالبانىيىدە ياشاپ كەلمەكتە.
ئابابەكرى قاسىمنىڭ ئېيتىشىچە ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئالبانىيە خەلقى ئۇلارنى ئۆز قوينىغا ئېلىشقا ھەمدە ئۇلارمۇ مەزكۇر دۆلەتتە تىرىكچىلىك يولى ئىزدەشكە باشلىغان.
