تۈركىيە پرېزىدېنتى ئابدۇللاھ گۈل قەيسەرىدە ئۇيغۇر ئائىلىسىنى زىيارەت قىلدى

تۈركىيە پرېزىدېنتى ئابدۇللاھ گۈل 8 - ئاينىڭ 28 - كۈنى چۈشتىن كېيىن قەيسەرى شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان تۈركىستان مەھەللىسىگە كېلىپ ئەمرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندىنىڭ ئائىلىسىنى زىيارەت قىلغان. ئابدۇللاھ گۈلنى 100 لىگەن ئۇيغۇرلار كۈتۈۋالغان، ئۇ ئۇيغۇرلار بىلەن 20 مىنۇت مۇڭداشقان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2010.08.30
Reis-jumhur-Abdulla-Gul-uygur-oyide-305 ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺘﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼﻫ ﮔﯜﻝ 8 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 28 - ﻛﯜﻧﻰ ﭼﯜﺷﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻗﻪﻳﺴﻪﺭﻯ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻼﺷﻘﺎﻥ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﻪﻫﻪﻟﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﻪﻣﺮﯗﻟﻼﻫ ﺋﻪﻓﻪﻧﺪﯨﮕﯩﻞ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼﻫ ﮔﯜﻝ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ.
RFA Photo / Erkin Tarim

بۇ زىيارەتتە باش مىنىستىردىن باشقا، ئېنېرگىيە مىنىستىرى تانەر يىلدىز ۋە كۆپ ساندىكى پارلامېنت ئەزالىرىمۇ بىللە بولغان. 20 مىنۇتلۇق سۆھبەت جەريانىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى تۈركىيە پرېزىدېنتى ئابدۇللاھ گۈلگە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھاياتى بايان قىلىنغان كىتابنى سوغات قىلدى.

تۈركىيە پرېزىدېنتى ئابدۇللاھ گۈلنىڭ مەزكۇر زىيارىتى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئۆي ئىگىسى ئەمرۇللاھ ئەفەندىگىل ۋە سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىلەرنى تېلېفوندا زىيارەت قىلدۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.