ئالماتادا جامائەت ئەربابى ئابدۇمىجىت روزىباقىيىفنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

يېقىندا ئالماتا شەھىرىدە جامائەت ئەربابى ئابدۇمىجىت روزىباقىيىفنىڭ 100 يىللىقىغا بېغىشلانغان خاتىرىلەش مۇراسىمى بولۇپ ئۆتتى. ئۇنىڭغا ئا. روزىباقىيىفنىڭ ئائىلىسى، ئۇرۇق - تۇغقانلىرى، شۇنداقلا بىر قاتار زىيالىيلار قاتناشتى.

0:00 / 0:00

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان كۆرۈنەرلىك ئالىم، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزاتى رابىك ئىسمائىل ئەپەندى ئا. روزىباقىيىفنىڭ پائالىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.